28-دېكابىر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2012-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا سىملىق رەقەملىك تېلېۋىزورنىڭ تېلېۋىزىيە قوبۇللاش ھەققى يېڭى ئۆلچىمى ئىجرا قىلىنىدىكەن: ئۈرۈمچى، سانجىدىكى سىملىق رەقەملىك تېلېۋىزىيەنىڭ ھەر تېرمىنالى ئېيىغا 25 يۈەن؛ ھەرقايسى ۋىلايەت-ئوبلاستلاردىكى شەھەر ۋە ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ ئېيىغا 24 يۈەن؛ خوتەن شەھىرى، ئاتۇش شەھىرى ۋە پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ناھىيەلەرنىڭ ئېيىغا 20 يۈەن؛ دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيەلەرنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئېيىغا 15 يۈەن بولىدىكەن.
يېڭى ئۆلچەم ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى رايونىدىكى يېڭىدىن تورغا كىرگەن سىملىق تېلېۋىزىيەنىڭ ھەر بىر ئائىلە تېرمىنالىنىڭ تورغا كىرىش ھەققى 350 يۈەن بولۇپ، ھەر بىر تېرمىنال كۆپەيگەندە 50 يۈەن قوشۇپ ئېلىنىدىكەن. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدىكى سىملىق تېلېۋىزىيە تورغا كىرىش ھەققى يەنىلا بۇرۇنقى ئۆلچەم بويىچە ئېلىنىدىكەن.
رەقەملىك تېلېۋىزىيە تېرمىنالى ئىشلەتمەيدىغانلار ۋاقتىنچە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 1-يۈرۈش قانىلى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 1-، 2- 3- يۈرۈش قاناللىرى ۋە شۇ جاينىڭ ئىككى قانىلى بولۇپ، جەمئىي ئالتە يۈرۈش تەقلىدىي سىملىق تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىنى ساقلاپ قالسا بولىدىكەن، ھەق يىغىش ئۆلچىمى ئېيىغا بەش يۈەن بولىدىكەن.
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
|