ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ « ئىشىچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇختۇرشىنىڭ روھىغا ئاساسەن ئوبلاستىمىز 2009-يىل 4-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئۆز ئەمەلىيتىگە بىرلەشتۈرۈپ ، شەھەر بازارلاردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا قارىتا تۆۋەندىكىدەك بىرنەچچە تۈرلۈك تەڭشەش ئېلىپ باردى .
1. شەھەر بازار ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى چىقىم قىلىش چېكى ئەسلىدىكى 30 مىڭ يۈەندىن 50 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى .
2. ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ بالنىستا يېتىپ داۋالىنىشنىڭ ئاتچوت نىسبىتى تەڭشەلدى . ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ ئۈچ مۇندەرىجە ئىچىدىكى ‹ ب › تۈردىكى دۇرىلار، داۋالاش تەكشۈرۈش تۈرىنىڭ شەخىسلەر ئالدىن مەلۇم نىسبەت بويىچە ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغان چىقىم ئۆلچىمىنىڭ ئەسلىدىكى %15 قىسىمى % 10 گە تۆۋەنلىتىلدى . ئالاھىدە يۇقۇرى باھالىق داۋالاشتا بىر قېتىملا ئىشلىتىدىغان ماتېرىياللارنىڭ شەخىسلەر ئۈستىگە ئالىدىغان چىقىم قىلىش ئۆلچىمى ئەسلىدىكى %50 دىن %10 گە تۆۋەنلىتىلدى .
ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىچىدىكى ئەڭ يۇقۇرى چىقىم قىلىش دائىرىسىنىڭ ئاتچوت قىلىش ئۆلچىمى 2- دەرىجىلىك دوختۇرخانا ، 2- ب دەرىجىلىك دوختۇرخانا ۋە 1- دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ ئەسلىدىكى %85 ، %89،%93، دىن %93،%93،%97 گە ئۆستۈرۈلدى .
3. ئالاھىيدە ئاستا خارەكتېرلىك كېسەللەرنىڭ ئاتچوت قىلىش ئۆلچىمى تەڭشەلدى . ئوبلاست دائىرىسىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئالاھىدە ئاستا خارەكتېرلىك كېسەللەرنىڭ ئامبولاتورىيەدە دۇرا ئىشلىتىش ۋە تەكشۈرۈش دائىرىسىگە ئۇيغۇن بولغان « ب » تۈرلۈك دۇرىلار ئەسلىدە بەلگىلەنگەن شەخىسلەر مەلۇم نىسبەت بويىچە ئۈستىگە ئالىدىغان چىقىم ئۆلچىمى %15 دىن %10 گە تۆۋەنلىتىلدى . ئاساستا خارەكتېرىلىك بۆرەك زەھىپلىشىشنىڭ ئەسلىدىكى %70 ئاتچوت قىلىپ بېرىش ئۆلچىمى % 93 گە ئۆستۈرۈلدى . قالغان ئاستا خارەكتېرلىك كېسەل تۈرلىرىنىڭمۇ ئەسلىدىكى %70 لىك ئاتچوت قىلىش ئۆلچىمى % 80 قىلىپ ئۆستۈرۈلدى .
4. ئالاھىدە ئاستا خارەكتېرلىك كېسەللىك تۈرلىرىنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلىپ ، ئەسلىدىكى 9 خىل ئالاھىدە كېسەل تۈرىگە يېڭىدىن سېستىمىلاشقان بۆرە چاقىسى كىسەللىكى ، ئاستا خارەكتىرىلىك ھەركەتچان جىگەر ياللۇغى، جىگەر قېتىشش ، تۇتقاقلىق قاتارلىق 4 خىل كىسەللىك تۈرى قوشۇلۇپ جەمىئي 13 خىل ئالاھىدە ئاستا خارەكتېرلىك كىسەل تۈرىگە ئۆزگەرتىلدى.
5. 2007-يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈندىن 2009-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بالنىستا يېتىپ داۋالانمىغان ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش كارتىسىغا 500 يۈەن قوشۇمچە داۋالىنىش ياردەم پۇلى قوشۇپ بىرىلىدۇ .
شەھەر بازار ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا قارىتا
ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئاتچوت قىلنىش ئۆلچىمى ئايرىم – ئايرىم ھالدا 500 يۈەن ئۆستۈرۈلدى .
بۇنىڭدا ئوڭۇشلۇق تۇغۇتنىڭ ئاتچوت ئۆلچىمى ئەسلىدىكى 1500 يۈەندىن 2000 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى . قىيىن تۇغۇتنىڭ ئۆلچىمى ئەسلىدىكى 2000 يۈەندىن 2500 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى . ئوپراتسىيە ئارقىلىق تۇققانلارنىڭ ئۆلچىمى ئەسلىدىكى 3000 يۈەندىن 3500 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى .تۇغۇت مەزگىلىدىكى ئىشىچى خىزمەتچىلەر تۇغۇشتىن بۇرۇن تەكشۈرتۇش قىلغان بولسا ، بىرلا قېتىمدا 1500 يۈەن ئاتچوت قىلىپ بېرىلىدۇ .