چاقىلىق ناھىيىلىك ئەدلىيە ئىدارىسى خەلق مۇرەسسەسى قوشۇن قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ،ھەر دەرىجىلىك مۇرەسسە تەشكىلاتلىرىنىڭ فۇنكىسىيىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق مۇرەسسە خادىملىرىنىڭ زىددىيەت ۋە ماجرالارنى مۇۋاپىق كېلىشتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش، خەلق مۇرەسسە خىزمىتىنىڭ كەڭ ۋە چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،خەلق مۇرەسسە خادىملىرىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدىكى بىرىنچى مۇداپىئە سېپىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، 3-ئاينىڭ 16-كۈنى ناھىيىلىك پارتىيە مەكتىۋىدە بىر كۈنلۈك ناھىيە بويىچە خەلق مۇرەسسە خادىملىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى ئاچتى ناھىيىلىك پارتىكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى،سىياسى قانۇن كومىتىتىنىڭ شۇجىسى،خەلق قۇرۇلتىيى پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خاۋ، ناھىيىلىك سىياسى كېڭەش پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىسى شازادەم زايىت، ناھىيىلىك سىياسى قانۇن كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى فەن جىئاڭمىن قاتارلىق ناھىيە رەھبەرلىرى كۇرس باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى. بۇ قېتىمقى كۇرستا 2010-يىلدىكى 10نەپەر مۇنەۋۋەر مۇرەسسە خادىمىغا شەرەپ گۇۋاھنامىسى بېرىلدى.يېڭىدىن كۆپەيگەن 10نەپەر مۇرەسسە خادىمىغا گۇۋاھنامە بېرىلدى.2نەپەر مۇنەۋۋەر مۇرەسسە خادىمى ۋەكىلى تەجىربە ئالماشتۇرۇش سۆزى قىلدى. بۇقېتىمقى كۇرسقا ناھىيە بويىچە ھەرقايسى مۇرەسسە كومىتىتلىرىنىڭ مۇدىرلىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى،مۇرەسسە گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىرى ۋە بارلىق مۇرەسسە خادىملىرى بولۇپ جەمى 200دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. كۇرستا كۇرسانتلارغا ئايرىم-ئايرىم خەنزۇچە ،ئۇيغۇرچە ئىككى خىل تىلدا خەلق مۇرەسسە تەشكىلاتىنىڭ خارەكتىرى، ۋەزىپىسى، خىزمەت پىرىنسىپى، خەلق مۇرەسسە خىزمەت تۈزۈمى،خىزمەت تەرتىۋى ۋە ئاساسى ئۇسۇللىرى، ھەم ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەر سۆزلەپ چۈشەندۈرۈلدى. بۇ قېتىمقى كۇرس ئارقىلىق كەڭ ئاساسى قاتلام خەلق مۇرەسسە خادىملىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى خەلق مۇرەسسە خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشى ئېشىپ، ئۇلارنىڭ ئومۇمى ۋەزىيەت ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭى كۈچەيتىلىپ، چاقىلىقنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە چاقىلىقنى ئالدىن تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى. 

چاقىلىق ناھىيىلىك ئەدلىيە ئىدارىسى ئامىنەم ياسىن
|