ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق قىزىل كىرىس جەمئىيىتى داۋالاش ئەترىتىدىكى كەسىپكە پىششىق تېخنىك خادىملار، 2010 -يىلى 5 -ئاينىڭ 20 -كۈنىدىن 21 -كۈنىگىچە جەمئى 2 كۈن ئۇتام يېزىسىدا ئاممىنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش ،ئاياللار كىسەللىكلىرىدىن مەسلىھەت بىرىش ،تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى . بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش ئىلغار تىپلىق جىنسى يول ئەينىكى ئارقىلىق تەكشۇرۇپ دىئاگۇناز قۇيۇش ،ئاياللارنىڭ كۆكرەك قىسىمىنى تەكشۈرۈش ،ۋە باشقا بىيچاۋدا تەكشۈرۈش ،ئاممىغا زور قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقالغان ئېغىرراق كىسەللىكلەرگەقارىتا ئاممىنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىكى قىيىنچىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ،ئۈنىمى ياخشى بولغان دورىلارنى ئىتىۋار باھا بىلەن تەمىن ئەتتى.بۇنىڭ بىلەن ئاممىنىڭ ئۈزىنى تەكشۈرتۈپ كىسەللىكلەرنى ۋاقتىدا بايقاش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتىرىلىپ،كىسەللىكنى يۇشۇرۇش ،ئۈزىنى ساق دەپ تەكشۈرۈشنى قۇبۇل قىلماسىلقتەك ناچار قاراشلىرى تۈگىتىلىپ ،ساغلاملىق توغرىسدىكى تۇنىشى ئۈستى.بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق ئاممىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت بىلىملىرى توغىرىسدىكى تۇنىشى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرى سۈرۈلۈپ ئۇلارنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە بولغان كۆز قارشى تېخىمۇ ياخشىلاندى .
|