★若羌县维文网站★
中文版 بايىنغۇلىن ئوبلاسلىق ھۆكۈمەت تورى شىنجاڭ ھۆكۈمەت تورى مەركەز ھۆكۈمەت تورى ساقلىۋېلىڭ باش بەت قىلىۋېلىڭ
بۈگۈن:
    ھازىرقى ئورنىڭىز:باش بەت > خەۋەرلەر > سۈرەتلىك خەۋەرلەر
           
 

ۋاششەرى يېزىسىدا « بىرلەشمە خەۋەرلىشش لوڭقىسى» نى تالىشىش ئات بەيگىسى ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

 
     〖 〗   

---  تۇردى عۇجائەھمەت  ---

〖2010-03-11〗  

     جۇڭگۇ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش چاقىلىق ناھىيلىك تارماق شىركىتى ۋاششەرى تىجارەت ئورنىنىڭ مەسئۇلى، مۇناۋەر ياش ھېكىمجان ياسىن مەبلەغ  ئاجىرتىپ، ۋاششەرى يېزىسىدىكى ھەرمىللەت دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ مەنىۋى – مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېىتىش، « 8-مارىت » خەلقئارا ئايالار بايرىمىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن « بىرلەشمە خەۋەرلىشش لوڭقىسى» نى تالىشىش، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئەن-ئەنىۋى تەنھەركەت پائالىيەت تۈرلىرىدىن  بولغان  ئات بەيگىسى ، ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسى ئويۇشتۇردى .

  بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ناھايىتى كەسكىن ئېلىپ بېرىلىپ ، ھەر بىر چەۋانداز ئۆز ماھارەتلىرىنى تۇلۇق نامايەت قىلىپ  « بىرلەشمە خەۋەرلىشش لوڭقىسى» نى قولغا كەلتۇرۇشكە تىرىشتى.

مۇسابىقە ئاخىرىدا ئات بەيگىسى مۇسابىقىسى بويىچە ،بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن چەۋانداز 500 يۈەن قىممىتىدىكى بىريانفۇن ، ئىككىنچىكىككە ئېرىشكەن چەۋەنداز 200يۈەن نەق پۇل، ئۈچۈنچىلىككە ئېرىكەن چەۋەنداز 100يۈەن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلاندى .

 ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسى بويىچە ، ئوغلاقنى تارتىۋېلىپ بەلگىلەنگەن ئورۇنغا ئېلىپ بېرىپ تاشلىغۇچى چەۋەنداز، چىمپىيۇنلۇققا ئېرىشىپ « بىرلەشمە خەۋەرلىشش لوڭقىسى» ھەم 500 يۈەن قىممىتىدىكى بىر يانفۇن بىلەن مۇكاپاتلاندى .

   
无标题文档
     
  باشقۇرغۇچى ئورۇن :شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك خەلىق ھۆكۈمىتى

ئۈستىگە ئالغۇچى ئورۇن:شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى

(ئالاقىلىشىڭ :7102165 (0996