ئۇتام يېزا غولئېرىق كەنىت كومىتىتىدا چىلانلىق باغلارنىڭ يازلىق پەرۋىشىدىن نەقمەيدان يىغىنى ئېچىلدى 5-ئاينىڭ 7-كۇنى ،ئۇتام يېزا غولئېرىق كەنىت كومىتىتىدا چىلانلىق باغلارنىڭ يازلىق پەرۋىشىدىن نەق مەيدان يىغىنى ئېچىلدى.ناھىيىلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ سەۋىيىسى يۇقىرى ،تەجرىبىسى مول تېخنىك خادىملىرى كەڭ دېھقانلار ئاممىسىغا ئۇيغۇرچە ،خەنزۇچە ئىككى خىل تىلدا چىلاننىڭ ئۇچىنى ئۇزۇش ،بىخ ياندۇرۇش ،شاخ تارتىش ۋە زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق مەزمۇنلاردا ئىنچىكە تەپسىلاتلارغىچە چۇشەندۇرۇپ ،نەقمەيداندا ئۇلگە كۆرسىتىپ بەردى.
|