ئۇتام يېزىسى «27- قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغى ئېيى» مۇناسىۋىتى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغىدىكى ئىلغار تىپلارنى مۇكاپاتلاش، بىرلەشمە ئەدىبىيات- سەنئەت كىچىلىگى پائالىيىتى ئۆتكۇزدى (غۇجىئابدۇللا ئەخمەت خەۋىرى) 4- ئاينىڭ 27- كۇنى ئاخشىمى ئۇتام يېزىسى يېزىلىق مەدىنىيەت پونكىتىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا داغدۇغىلىق پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ «27- قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغى ئېيى» مۇناسىۋىتى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغىدىكى ئىلغار تىپلارنى مۇكا پاتلاش، بىرلەشمە ئەدىبىيات- سەنئەت كىچىلىگى پائالىيىتى ئۆتكۇزدى. بۇ كىچىلىكتە ئۇتام يېزىسىنىڭ ھەرقايسى كەنىتلىرى ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ تەييارلىغان سەرخىل نۇمۇرلىرىنى يۇقۇرى ماھارەت بىلەن ئۇرۇنلاپ كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى جانلاندۇردى. پائالىيەتتە مەيدىسىگە گۇل تاقىغان 4 نەپەر يېزىمىزدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغىدىكى ئىلغان نەمۇنىلىك شەخىس چوڭقۇر ئالقىشلار ئىچىدە سەھنىگە چىقىپ ئۆزلىرىنىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرىنى تۇنۇشتۇردى، يېزىلىق پارتىكۇم خەلىق ھۇكۇمىتى ئۇلارغا تەغدىرنامە ۋە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى، پائالىيەتتە يەنە 4 كەنىت كومىتىتى تەييارلىغان نۇمۇرلار باھالىنىپ1-، 2-، 3-، 4-، دەرىجىلەر بۇيىچە مۇكاپاتلاندى. ئاخىرىدا ناغرا- سۇناي پەدىلىرى ئەل- نەغمىسى قىلىنىپ كوللىكتىپ مەشرەپ ئۆتكۇزۇلدى. پالىيەتتە بىزنىڭ يېزىمىز ياخشى، يېزىمىزنى كۇرۇپ كەت ۋە چاقىلىق سەنىمى قاتارلىق نۇمۇرلار قىزغىن ئالقىشلارغا ئىرىشتى
|