بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۇتام يېزا غولئېرىق كەنىت كومىتىتى چىلان پەرۋىشىگە بولغان باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ ، چىلاننىڭ سورت - سۈپىتىگە ھەققى تۈردە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يىل بېشىدىن بۇيان تۈرلۈك تەدبرلەرنى قوللنىپ چىلان پەرۋىشىنى ياخشى ئىشلدى . ئەتىياز كىرگەندىن بۇيان 3500مو يەردىكى چىلاننى ئورگانىك ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاش ، چاتاش ، ھاك گۈڭگۈرۈت بىرىكمىسىنى بىر تۇتاش چېچىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملىدى . ھازىرغا قەدەر پۈتكۈل كەنىت تەۋسىدە زىيانداش ھاشارەت ۋە كىسەللىك بايقالمدى . چىلاننىڭ مەھسۇلاتغا ھەققى تۈردە كاپالەتلىك قىلىپ ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى يەنمۇ يۇقىرى كۈتۈرۈشكە پۇختا ئاساس سېلىش ئۈچۈن 2010- يىلى 5- ئاينىڭ 7- كۈنى چۈشتىن ئىلگىرى كەنىت بويىچە چىلاننىڭ ھارام - شاخلىرىنى ئېلىش نەق مەيدان يىغىنى ئېچلىدى ، نەق مەيدان يىغىندا ناھيىلىك ئورمانچلىق ئىدارسى چىلانلىچلىق مۇلازىمەت مەركىزى ، ناھيىلىك دېھقانچلىق ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تېخنىك خادىمىلىرى چىلانىنىڭ يازلىق پەرۋىشىدىن دەرىس سۆزلەپ ، نەق مەيداندا كۆرسەتمە بەردى ، ۋە دېھقانلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بەردى . كۇرۇس ئاخىرىدا يېزىلىق ساقچىخانا مەسئۇللىرى ۋە مەسئۇليەت رايۇن ساقچلىرى جەمىيەت ئامانلىغى ۋە ئىجىتمائى مۇقملقىنى قوغداش جەھەتتە تەشۋىق - تەربىيە ئېلىپ باردى .
|