قېرىندىشىمىزنىڭ كىسەل ئازابىنى يېڭىشىگە ياردەم قىلايلى ___ ئىئانە توپلاش تەشەببۇسنامىسى___
پۈتۈن ناھىيىمىزدىكى مەمۇرىي ، كەسىپى ، كارخانا ئۇرۇنلار ، ئىجتىمائى تەشكىلاتلار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارغا : سىز بۇ ماقالىنى كۆرگىنىڭىزدە ، بىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ بىز بىلەن ئوخشاش خىزمەت قىلىش ، تۇرمۇش كەچۈرۈش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايسىز ، ئەتراپىمىزدىكى ھەر قانداق بىر قېرىندىشىمىز بۇنداق ئازاپقا دۇچ كەلگەندە ھەرگىزمۇ چەتتە قاراپ تۇرالمايدۇ . بىزدە « تەن ساقلىق ، زور بايلىق » دىگەن تەمسىل بار . سىز ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن خوشال – خورام تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ، كىشلىك غايىڭىز ئۈچۈن توختىماي كۆرەش قىلىۋاتقان پەيتتە ، بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئاستا خارەكتىرلىك بۆرەك زەيىپلىشىش قاتارلىق كۆپ خىل كىسەل ئازابى تارتىۋاتقانلىقىنى بىلمەسلىكىڭىز مومكىن . ئۇ ھازىر ھايات – مامات ئارىلىقىدا رەھىمسىز كىسەل بىلەن قەيسىرانە كۆرەش قىلماقتا ، ئۆزىنىڭ جاسارىتى بىلەن ھاياتىنى داۋاملاشتۇرماقتا . مانا بۇ كىسەل ئازابى تارتىۋاتقان كىشى – دەل بىزنىڭ قېرىندىشىمىز بولغان ناھىيىلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىۋى پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ شۈجىسى يولداش قەيسەر ئەبەيدۇللا . 2009- يىل 3- ئايدا ، يولداش قەيسەر ئەبەيدۇللا ناھىيىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ، ئۈرۈمچى شەھىرىگە ئۆگىنىشكە بارغان ، ئۆگىنىش جەرياندا ، سالامەتلىكى ياخشى بولماي ، لەنجۇ ھەربىي رايۇنى ئۈرۈمچى باش دوختۇرخانىسىدا سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈتكەن . مۇتەخەسىسلەر قېرىندىشىمىز قەيسەر ئەبەيدۇللاغا ئاستا خارەكتىرلىك بۆرەك زەيىپلىشىش ، بۆرەك خارەكتىرلىك يۇقىرى قان بېسىم ، بۆرەك خارەكتىرلىك قان ئازلىق كىسىلىگە گىرىپتار بولغان دەپ دىئاگنوز قويغان ھەمدە بۆرەك ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيىسى قىلمىسا بولمايدىغانلىقى ، بولمىسا ھاياتىغا خەۋپ يىتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان . قېرىندىشىمىز قەيسەر ئەبەيدۇللا بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغاندىن كىيىن ، ھەر خىل تەكشۈرۈشكىلا 40 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل كەتكەن . ئايلىق ئىش ھەققىگە تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامداپ كىلىۋاتقان يولداش قەيسەر ئەبەيدۇللانىڭ ئائىلىسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، زور سوممىدىكى بۆرەك ئالماشتۇرۇش ئوپراتسىيە چىقىمى ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئېغىر ئىقتىسادى بېسىم ۋە روھى بېسىم ئېلىپ كەلدى . ئېھتىمال سىز قەيسەر ئەبەيدۇللانى تۇنۇماسلىقىڭىز مومكىن ، ۋە ياكى قەيسەر ئەبەيدۇللا بىلەن بىرگە خىزمەت قىلغان بولىشىڭىز مومكىن ، بىراق بۇ ئالەمدە كۆيۈنۈش ۋە سەمىيمىيلىكنىڭ چېكى بولمايدۇ . شۇڭا قېرىندىشىمىز قەيسەر ئەبەيدۇللانىڭ كىسەل ئازابىدىن قۇتۇلۇشىغا ھەممىمىز ياردەم قولىمىزنى سۇنايلى . بىزدە « تامار – تامار كۆل تولار » دىگەن تەمسىلمۇ بار . قىلغان ياردىمىڭىزنىڭ قانچىلىك بۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭغا نىسبەتەن بىرخىل كۆيۈنۈش ۋە غەمخورلۇق بۇلۇپ ، سىزنىڭ ئازغىنە ياردىمىڭىز بىر ئائىلىنى قۇتقۇزالىشى ، ئۇنىڭغا ھاياتلىق ئاتا قىلالىشى مومكىن . يولداشلار ، دوستلار ، سىزنىڭ بۇ تەشەببۇسنامىغا ئاكتىپ ئاۋاز قۇشۇپ ، قېرىندىشىمىز قەيسەر ئەبەيدۇللانىڭ كىسەل ئازابىدىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىشىڭىزنى سەمىيمىلىك بىلەن ئۆتىنىمىز . ئالاقىلاشقۇچى ئۇرۇن : ناھىيىلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ، ئورنى چاقىلىق ناھىيىلىك تەشۋىقات مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىدە ئالاقىلاشقۇچى : چاڭ ليۇچاۋ ئالاقىلىشىش تېلفۇن نۇمۇرى : 7102489 13639997555
چاقىلىق ناھىيىلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى چاقىلىق ناھىيىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى
كوممونىستىك ياشلار ئىتتىپاقى چاقىلىق ناھىيىلىك كومىتېتى چاقىلىق ناھىيىلىك قىزىل كىرېست جەمئىيتى
2009- يىل 4- ئاينىڭ 9- كۈنى
|