يېقىندا چاقىلىق ناھىيسىدە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى تىزلىتىپ، تۈرلۈك ئىتىۋار بېرىش سىياسەت-تەدبىرلىرىنى بېكىتىپ ۋە ئۇنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقانلارنى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى كۆلۈمىنى كېڭەيتىپ،ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشكە سەپەرۋەرلىك قىلىپ،ناھيىلىك كادىرلار ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىدىن تەربىيەلەش كۇرۇسىغا تەشكىللىدى .بۇ قېتىمقى تەشكىللەش كۇرىسىغا ئوبلاستلىق كەسپى تېخنىكا تەربىيەلەش مەركىزىدىن كەسپى ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ ، ناھىيمىزنىڭ ئەسلىھەلىك تەرەققىيات جەريانى ، سەي-كۆكتات تېرىش ۋە كىرىشۇتۇرپ تېرىش تەرتىۋىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ، پارنىك ياساش ۋە سەي-كۆكتاتلارنى پارنىكتا ئۆستۈتۈش تېخنىكىسى قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ناھىيە تەۋەسىكى يېزا كەنىتلەردە كۇرۇس ئاچتى .
سۈرەتتە : ئۇتام يېزىسىدا ئېچىلىۋاتقان كورۇسنىڭ نەق مەيدان كۆرۈنۈشى
|