2009 -يىل 4 -ئاينىڭ 27 -كۈنى چۈشتىن كېيىن ناھىيلىك سۇ ئشلىرى ئىدارىسى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۈگىنىش ئەمەلىيەتتىن ئۈتكۈزۈش پائالىيىتى بويىنچە >> ئىدىيىنى ئازاد قىلىشتا ئىلمىي تەرەققىيات قارشى باشلامچى << دىگەن تىمىدا تەسىرات سۈزلەش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. پائالىيەتكە ئىدارىدىكى بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەرتولۇق قاتناشتى. پائالىيەتكە پارتىيە ياچىكا شۇجىسى جاڭ كەيجى ، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋاڭ لۈنچىڭ بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى . پائالىيەتتە ئالدى بىلەن مۇئاۋىن ئدارە باشلىقى ۋاڭ لۈنچىڭ ناھىيىمىزنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۈگىنىش ئەمەلىيەتتىن ئۈتكۈزۈش ئۈگىنىش لاھىيىسىنى ئوقۇپ ئۈتتى ،ئاندىن ئىدارىدىكى ھەربىر ئىشچى-خىزمەتچى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۈگىنىش پائالىيىتى باشلانغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ئۈگىنىشتىن ئالغان تەسىراتلىرىنى ئۈزىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ جانلىق بايان قىلدى . پائالىيەت ئاخىرىدا پارتىيە ياچىكا شۇجىسى جاڭ كەيجى يولداشلارنىڭ سۈزلىگەن تەسىراتلىرىنى ئومۇمىلاشتۇرۇپ خۇلاسىلىدى شۇنداقلا ھەربىر يولداشتىن بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت داۋامىدا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىدىيىنى ئازاد قىلىشتىكى باشلامچى قىلىپ خىزمەتلەرنى جانلىق قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.
|