★若羌县维文网站★
中文版 بايىنغۇلىن ئوبلاسلىق ھۆكۈمەت تورى شىنجاڭ ھۆكۈمەت تورى مەركەز ھۆكۈمەت تورى ساقلىۋېلىڭ باش بەت قىلىۋېلىڭ
بۈگۈن:
    ھازىرقى ئورنىڭىز:باش بەت > ئۇچۇرلار > ئېلان - ئۇختۇرۇش
       
 

ئوقۇغۇچىلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش تۇغرىسىدىكى تەشىۋىقات

 
     〖 〗     

چاقىلىق ناھىيلىك شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش تۇغرىسىدىكى ئاساسىي بىملىرى

1. داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمى قانچىلىك ؟

 ئىككى خىل ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمى بار .

(1)   نۇرمال ئوقۇغۇچىلار : ھەربىر ئادەم  30 يۈەن

(2)  مەكتەپتىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىلىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، مېىيپ ئوقۇغۇچىلار : ھەربىر ئادەم 20 يۈەن.

سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ھەق تاپشۇرغاندىن كىيىن ، داۋالىنىش كارتىسدىكى ئامبۇلاتۇرىيەدە كىسەل كۆرسۈتىش ھەق ئۆلچىمى قانچىلىك ؟ ئوقۇغۇچىلار سۇغۇرتىغا قاتناشقاندىن كىيىن بەھرىلىنىدىغان ھەق ئۆلچىمىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى چېكى قانچىلىك ؟

ئوقۇغۇچىلار سۇغۇرتىغا قاتناشقاندىن كىيىن ھەربىر ئادەمنىڭ شەخسى ھېساۋاتىغا ئامبۇلاتۇرىيەدە كېسەل كۆرسىتىشى ئۈچۈن  بىر يىلدا ( داۋالىنىش كارتىسىغا) 30 يۈەن كىرگۈزۈپ بېرىلىدۇ . ھەر بىر ئادەمنىڭ بىر يىلدا بالنىستا يېتىپ داۋالىنىشتىن بەھرىمان بولىدىغان ئەڭ يوقۇرى چەك ئۆلچىمى 135مىڭ يۈەن بولىدۇ . 

ناھىيمىزدە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۈغۇرتىسى باشلانغاندىن (2008-يىلى 6-ئايدىن ) ھازىرغىچە ئالاھىدە كېسەل بىلەن ئوبلاست سىرتىدا 5 نەپەر ئوقۇغۇچى داۋالىنىپ كەلگەن بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي داۋالىنىش چىقىمى 59 مىڭ 700 يۈەن بولغان ، ئاتچوت قىلىنىغىنى 39 مىڭ 800 يۈەن بولۇپ  %67 ئاتچوت قىلىنغان.

بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە ؛ 7 ياشلىق بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچى 2008-يىلى 11- ئاينىڭ 13- كۈندىن 2008-يىلى 12- ئاينىڭ 18 – كۈنىچىگە ئۈرۈمچىدىكى دوختۇر خانىدا 35 كۈن  داۋالىنىپ، داۋالىنىشقا 50مىڭ 800 يۈەن كەتكەن، بۇنىڭدىن 30 مىڭ 500 يۈەن ئاتچوت قىلىنغان . 8 ياشلىق يەنە بىر ئوقۇغۇچى 2009-يىلى 2- ئاينىڭ 3-كۈندىن 2009-يىلى 2- ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدىكى دوختۇر خانىدا داۋالانغان ، داۋالىنىشقا  4 مىڭ 400 يۈەن كەتكەن ، بۇنىڭدىن 1800 يۈەن ئاتچوت قىلىنغان .

   

شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش تۇغرىسىدا مەسلىھەت سورىماقچى بولسىڭىز

چاقىلىق ناھىيىلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسىغا كېلىپ مەسلىھەت سورىسىڭىز ياكى  7102351 غا تېلفۇن قىلىپ مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ  

 

   
无标题文档
     
  باشقۇرغۇچى ئورۇن :شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك خەلىق ھۆكۈمىتى

ئۈستىگە ئالغۇچى ئورۇن:شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى

(ئالاقىلىشىڭ :7102165 (0996