6.ئاينىڭ 29.كۈنى ناھىيەلىك مائارىپ باش ئىشچىلار ئويۇشمىسى، پارتىيە،ئويۇشما ئالاقىلىشىش يىغىنىنى ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ سېكىرتارى ئەخمەت ئابلىزنىڭ رىياسەتچىلىگىدە ناھىيەلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئاچتى. بۇ قېتىملىق يىغىنغا ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ ياچېيكا شۇجىسى ۋە ئىشچىلار ئويۇشمىسىنىڭ رەئىسلىرى قاتناشتى. ،مائارىپ باش ئىشچىلار ئويۇشمىسىنىڭ رەئىسى يولداش غەيرەت ئابلا بۇندىن كېيىنكى ئويۇشما خىزمىتىنى قانداق قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئېنىق كۆرسەتمە بېرىپ،ئويۇشما خىزمەتىنىڭ فونكىتسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدا سېستىمىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى ئېلىپ باردى. ئاخىرىدا ئىشچىلار ئويۇشما قانۇنىدىن ئۈگۈنىش قىلىندى. ناھىيلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئەمەت يۈسۈپ
|