بېيىغان دېھقانلار مەنىۋى مەدىنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتماقتا ئۇتام يېزا مەدىنىيەت پونكىتىدىن غۇجىئابدۇللا ئەخمەت خەۋىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چاقىلىق ناھيىسى ئىقتىسادىنىڭ يۇكسىلىشىنىڭ تۇرتكىسىدە دېھقانلارنىڭ ئىختىسادى كىرىمى كۇپۇيۇپ، تۇرمۇشى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ مەنىۋى مەدىنىيەتكە بولغان ئېھتىياجى كۇندىن-كۇنگە ئېشىۋاتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يېقىندىن بۇيان ئۇتام يېزىسىدىكى دېھقان- چارۋىچىلار ئۆزلىگىدىن تەشكىللىنىپ ھېيت-بايرام، شەنبە-يەكشەنبە كۇنلىرى ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، ئىت تالاشتۇرۇش، تۇخۇ سۇقۇشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا، 2009 يىلنىڭ ئاخىرى 2010- يىلنىڭ كىرىشى بىلەن ئۇلار ھەر يەكشەنبە كۇنى ئۇتام يېزا مەدىنىيەت پونكىتىنىڭ ئالدىدا ئىت تالاشتۇرۇش پائالىيىتىبىلەن شۇغۇللىنىپ ئۆزلىرىنىڭ ئىشتىن سىرتقى مەدىنى تۇرمۇشىنى بېيىتماقتا. 

|