8 - ئاينىڭ 7 -كۈنى ئاپتونوم ئوبلاسىتلىق 11 -نۆۋەتلىك مېيىپلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كورلا شەھەر ئوبلاستلىق تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى . ناھىيىمىزدىن جەمئىي 8 نەپەر تەنھەرىكەتچى يېنىك ئاتلېتكا ، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ، تىكتاك توپ ، چويۇن توپ قاتارلىق 4 تۈر بۇيىچە مۇسابىقىگە قاتناشتى. مۇسابىقىدە ناھىيىمىز تەنھەرىكەتچىلىرى قەيسەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇپ ، بۇشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق 2 ئالتۇن مېدال 5 كۈمۈش مېدال ، 2 مس مېدالغا ئېرىشىشتىن باشقا يەنە كوللىكتىپ تەشكىللەش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ ناھىيىمىزغا شەرەپ كەلتۇردى . 
يۇقارقى رەسىم ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ كۆرۈنىشى

يۇقارقى رەسىم 100 مېتىرلىق قىسقا ئارلىققا يۆگۈرۈش مۇسابىقىسىدىن كۆرۈنۈش

يۇقارقى رەسىم ناھىيىمىزدىن مۇسابىقىگە قاتناشقا ماھىرلار ۋە خىزمەتچى خادىملار چاقىلىق ناھىيلىك سەھىيە ئىدارسىدىن-:ئايجامال رۇزى
|