يېقىنقى يىللاردىن بېرى، چاقىلىق ناھىيسىنىڭ چىلان كۆلىمىنىڭ تەدرىجى ئېشىشىغا ئەگىشىپ، چىلان دەرەخلىرىگە زىيان سالدىغان تۇرلۇك زىيانلىق ھاشارەتلەرنىڭ تۈرىمۇ كۆپەيمەكتە ، زىيان سېلىش كۆلىمىمۇ ئاشماقتا. ناھىيىلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى ‹چاقىلىق ناھىيىلىك پارتىكوم خەلىق ھۇكۇمىتىنىڭ پارتكوم 8-نۆۋەتلىك 5-ئومۇمى يىغىنى (كېڭەيتىلگەن يىغىنى)دىمۇ چىلاندىكى زىيانداش ئاپەتلەرنىڭ مۇكەممەللەشكەن ئونۋىرسال ئالدىنى ئېلىش ، كونترول قىلىش قۇرۇلمىسىنى قۇرۇش پىلانىغا ئاساسەن «چىلاندىكى ئاپەتلەرنىڭ ئونۋىرسال ئالدىنى ئېلىش ، كونترول قىلىش قۇرۇلمىسىنى قۇرۇش لايىھەسى» نى تۇزۇپ چىقتى ھەمدە ئاپتونۇم رايۇن لايىھىسىگە كىرگۇزۈلدى. چىلان زىيانداش جانلىقلىرىنى ئالدىن مەلۇم قىلىش، ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۇچۇن ناھىيىلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى چىلاندىكى زىيانداش جانلىقلىرىنى ئالدىن تەكشۇرۇرپ ئالدىن مەلۇمات بېرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، تىكەنلىك ، ئۇتام يېزىلىرىدا ئايرىم -ئايرىم ھالدا بىردىن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئالدىن تەكشۇرۇش ئۆلچەش ئورنى قۇرۇپ 50مىڭ يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ، ھاشارەتلەرنى ئالدىنى كۆزىتىش مۆلچەرلەش چىرىغىدىن3دانە،ھاشارەت ئۆلتۈرۈش چىرىغىدىن 30دانە سېتىۋالدى ھەمدە بۇ چىراقلارنى مۇۋاپىق چىلانلىق ئىتىزلىرىغا ئورنۇتۇپ مەخسۇس تېخنىك خادىملارنىڭ يىتەكچىلىكى ۋە يېزىلىق ئورمانچىلىق پونكىتىدىكى تېخنىكلارنىڭ ماسلىشىشى ئاستىدا ، زىيانداش جانلىقلارنى كۈزۈتۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلنىپ ، ناھىيىمىزنىڭ چىلان زىيانداش جانلىقلىرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش خىزمتىنى يىتەرلىك پەن تېخنىكىلىق ئاساس بىلەن تەمىنلىلەپ ، بۇ خىزمەتلەرنىڭ ئۇڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلىشىغا پۇختا ئاساس سېلىندى . ھازىر چاقىلىق ناھىيسىدىكى ھەر قايسى يېزىلاردىكى دېھقانلار تېخنىكىلىق ئۇسۇلدا ئورنىتىپ بىرىلگەن ھاشارەتلەرنى ئالدىنى كۆزىتىش مۆلچەرلەش چىرىغى ۋە ھاشارەت ئۆلتۈرۈش چىرىغىدىن ئۇنۇملۇك پايدىللنىپ ،چىلانلاردىكى تۇرلۇك زىيانداش ھاشارەتلەرنى ۋاختىدا ئالدىنى ئالماقتا .
|