ناھىيىلىك ئەدلىيە ئىدارىسى ۋاششەرى ئەدلىيە پونكىتى ئىككى ئەمگەكتىن قايتقانلارغا بولغان قانۇن تۈزۈم تەربىيەسىنى نۆۋەتتىكى مۇقۇملۇق خىزمىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ باردى . ۋاششەرى ئەدلىيە پونكىتى 7 – ئاينىڭ 6 – كۈنىدىن 7 – كۈنىگىچە كەنتمۇ كەنت ، ئائىلىمۇ ئائىلە بېرىپ يېزا تەۋەسىدىكى ئىككى ئەمگەكتىن قايتقانلارنىڭ تەكتىنى ئېنىقلاش ، ئىدىيە ، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ، ئۇلارغا قانۇن – تۈزۈم تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ ، يېزا تەۋەسىدىكى 12 نەپەر ئىككى ئەمگەكتىن قايتقانلارنىڭ ئائىلىسىگىچە بېرىپ ، ئۇلار بىلەن بىرمۇ بىر يۈز تۇرانە سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ ، ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئىدىيە ، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگەللىدى ھەم ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى تەشۋىق قىلدى .
|