8-ئاينىڭ10-كۇنى ئۇتام ئەدلىيە پونكىتى ئۇتام يېزىسىنىڭ ئىگىز ئۆستەڭ مۇرەسسە كومىتېتى،غولئېرىق مۇرەسسە كومىتېتى،غەربىي تاتىراڭ مۇرەسسە كومىتېتى،يۇلغۇن ئېرىق مۇرەسسە كومىتېتى قاتارلىق تۆت مۇرەسسە كومىتېتىدىكى مۇرەسسە ئارخىپىنى باشقۇرغۇچى خادىملارغا ئارخىپ باشقۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدا كۇرۇس ئاچتى.كۇرۇس بىر كۇن داۋام قىلدى.كۇرۇسقا8نەپەر ئارخىپ باشقۇرغۇچى قاتناشتى.كۇرۇستا ئارخىپنىڭ تاش قىسمىنى قانداق تولدۇرۇش،ئىلتىماس قىلىش خاتىرىسى،مۇرەسسە خاتىرىسى،خەلق مۇرەسسە كىلىشىمنامىسى،قايتا ئەھۋال ئۇقۇشۇش خاتىرىسى قاتارلىق خاتىرىلەرنى قانداق يېزىش،دەلىل-ئىسپات ماتىرىياللار بولسا ئارخىپنىڭ قايسى ئورنىغا تۇپلەش قاتارلىق مەزمۇنلار بىرمۇ-بىر تەپسىلى سۆزلىنىپ،ئاخىرىدا ئەمىلى مىسال كەلتۇرۇلۇپ،مىسالغا ئاساسەن ئارخىپ ئىشلىنىپ ئۇلگە كۆرسىتىپ بىرىلدى.ئۇنىڭدىن باشقا باش يېرىم يىلدا مۇرەسسە ئارخىپىدا ساقلانغان مەسىلىلەر ئوتۇرغا قۇيۇلۇپ،كۆرسىتىپ بىرىلدى.كۇرسانىتلار بۇ قېتىمقى كۇرۇس ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مۇرەسسە ئارخىپىنى ئىشلەش جەريانىدىكى يىتەرسىزلىكلىرىنى تۇنۇپ يەتتى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇرەسسە ئارخىپىنى ئارخىپلاشتۇرۇشتا ئۆزلىرىگە پۇختا ئاساس سالدى.
|