بۇ يىل ئەتياز كىرگەندىن بۇيان غولئېرىق كەنىتدىكى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ تىزلىششگە ئەگىشىپ سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر كۈنسايىن كۈپۈيىشكە باشلىدى . غولئېرىق كەنىتى يىل بېشىدىن باشلاپ ئاقما نوپۇسلارنى باشقۇرۇش ، تىزىملاش ، قانۇن - تۈزۈم تەشۋىق تەربيىسى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق خىزمەت ھالقىلىرىنى ئىنچىكە پۇختا ئىشلەپ ، ھازىرغا قەدەر كەنىت بويىچە 294نەپەر ئاقما نۇپۇسىنى تىزىملاپ ئارخىپ تۇرغۇزدى . ئاقما نوپۇسلارغا بولغان تەشۋىق - تەربيىنى يەنىمۇ كۈچەيىتىپ ئىجتىمائى مۇقىملقنى قوغداش ، ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلىش قەدىمىنى يەنىمۇ تىزلىتىش ئۈچۈن 5- ئاينىڭ 17- كۈنى كەچتە غولئېرىق كەنىت كومىتىتى كەنىت تەۋسدىكى ئاقما نوپۇسلارنى تەشكىللەپ يېزىلىق جەمىيەت ئامانلىغىنى ھەرتەرەپلىمە تۈزەش كومىتىتى ، يېزىلىق ساقچىخانا ، يېزىلىق پىلانىلىق تۇغۇت ئىشخانىسى ، يېزىلىق ئەدىليە پونكىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئالاقىدار خادىمىلىرىنى تەكىلىپ قىلىپ ئامانلىق قانۇنى ، جىنايى ئىشلار قانۇنى ، دىنىنى ئىشلارنى باشقۇرۇش نىزامى ، پىلانىلىق تۇغۇت بىلىمىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئاساس قىلغان تەربيىلەش كۇرۇسى ئۇيۇشتۇرۇدى ، كۇرۇس ئۇيغۇر ، خەنزۇ ئىككى خىلدا ئېلىپ بېرىلىپ ، دىھقان ئىشلەمچلەرنىڭ قانۇنى ئاڭ سەۋيىسى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى ، كۇرۇسقا خەنزۇ ، ئۇيغۇر دېھقان ئىشلەمچىلەردىن 180دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى .
|