يېقىندا، قاتناش ـ ترانسپورت مىنىستىرلىكى دۆلەت يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يول قۇرۇلۇشى تورى پىلانى لايىھىيىسىنى تەڭشىگەندە، شىنجاڭ دائىرىسىدىكى 4 لىنىيە يېڭىدىن دۆلەت يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تورى پىلانىغا كىرگۈزۈلۈپ، شىنجاڭدىن ئىچكىرىگە تۇتىشىدىغان يولنى ئۈچكە يەتكۈزدى. 30-مارت، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتىدىن ئىگەللىشىچە، بۇ تۆت تاشيول ئايرىم –ئايرىم ھالدا گەنسۇ ـ مىڭشۇي (گەنسۇ-شىنجاڭ چىگىرىسدا)- بارىكۆل ــــ فۇكاڭ ــــ قۇتۇبى ـــ قاراماي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى (ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1080 كىلومېتر)، شىنجاڭ يېتىمبۇلاق (شىنجاڭ ـــ چىڭخەي چېگىرىسىدا) چاقىلىق ـــ خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى (ئومۇمىي مۇساپىسى 1260 كىلومېتر)، ئۈرۈمچى ــــــ بالغۇنتاي ــــ كورلا ـــ چاقىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى (ئومۇمىي مۇساپىسى 665 كىلومېتر)، ئالاتاۋ ئېغىزى ــــ جىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى (ئومۇمىي مۇساپىسى 90 كىلومېتر)، بۇ تۆت لىنىيە تاشيولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3095 كىلومېتر كېلىدۇ. مەنبە: شىنخۇا تورى شىنجاڭ قانىلى
|