يېڭى يېزا قۇرۇش تەلىپىنىڭ ئۆلچىمىگە ئاساسەن مۇشۇ ئاينىڭ 25-كۈنى غولئېرىق مەھەللە ئەزاسى مەخمۇت مەمەت ئائىلىسىدە يېڭى سالغان ئۆلچەملىك ھاجەتخانىنى كۆرسىتىش ،تەشۋىق قىلىش نەخ مەيدان يىغىنى ئېچىلدى. يىغىنغا پۈتۈن يېزا تەۋەسىدىكى ئىشىچى خىزمەتچىلار ۋە ئامما قاتناشتى ،يېزىلىق قۇراللىق بۈلۈمنىڭ باشلىقى ۋاڭۋېي، يېزىلىق ھۈكۈمەتنىڭ مۇئاۋېن باشلىقى لىتىپ .ئىسلام ئۆلچەملىك ھاجەتخانىنىڭ سېلىنىش ئۇسۇلى ،ئارتۇقچىلىقى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھاجەتخانا سېلىش تۇلۇقلىما سىياسەتلىرىنى تەپسىلى چۈشەندۈردى. يېزىلىق پارتىكۇمنىڭ شۇجىسى ۋە يېزىلىق ھۈكۈمەتنىڭ باشلىقى بۇ خىزمەتنى مۇھىم خىزمەت قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ ۋە ئەتراپلىق تەشۋىق قىلىپ ، ئۆلچەملىك ھاجەتخانىنى پۈتۈن يېزا تەۋەسىدە ئۇمۇميۈزلۈك سېلىپ پۈتتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. غولئېرىق كەنت كومىتىتى ھەبىبە رازاق
|