★若羌县维文网站★
中文版 بايىنغۇلىن ئوبلاسلىق ھۆكۈمەت تورى شىنجاڭ ھۆكۈمەت تورى مەركەز ھۆكۈمەت تورى ساقلىۋېلىڭ باش بەت قىلىۋېلىڭ
بۈگۈن:
    ھازىرقى ئورنىڭىز:باش بەت > خەۋەرلەر > يېزىق خەۋەرلىرى
           
 

ناھىيىلىك پارتىيە مەكتىۋى«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغى تەربىيىسىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش»پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

 
     〖 〗   

---  ناھىيىلىك پارتىيە مەكتىۋى  ---

〖2010-05-14〗  

28-قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغى تەربىيىسى ئېيى پائالىيىتىنىڭ تەلىۋىنى ھەقىقى تۈردە ئەمىلىلەشتۈرۈش ئۈچۈن ناھىيىلىك پارتىيە مەكتىۋى تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېزا ئاساسى قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئامما ئارىسىغا بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغى تەشۋىقات- تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ،ئاساسى قاتلاملارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى،ئىناقلىق،مۇقىملىق خىزمىتى ئۈچۈن ھەقىقى تۈردە خىزمەت قىلىدى.بۇقېتىملىق تەشۋىقات-تەربىيە پائالىيىتى تۆت كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ،تەشۋىقات گۇرۇپپىسى چاقىلىق بازىرى،ئۇتام يېزىسى،تىكەنلىك يېزىسى ۋە ۋاششەرى يېزىلىرىغا بېرىپ،كادىرلار ۋە ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ يۈززتۇرانە تەربىيە ئېلىپ باردى. بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى ياخشى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن پارتىيە مەكتىۋى رەھبەرلىرى تۆۋەندىكى بىرنەچچە تۈرلۈك خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىدى.بىرىنچى:مەكتەپ رەھبەرلىرى يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ،ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى.ئىككىنچى:مەزمۇننىڭ مول،ئۈنۈملۈك بولىشىغا كاپالەتكىك قىلدى. مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن بۇ قېتىملىق تەشۋىقات- تەربىيە پائالىيىتىدە«شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغى تەربىيىسى نىزامى»، «شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى»ھەققىدىكى ئاق تاشلىق كىتاب،شىنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى دىنى مەسىلىلەر ۋە پارتىيىنىڭ دىنى سىياسىتى،چاقىلىقنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىيات ئەھۋالى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئاساس قىلدى.ئۈچۈنچى:سۈپەت ئۆتكۈلىنى چىڭ تۇتتى.مەكتەپ رەھبەرلىرى باشتىن-ئاخىر سىياسىغا،پىرىنسىپقا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇررۇپ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ لېكسىيە ماتىرىيالىنى ئالدىن تەكشۈرۈپ،لاياقەتلىك بولغانلىرىنى ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلدى. 5-ئاينىڭ13-كۈنىگىچە پارتىيە مەكتىۋى ئۇتام يېزىسى ۋە تىكەنلىك يېزىلىرىدا بۇپائالىيەتنى قانات يايدۇرۇپ،شۇجايدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.نۆۋەتتە بۇ پائالىيەت داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.

   
无标题文档
     
  باشقۇرغۇچى ئورۇن :شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك خەلىق ھۆكۈمىتى

ئۈستىگە ئالغۇچى ئورۇن:شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى

(ئالاقىلىشىڭ :7102165 (0996