★若羌县维文网站★
中文版 بايىنغۇلىن ئوبلاسلىق ھۆكۈمەت تورى شىنجاڭ ھۆكۈمەت تورى مەركەز ھۆكۈمەت تورى ساقلىۋېلىڭ باش بەت قىلىۋېلىڭ
بۈگۈن:
    ھازىرقى ئورنىڭىز:باش بەت > خەۋەرلەر > جاھاندىكى ئىشلار
           
 

دۇنيادىكى ئەڭ ئىگىز قۇرۇلۇشلارنىڭ تەرەقىيات تارىخى:ئەلئېھرامدىن دۇبەي مۇنارىغىچە

 
     〖 〗   

---  شىنخۇا تورى  ---

〖2010-01-20〗  

ئامېرىكا «دەۋىر»ژورنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،2010-يىلى1-ئاينىڭ4-كۈنى،دۇنيادىكى ئەڭ ئىگىز ئادەملەر ياسىغان قۇرۇلۇش--دۇبەي خەلپە مۇنارى سىرتقا قارىتا رەسمى ئېچىۋېتىلگەن.خەلپە مۇنارىنىڭ سېلىنىشى كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى ئىختىيارسىز دۇنيادىكى ئەڭ ئىگىز قۇرۇلۇشقا ،قۇرۇلۇش ساھەسىدىكىلەرنىڭ بۇ «ئۇزۇن تۇرا»سىنىڭ تەرقىيات تارىخىنى چۈشۈنۈشكە قاراتتى.

1.مىسىردىكى ئەلئېھرام

تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 2575-يىلىدىن باشلاپ،مىسىردىكى گىزا پرامىدىسى پەقەت مىسىردىكى ئەڭ ئىگىز قۇرۇلۇش بولۇپلا قالماي،دۇنيادىكى ئەڭ ئىگىز قۇرۇلۇش تەرتىپىنىڭ شانلىق تارىخىدا 4000يىل ھۆكۈمىران ئورۇندا تۇرغان.ئەينىڭ ۋاقىتتىكى ئىگىزلىكى تەخمىنەن 146مىتىر بولۇپ،ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئەسلىدىكىدىن تەخمىنەن توققۇز مىتىر پەسلەپ كەتكەن.

 

2.ئەنگىلىيە لىنكولىن چىركاۋى

ئەنگىلىيە لىنكولىن چىركاۋى نۇرغۇن جاپا-مۇشاقەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بىر قۇرۇلۇش.ئۇ 1141-يىللىرى بىر قېتىملىق ئوت ئاپىتىگە ،1185-يىلى بىر قېتىملىق يەر تەۋرەشكە ئۇچىرىغان،ئۇنىڭ مەركىزى مۇنارى 13-ئاسىرنىڭ 30-يىللىرىدا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.ئۇ تەخمىنەن 160 مىتىرلىق ئىگىزلىكى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ ئىگىز قۇرۇلۇش تەختىدە 200يىلدىن ئارتۇق ئولتۇرغان،پەقەت1549-يىلىغا كەلگەندىلا ئاندىن بۇ ئورۇندى ئايرىلغان.

 

3.گىرمانىيە كولون چىركاۋى

14-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا،كولون چىركاۋى ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئىگىز قۇرۇلۇشقا ھۆكۈمىرانلىق  قىلىش تارىخىنى باشلىغان.بىر بىر نەچچە ئەسىر مابەينىدە ،ئېستونىيە،فىرانسىيە ۋە گىرمانىيەنىڭ چىركاۋلىرى ئىزچىل تۈردە دۇنيادىكى ئەڭ ئىگىز قۇرۇلۇشلۇق مەرتىۋىسىنى تالىشىپ كەلگەن.1549-يىلى «塔林圣奥拉夫»چىركاۋى كولون چىركاۋىدىن بۇ ئورۇننى تارتىۋالغان،تاكى 1625-يىلى چاقماقنىڭ زەربىسىگە ئۇچىراپ تۈزلىنىپ كەتكىچە بۇ ئورۇننى قولدىن بەرمىگەن.

 

4.ئامېرىكا ۋاشىنگتۇن خاتىرە مۇنارى

ۋاشىنگتۇن خاتىرە مۇنارىنىڭ ئىگىزلىكى تەخمىنەن 169مىتىر كېلىدۇ،ئۇ ئامېرىكا بىرىنچى زۇڭتۇڭى ۋاشىنگتۇنغا قىلىنغان سوۋغات،بۇ مۇنار ئۇنىڭ ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى دەۋىرىدىكى كۆرسەتكەن تۆھپىسىنى خاتىرلەش ئۈچۈن ياسالغان.
       1848-يىلى ،ۋاشىنگتۇن خاتىرە مۇنارى ياسىلىشقا باشلىغان،لىكىن ئىقتىساد كەمچىل بولغانلىقتىن ،ھەمدە ئىچكى ئۇرۇشنىڭ پارتىلىشى قاتارلىق ئامىللار ۋاشىنگتۇن مۇنارىنىڭ قۇرۇلىشىنى كەينىگە سۆرەۋەرگەن.
       قايتىدىن ياساشنى باشلىغان ۋاقىتتا ،مۇنارنى لاھىيلىگۈچى ئاللىقاچان ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ ،مۇنارنىڭ ئەسلى لاھىيەسىدە ئۆزگىرىش بولغان.ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى لاھىيسى «چوڭ ئوپىراتسىيە»قىلىنغان.
       ۋاشىنگتۇن خاتىرە مۇنارى 1884-يىلى پۈتكەن بولۇپ،ھازىر ساياھەتچىلەر لېفىتتا مۇنارنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئامېرىكا پايتەختىنىڭ مەنزىرىسىدىن(ھەممىسىدىن ئەمەس) ھوزۇرلىنالايدۇ.

