★若羌县维文网站★
中文版 بايىنغۇلىن ئوبلاسلىق ھۆكۈمەت تورى شىنجاڭ ھۆكۈمەت تورى مەركەز ھۆكۈمەت تورى ساقلىۋېلىڭ باش بەت قىلىۋېلىڭ
بۈگۈن:
    ھازىرقى ئورنىڭىز:باش بەت > خەۋەرلەر > سۈرەتلىك خەۋەرلەر
           
 

چاقىلىق ناھىيىلىك ئەدلىيە ئىدارىسى ھەربى مەشق ئېلىپ باردى

 
     〖 〗   

---  چاقىلىق ناھىيىلىك ئەدلىيە ئىدارىسى  ---

〖2011-03-22〗  

چاقىلىق ناھىيىلىك ئەدلىيە ئىدارىسى ھەربى مەشق ئېلىپ باردى

2010 -يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئەدلىيە مەمۇرى سېستىمىسىدىكى ئەدلىيە مەمۇرى  خىزمەتچى  خادىملىرىنىڭ خىزمەت فورمىسى بىرلىككە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى ئەدلىيە مەمۇرى خىزمەت فورمىسى كىيىشكە قارىتا بىر قاتار تەلەپلەرنى ئوتتۇرغا قويدى.چاقىلىق ناھىيىلىك ئەدلىيە ئىدارىسى فورما كىيىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ،ئەدلىيە مەمۇرى قوشۇنىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلەش، فورما كىيگەندىن كېيىنكى قانۇن مۇلازىمىتى ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ۋە قوشۇننىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە جەڭگىۋارلىق كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن،ئەتراپلىق مەشق پىلانى تۈزۈپ، چاقىلىق ناھىيىلىك قوراللىق ساقچى ئوتتۇرا ئەترىتىدىن كوماندىر تەكلىپ قىلىپ، 3-ئاينىڭ 17-18-كۈنىلىرى ئىدارىدىكى ئەدلىيە مەمۇرى كادىر-ساقچىلىرىغا قارىتا ئىككى كۈنلۈك ھەربى مەشق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.
گەرچە مەشق ۋاقتى قىسقا بولسىمۇ مەشق مەزمۇنى مول ۋە تولۇق  بولۇپ،  كوماندىر ۋە كادىر-ساقچىلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئاساسى ماھارەتلەر تولۇق ئىگەللىنىپ ياخشى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.ھەربى مەشق ئارقىلىق ھەر-بىر ئەدلىيە مەمۇرى كادىر ساقچىسىنىڭ قىياپىتىدە ئۆزگۈرۈش بولۇپ، خىزمەتداشلار ئوتتۇرسىدىكى دوستلۇق كۈچەيتىلدى. بولۇپمۇ پۈتۈن  كادىر-ساقچىلارنىڭ ئىرادىسى چېنىقتۇرۇلۇپ، ئىنتىزام ئېڭى كۈچەيتىلدى.  ۋە كۆزلەنگەن مەشق مەقسىدى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى


چاقىلىق ناھىيىلىك ئەدلىيە ئىدارىسىدىن ئامىنەم ياسىن خەۋىرى
                                     

   
无标题文档
     
  باشقۇرغۇچى ئورۇن :شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك خەلىق ھۆكۈمىتى

ئۈستىگە ئالغۇچى ئورۇن:شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى

(ئالاقىلىشىڭ :7102165 (0996