چاقىلىق ناھىيسىدە چىلانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن –كۈنگە ياخشىلىنىپ، ئۇلارنىڭ بازارغا بولغان ئېھتىياجى ئېشىپ بېرىۋاتقان پەيىتتە، چاقىلىق ناھىيە ئۇتام يېزىسىدا يېزىلىق پارتىكوم ۋە يېزىلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئويۇشتۇرىشى ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى بىلەن « پەيشەنبە بازار» دىن ئىبارەت سورۇن ھازىرلاندى.
بۇ پەيشەنبە كۈنى بولىدىغان بازاردا ئۇتام يېزا تەۋەسىكى ھەرقايسى كەنىتىكى دېھقان – چارۋىچىلار ئۆزلىرنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرى ، ئۆي تائاملىرى ، مىۋە – چىۋە ، سەي – كۆكتاتلىرى،گوش، كاۋاپ، يەل – يىمىشلىرى ھەتتا كىيىم – كىچەك، گەزمەل ئېلىپ چىقىپ بازارنى ئاۋاتلاشتۇردى .
ناھىيە تەۋەسىكى كەڭ خەلق ئاممىسى پەيشەنبە كۈنى بۇ بازارغا بېرىپ ئۆزلىرىگە كىرەكلىك بولغان نەرسە – كېرەكلەرنى سېتىۋالىدىغان، ئائىلە بويىچە چىقىپ ئۆزلىرى ياقتۇردىغان ئائىلە تائاملىرىدىن غىزالىنىدىغان بولدى .
سۈرەتتە ؛ «پەيشەنبە » بازاردا دېھقان –چارۋىچىلار ئۆزلىرى تېرىغان سەي-كۆكتات، مىۋە – چىۋىلەرنى سېتىۋاتماقتا .
ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن تۇردى غۇجائەھمەد