چاقىلىق ناھىيسى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ89يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئايىرىم-ئايىرىم ھالدا6- ئاينىڭ29-كۇنى ۋە30-كۈنى كەچتە،ناھىيلىك پارتىكوم ،ناھىيلىك خەلق ھۆكۆمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن ناھىيلىك تەشۋىقات بۆلۈمى ،ناھىيلىك تەشكىلات بۆلۈمى ،ناھىيگە بىۋاستە قاراشلىق ئورگانلار خىزمەت كومتىتى ،ناھىيلىك مەدەنىيەت –تەنتەربىيە ئىدارىسى بىرلىشىپ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگەمىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ،گۈزەل چاقىلىق بەرپا قىلايلى تېمىسىدا ئىنقىلاۋىي ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى . مۇئاۋىن ھاكىم ھەبىبەم تۇردى مۇسابىقىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆزقىلدى .بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە ھەرقايسى ئىدارە –ئورۇنلار ،يېزا –بازارلاردىن بولۇپ 19ۋەكىللەر ئۆمىكى،49نەپەر ماھىر قاتناشتى .ماھىرلار ئۆزىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ ،جۇشقۇن ناخشا سادالىرى بىلەن پارتىيىنى مەدھىيلەپ سىنى سۆيىمەن جۇڭگو ،پارتىيە سۆيۈملۈك ئانام ،جۇڭگو مىنىڭ قەلبىمدە قاتارلىق20دىن ئارتۇق ئىنقىلاۋىي ناخشىلارنى ئورۇنلىدى .مۇسابىقە كوللىكتىپ ناخشلار ،يالغۇز كىشلىك ناخشلار ،مىللى چالغۇدا ئورۇنلىغان ناخشلار قاتارلىق نۇمۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ،ئويۇن مەيدانى ئىنتايىن جۇشقۇن كەيپىياتقا تولدى . 
سۈرەتتە-:كوللكىتىپ ناخشا ئىيتىش مۇسابقىسىدىن كۆرۇنۇش 
سۈرەتتە-:يالغۇز كىشلىك ناخشا ئىيتىش مۇسابىقىسىدىن كۆرۇنۇش
|