شىنجاڭ چاقىلىق 2 – نۆۋەتلىك كروران مەدەنىيەت بايرىمى ۋە كروران چىلان بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى چاقىلىق ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلدى . گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى يېزا ئىگىلىك بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى گو جيەنجۈن ، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكى سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زو چاڭشېڭ ، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى جېڭجۇ مېۋىلىك دەرەخلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ پارتكوم شۇجىسى ، تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ليۇ جۈنپۇ قاتارلىق دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى بۇ قېتىمقى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى . ئاپتونوم رايون ، ئاپتونوم ئوبلاست ، يېزا ئىگىلىك شىسى ۋە قېرىنداش ئورۇنلار ، كارخانىلارنىڭ رەھبەرلىرىمۇ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى . چاقىلىق ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، ھاكىم مەخمۇت ئوسمان ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ، گۇلدۇراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ، يېزا ئىگىلىك ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى يولداش دەي نىڭشياڭ شىنجاڭ چاقىلىق 2 – نۆۋەتلىك كرورەن مەدەنىيەت بايرىمى ۋە 5 – نۆۋەتلىك چىلان بايرىمىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى . بايىغولىن ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تاۋ جۈنيىڭ ، چاقىلىق ناھىيىلىك پارتكوم شۇجىسى خاۋ جيەنمىن قاتارلىق رەھبەرلەر ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى . بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ، ئېچىلىش مۇراسىمىدا چاقىلىق ناھىيىسىدىكى چىلان مۇتەخەسسىسلىرى ۋە تېخنىك خادىملاردىن تەشكىللەنگەن باھالىغۇچىلار باھالاشقا قاتناشتۇرۇلغان چىلانلارنى تېتىپ كۆرۈپ ، باھالاپ نومۇر قويدى . ‹‹ ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇق چىلان 1 – ، 2 – ، 3 – دەرىجىلىك ، ‹‹ ئەلا سۈپەتلىك يېڭى چىلان 1 – ، 2 – ، 3 – دەرىجىلىك ، ‹‹ چىلان پەرۋىش قىلىشتىكى ئون چوڭ ماھىر ›› قاتارلىق مۇھىم مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن ۋاڭ چېڭفا ، ما شىيۈەن ، توختى سۇلايمان ، ما دايەن ، ليۇ جېنچىڭ قاتارلىق ئون نەچچە كىشىگە مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر شەرەپ گۇۋاھنامىسى ۋە مۇكاپاتلارنى تارقىتىپ بەردى . ئىگىلىنىشىچە ، بۇ قېتىمقى مۇكاپاتنىڭ ئەڭ يۇقىرى سوممىسى ئىككى مىڭ يۈەن ئىكەن . مۇراسىم ئاخىرىدا ، ھەر قايسى رەھبەرلەر ۋە يىغىنغا قاتناشقان ھەر مىللەت ئاممىسى نەق مەيداندا كۆرگەزمە قىلىنغان ئون نەچچە خىل چاقىلىق چىلانلىرىنى تېتىپ كۆردى .
ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش
|