★若羌县维文网站★
中文版 بايىنغۇلىن ئوبلاسلىق ھۆكۈمەت تورى شىنجاڭ ھۆكۈمەت تورى مەركەز ھۆكۈمەت تورى ساقلىۋېلىڭ باش بەت قىلىۋېلىڭ
بۈگۈن:
    ھازىرقى ئورنىڭىز:باش بەت > ئۇچۇرلار > ئېلان - ئۇختۇرۇش
       
 

شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمىدە ئۆزگىرىش بولدى

 
     〖 〗     

  22 – سېنتەبىردىن 31 – دېكابىرغىچە، شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 2010 – يىللىق ئالاقىدار ھەقلەرنى تاپشۇرسا بولىدۇ. ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ئەڭ دەسلەپكىسىدىن 20 يۈەن ئۆستى، ئۆستۈرۈلگەن قىسمى مالىيىدىن تولۇقلىما قىلىنىدۇ.

     ئىگىلىنىشىچە، شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش ۋاقتى ھەر يىلى 1 – سېنتەبىردىن 31 – دېكابىرغىچە بولىدىكەن. ۋاقتىدا تاپشۇرمىغان شەھەر – بازار ئاھالىلىرى شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ.

     قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمى دەسلەپكى 180 يۈەندىن 200 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى. كونكېرت ئۆلچىمى ھەر بىر ئادەم يىلدا 120 يۈەن بولۇپ، مالىيە تولۇقلىمىسى 80 يۈەن. شەھەر ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولغۇچىلارنىڭ 200 يۈەن سۇغۇرتا ھەققىنىڭ ھەممىسى مالىيىدىن تولۇقلىما قىلىنىدۇ. ‹‹مېيىپلىك كىنىشكىسى›› بارلار ئىچىدىكى 60 ياشقا توشقان ئەرلەر، 55 ياشقا توشقان ئاياللار ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كىرىمى مۇشۇ شەھەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولغان ياشانغانلار 60 يۈەندىن سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرىدۇ. قالغان 140 يۈەن مالىيىدىن تولۇقلىما قىلىنىدۇ.

     ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار، ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمى ئەڭ دەسلەپكى 80 يۈەندىن 100 يۈەنگە يەتكۈزۈلدى. كونكېرت ئۆلچىمى ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تاپشۇرىدىغان ھەق ئۆلچىمى بويىچە يىلىغا 20 يۈەندىن تاپشۇرىدۇ. 80 يۈەن مالىيىدىن تولۇقلىما قىلىنىدۇ. تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئائىلىلىرى ئىچىدىكى ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا مالىيىدىن 100 يۈەن تولۇقلىما قىلىنىدۇ. ‹‹مېيىپلىك كىنىشكىسى›› بار ئوقۇغۇچىلار (ئالاھىدە تەربىيىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار، يىلىغا 10 يۈەندىن سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرىدۇ. 90 يۈەن مالىيىدىن تولۇقلىما قىلىنىدۇ.

     شەھەر – بازار ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا تۈزۈمىنىڭ قاپلاش دائىرىسىدە بولمىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلار(كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى)، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار ۋە باشقا كەسپ بىلەن شۇغۇللانمىغان شەھەر – بازار ئاھالىلىرى شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا بولىدۇ. شەرتى توشقانلار شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان خادىملار نوپۇس دەپتىرى، كىملىكىنىڭ ئەسلىي ۋە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، يېقىندا يالاڭباش چۈشكەن بىر سۇڭلۇق رەڭلىك سۈرىتى قاتارلىقلارنى ئېلىپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى مەھەللە باشقارمىسى ئەمگەك كاپالەت ئورنى(پونكىتى)غا تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

     شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا يېتىپ داۋالانغاندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلگەن چىقىملىرى بىر يىل ئىچىدە ئەڭ كۆپ بولغاندا 25 مىڭ يۈەن ئاتچوت قىلىنىدۇ. ئەگەر سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ كۆپ سوممىلىق داۋالاش – قۇتقۇزۇش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار بىريىل ئىچىدە ئەڭ كۆپ بولغاندا 50 مىڭ يۈەن ئاتچوت قىلىنىدۇ.   

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى               ئىجتىمائىي سۇغۇرتاباشقۇرۇش ئىدارىسىدىن : تۇردى غۇجائەھمەد                         

   
无标题文档
     
  باشقۇرغۇچى ئورۇن :شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك خەلىق ھۆكۈمىتى

ئۈستىگە ئالغۇچى ئورۇن:شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى

(ئالاقىلىشىڭ :7102165 (0996