★若羌县维文网站★
中文版 بايىنغۇلىن ئوبلاسلىق ھۆكۈمەت تورى شىنجاڭ ھۆكۈمەت تورى مەركەز ھۆكۈمەت تورى ساقلىۋېلىڭ باش بەت قىلىۋېلىڭ
بۈگۈن:
    ھازىرقى ئورنىڭىز:باش بەت > خەۋەرلەر > سۈرەتلىك خەۋەرلەر
           
 

چاقىلىق ناھىيىلىك ئەدلىيە ئىدارىسى پىشقەدەم كادىرلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

 
     〖 〗   

---  چاقىلىق ناھىيىلىك ئەدلىيە ئىدارىسى   ---

〖2012-01-20〗  

چاقىلىق ناھىيىلىك ئەدلىيە ئىدارىسى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا بۇ ئىدارىدىن ئارامغا چىققان پىشقەدەم كادىرلارنى تەكلىپ قىلىپ باھار بايرىمىلىق سۆھبەت يىغىنى ئاچتى.ئىدارە رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئىدارىدىن ئارامغا چىققان پىشقەدەم كادىرلار ۋە ھەرقايسى بۆلۈم ،ئەدلىيە پونكىتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
سۆھبەت يىغىنىدا ،ئىدارە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋاڭ سەيشىيا پىشقەدەم كادىرلارغا ئىدارىنىڭ 2011-يىللىق خىزمەت ئەھۋالى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى قىسقىچە دوكلات قىلدى. ۋە شۇ پۇرسەتتە پىشقەدەم كادىرلارغا چاقىلىق ناھىيىلىك 9-نۆۋەتلىك 2-قېتىملىق ئومۇمى ھەيئەتلەر (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى.
ئىدارە باشلىقى رىشىت ئوسمان ئىدارىنىڭ بۇ يىللىق ئەدلىيە مەمۇرى خىزمەت ۋەزىپىسى ۋە بۇندىن كېيىنكى تەرەققىيات نىشانىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتتى.ھەمدە پىشقەدەم كادىرلارنىڭ پىكىر –تەكلىپلىرىنى ئالدى.
سۆھبەت يىغىنىدا پىشقەدەم كادىرلار ئەركىن –ئازادە پىكىر بايان قىلىپ، ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۇردى.ۋە ئۆزلىرىنىڭ مول خىزمەت تەجىربىلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ،ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈنۇملۈك چارە تەدبىر كۆرسىتىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.ھەمدە ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۆزلىرىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەنلىكىگە رەخمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە ئەدلىيە ئىدارىسى يېڭى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرى سېستىمىسىدىكى خىزمەتچى خادىملارنى يېتەكلەپ ،ئەدلىيە خىزمىتىدە يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى تىلىدى ۋە بۇنىڭغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
سۆھبەتتىن كېيىن ئىدارە رەھبەرلىرى ئارامغا چىققان پىشقەدەم كادىرلارغا بايراملىق ھال سوراش پۇلى تارقىتىپ بەردى. ۋە ئۇلارنىڭ سالامەت بولۇپ، خوشال-خورام بايرام ئۆتكۈزىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۇردى.

   
无标题文档
     
  باشقۇرغۇچى ئورۇن :شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك خەلىق ھۆكۈمىتى

ئۈستىگە ئالغۇچى ئورۇن:شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى

(ئالاقىلىشىڭ :7102165 (0996