ئۇتام ئەدلىيە پونكىت خادىملىرى 2010-يىل8-ئاينىڭ1-كۇنىدىن6-كۇنىگىچە ئۇتام يېزىسىنىڭ غولئېرىق كەنىت كومىتېتى،يۇلغۇن ئېرىق كەنىت كومىتېتى،ئىگىز ئۆستەڭ كەنىت كومىتېتى،غەربى تاتىراڭ كەنىت كومىتېتى قاتارلىق تۆت كەنىتتە تۆت مەيدان قانۇن-تۈزۈم تەشۋىقاتى ئېلىپ باردى.تەشۋىقات پائالىيىتىگە تۆت كەنىت كومىتېتىدىكى12مەھەللىدىن جەمئى960نەپەر كىشى قاتناشتى.بۇ قېتىمقى قانۇن-تۈزۈم تەشۋىقات پائالىيىتىدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نىكاھ قانۇنى،يەر ھۆددىگەرلىك قانۇنى،يەر باشقۇرۇش قانۇنى،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى،خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ تەشكىلى نىزامى قاتارلىق قانۇن-نىزاملار تەشۋىق قىلىندى.تەشۋىقات پائالىيىتى نەزىرىيە بىلەن ئەمىلىيەت بىرلەشتۇرۇلگەن ئاساستا،ھازىر يېزىمىزدا كۆپ يۇز بىرىۋاتقان ماجرالار ۋە ئۇلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش ئەھۋالى قانۇن ئاساسلار بىلەن بىرمۇ-بىر ئەمىلى مىسال كەلتۇرۇلۇپ سۆزلىنىپ،تەشۋىقاتقا قاتناشقان ئامما ئارىسىدا ياخشى تەسىر پەيدا قىلدى.بۇنىڭ بىلەن خەلق ئاممىسى يەنە بىر قېتىم قانۇن-تۇزۇم تەربىيىسىگە ئىگە قىلىندى.
|