★若羌县维文网站★
中文版 بايىنغۇلىن ئوبلاسلىق ھۆكۈمەت تورى شىنجاڭ ھۆكۈمەت تورى مەركەز ھۆكۈمەت تورى ساقلىۋېلىڭ باش بەت قىلىۋېلىڭ
بۈگۈن:
    ھازىرقى ئورنىڭىز:باش بەت > ئۇچۇرلار > ئېلان - ئۇختۇرۇش
       
 

ئامبۇلاتورىيىدە داۋالىنىش ھەققىنى ئاتچوت قىلىش ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلدى

 
     〖 〗     

شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنىڭ ئامبۇلاتورىيىدە داۋالىنىش ھەققىنى ئاتچوت قىلىش ئۆلچىمى 22 – سېنتەبىردىن باشلاپ ئۆستۈرۈلدى. بۇ يىل ئىچىدە بىر تۇتاش غەملىنىدىغان فوندىنىڭ ئەڭ يۇقىرى كۆتۈرۈش چېكى جەمئىي 80 يۈەن بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاتچوت دائىرىسى كېڭەيتىلدى.

     ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى داۋالىنىش سۇغۇرتا باشقارمىسىنىڭ باشلىقى تاڭ خېڭيى 21 – سېنتەبىر مۇنداق دېدى: ‹‹10 – سېنتەبىردىن باشلاپ، شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ھەققىنى ئاتچوت قىلدۇرغاندىن باشقا، ئامبۇلاتورىيىدە داۋالىنىش ھەققى ۋە ئامبۇلاتورىيىدە چوڭ كېسەللەرنى داۋالىتىش ھەققىنىمۇ ئاتچوت قىلدۇرالايدۇ. 2007 – يىلىدىن باشلاپ، بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئامبۇلاتورىيىسىدە داۋالانسا، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ھەر يىلقى غەملىمە فوندىدىن 30 يۈەن چىقىرىپ، ئائىلە ئەزالىرى ئورتاق ئىشلەتسە بولىدۇ. ‹ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چارىسى(سىناق يولغا قويۇلىدۇ) توغرىسىدىكى تولۇقلىما ئۇقتۇرۇش›قا ئاساسەن، سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار، قۇرامىغا يەتكەنلەر، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئامبۇلاتورىيىدە داۋالىنىش ھەققىنى ئاتچوت قىلدۇرالايدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئامبۇلاتورىيىدە داۋالىنىشقا ئالاقىدار بەلگىلىمە ئىناۋەتسىز››.

     شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار بېكىتىلگەن مەھەللە سەھىيە داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئامبۇلاتورىيىلىرىدە داۋالانغاندا، داۋالىنىش ھەققى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كەلسە، غەملىمە فوندىدىن %40 بويىچە يىللىق غەملىمە فوندىدىن ئەڭ يۇقىرى بولغاندا جەمئىي 80 يۈەن ئاجرىتىلىدۇ.

     شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنىڭ ئامبۇلاتورىيىدە ئېغىر كېسەللەرگە دىئاگنوز قويۇش تەرتىپى شەھەر– بازار ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئامبۇلاتورىيە ئالاھىدە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەرگە دىئاگنوز قويۇشتىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئىجرا قىلىنىدۇ. دىئابىت كېسىلىنىڭ بۆرەكنى رېنتىگىندە تەكشۈرۈش، ھەرخىل يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەرنى ئامبۇلاتورىيىدە فىزىكىلىق، خىمىيىلىك داۋالاش ۋە قان كېسەللىكلىرىگە قارىتا غەملىمە فوندىدىن %50 بويىچە پۇل ئاجرىتىلىدۇ، يىللىق غەملىمە فوندىدىن ئەڭ يۇقىرى بولغاندا، 3000 يۈەن ئاجرىتىلىدۇ.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى               ئىجتىمائىي سۇغۇرتاباشقۇرۇش ئىدارىسىدىن : تۇردى غۇجائەھمەد    

   
无标题文档
     
  باشقۇرغۇچى ئورۇن :شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك خەلىق ھۆكۈمىتى

ئۈستىگە ئالغۇچى ئورۇن:شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى

(ئالاقىلىشىڭ :7102165 (0996