★若羌县维文网站★
中文版 بايىنغۇلىن ئوبلاسلىق ھۆكۈمەت تورى شىنجاڭ ھۆكۈمەت تورى مەركەز ھۆكۈمەت تورى ساقلىۋېلىڭ باش بەت قىلىۋېلىڭ
بۈگۈن:
    ھازىرقى ئورنىڭىز:باش بەت > خەۋەرلەر > سۈرەتلىك خەۋەرلەر
           
 

مېيىپلارغا قىلىنغان ئەمىلى غەمخورلۇق

 
     〖 〗   

---  غۇجىئابدۇللا ئەخمەت خەۋىرى  ---

〖2009-05-07〗  

  شىنجاڭ كىرۇران چىلانچىلىق شىركىتى 5- ئاينىڭ 4- كۇنىدىن 7- كۇنىگىچە ناھىيە تەۋەسىدىكى ھەرقايسى يېزا كەنتلەردە مېيىپ دېھقانلارنى يىغىپ چىلانچىلىق تېخنىكا بىلىملىرى بۇيىچە تەربىلەش كۇرسى ئۇيۇشتۇردى. بۇ كۇرۇس 5- ئاينىڭ 6- كۇنى ئۇتام يېزىسىدا يېزىلىق مەدىنىيەت پونكىتىدا ئېچىلدى، كۇرۇستا ناھيلىق مېيىپلار ئىدارىسىنىڭ شۇجىسى ئەخمەت ئابلىز، ئۇتام يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىغى ھەسەنجان يۇسۇپ، شىنجاڭ كىرۇران چىلانچىلىق شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىغى سەيجىگاڭ قاتارلىقلار مۇھىم سۆز قىلىپ پارتىيە ھۇكۇمەتنىڭ، جەمىيەتنىڭ مېيىپلارغا كۇڭۇل بۇلۇشى، مېيىپلارنىڭمۇ تۇرلۇك بىلىملەرنى ئىگەللەپ ئۇزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشى، جۇملىدىن بۇ قېتىمقى چىلانچىلىق بىلىملىرى بۇيىچە تەربىلەش كۇرسىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تۇنۇپ، ياخشى بىلىم ئۆزلەشتۇرۇپ ئۆزىنىڭ چىلانلىرىنى ياخشى پەرۋىش قىلىپ ئىختىسادى كىرىمىنى كۇپەيتىپ تۇرمۇشىنى ياخشىلىشى توغرىسىدا چۇشەنچە بەردى. كۇرسانتلارغا چاقىلىق چىلانچىلىق تېخنىكا كېڭەيتىش ماتىيالى چاقىلىق ناھيىلىك پەن تېخنىكا ئىدارىسى، چاقىلىق ناھيىلىك چىلانچىلىق پەن- تېخنىكا مەركىزى تۇزۇپ باستۇرغان "چىلان تېخنىكىلىق ئۇلگە كۆرسىتىش ئېتىزىنىڭ پەرۋىش قىلىش قوللانمىسى، ئورگانىك يىمەكلىك چىلان پەرۋىش قىلىش تېخنىكا قوللانمىسى" ناملىق 56 پارچە كىتاپ تارقىتىپ بىرىلدى . چاقىلىق ناھيىلىك يېزا ئىگىلىك مەكتىۋىنىڭ مۇدىرى گۇلنىساخان غېنى كۇرسانتلارغا نۆۋەتتىكى چىلانلارنى پەرۋىش قىلىش، پۇتاش، ئۇغۇتلاش، قولتۇقىنى ئېلىش، ئۇچچىنى ياندۇرۇش، ھالقا سېلىش ۋە زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىكى ھالقىلىق تېخنىكا بىلىملىرى جەھەتتە چۇشىنىشلىك دەرس سۆزلەپ كۇرسانتلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشتى. چۇشتىن كىيىن ئېتىز بېشىغا بېرىپ نەخ مەيداندا ئەمىلىيەت ئارقىلىق دەرس ئۇتۇلۇپ ۋە كۇرسانتلارنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاپ بىرىپ ئۇلارنىڭ چىلانچىلىق ئىشلەپ چىقىرىشى جەھەتتىكى تېخنىكا بىلىملىرىنى يۇقۇرى كۇتۇرۇپ ئۆز چىلانلىرىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئختىسادى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ تۇرمۇشىنى ياخشىلىشى ئۇچۇن ئەمىلى غەمخورلۇق قىلىندى.

   
无标题文档
     
  باشقۇرغۇچى ئورۇن :شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك خەلىق ھۆكۈمىتى

ئۈستىگە ئالغۇچى ئورۇن:شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى

(ئالاقىلىشىڭ :7102165 (0996