 

5.فىرانسىيە ئېيفېل تۆمۈر مۇنارى

 

فىرانسىيەلىكلەر ھەرگىزمۇ ئېيفېل تۆمۈر مۇنارى بولغانلىقتىن ئۆزىنى ماختىمايدۇ،لىكىن ئۇلار بۇ مۇنارنى ياقتۇرىدىغان كىشىلەرنى بەكمۇ ياقتۇرىدۇ.1889-يىلى قۇرۇلۇش تاماملانغاندا،ئېيفېل تۆمۈر مۇنارىنىڭ ئىگىزلىكى رىم سانت پېتر چىركاۋىنىڭ يۇمىلاق ئۈگىزىسى ۋە گىزا پرامىدىسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغىرا كەلگەن.فىرانسىيەلىكلەرنى پەخىرلەندۈرىدىغىنى ئېيفېل تۆمۈر مۇنارىنىڭ ئىككى يىلدىلا پۈتۈپ بولغانلىقى،قۇرۇلۇش قىلغان خىزمەتچىلەرنىڭ سانى پەقەتلا 300 ئادەم،تەننەرخى ئاران بىر مىليۇن 500مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولغان.
        1889-يىلى،ئېيفېل تۆمۈر مۇنارى سىرتقا قارىتا ئېچىۋېتىلدى،ھەم دۇنيا كۆرگەزمىسىنىڭ كىرىش ئىشىكى قىلىندى.1930-يىلى نىيۇيورك Chrysler سارىيى پۈتكۈچە ئېيفېل تۆمۈر مۇنارى دۇنيادىكى ئەڭ ئىگىز قۇرۇلۇش بولۇپ تۇرغان.ئېيفېل تۆمۈر مۇنارى گەرچە تەخىتتىن چۈشكەن بولسىمۇ،لىكىن ئۇ يەنىلا دۇنيادىكى قۇرۇلۇش ئۈنۈمى ئەڭ يوقىرى ھەمدە ناھايتتى داڭلىق قۇرۇلۇش ھېساپلىنىدۇ.

6.ئامېرىكا Chrysler سارىيى

ئامېرىكا Chrysler سارىيى دۇنيادىكى ئەڭ ئىگىز قۇرۇلۇشلۇق ئورنىدا ئاران بىر يىللا تۇرالىدى.
 1931-يىلى نەچچە كوچا يىراقتىكى ئىمپېرىيە سارىيىنىڭ پۈتۈشى بىلەن Chrysler سارىيى بىر«پاپا»غا ئايلىنىپ قالغان.

7.ئامېرىكا ئىمپېرىيە سارىيى

ئامېرىكا ئىمپېرىيە سارىيى بۇرۇن بىر تىك ئۇچار ئايرۇپىلاننىڭ ئۈسۈشىگە ئۇچىرىغان،يەنە بىر چوڭ ئورانگۇتان بۇ بىناغا يامىىشىپ چىققان.(«ۋاجىرا»دىگەن كىنودىكى ئورانگوتان بۇ بىناغا يامىشىپ چىققان).1983-يىلى بىر ئىچىگە ھاۋا تولدۇرۇلغان ئورانگوتان بۇ بىنانىڭ ئۈستىدە پەيدا بولۇپ،«ئەسلى نۇسخا »ئورانگوتاننىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرلىگەن.ئىمپېرىيە سارىيى نىيۇيوركتىكى ئەڭ ئىگىز قۇرۇلۇشلۇق ئورنىغا ئىككى قېتىم ئېرىشكەن،بىرى 1972-يىلى دۇنيا سودا بىناسى پۈتۈشتىن بۇرۇن،يەنە بىرى 2001-يىلى9-ئاينىڭ1-كۈنى دۇنيا سودا بىناسى ئۆرۈلۈپ كەتكەندىن كىيىن.ئۇ جەمىي 102قەۋەت بولۇپ،دۇنيادىكى داڭلىق بەلگە خارەكتىرلىك ۋە يەر بەلگىسى خارەكتىرلىك قۇرۇلۇش .

8.روسىيە ئوستانجىنۇ مۇنارى

1967-يىلى روسىيە دۇنيادىكى ئەڭ ئىگىز قۇرۇلۇش ياساش جەڭ مەيدانىغا كىردى.بۇ يىلى ،ئىگىزلىكى 540 مىتىر كېلىدىغان 1917-يىلىدىكى ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋىنى خاتىرلەش ئۈچۈن سېلىنغان ئوستانجىنۇ مۇنارى سىرلىق پەردىسىنى ئاچتى.شۇنىڭدىن كىيىنكى توققۇز يىل جەريانىدا،بۇ بىنا دۇنيادىكى ئەڭ ئىگىز قۇرۇلۇشلۇق تەختىدە ئولتۇردى،تاكى 1976-يىلى كانادا دۆلەتلىك تىلۋىزىيە مۇنارى پۈتكىچە .

9.كانادا دۆلەتلىك تىلۋىزىيە مۇنارى

كانادا دۆلەتلىك تىلۋىزىيە مۇنارىنىڭ ئىگىزلىكى 550 مىتىردىن ئاشقان بولۇپ،ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئەڭ ئىگىز قۇرۇلۇش بولۇپلا قالماي يەنە ھازىرقى زامان دۇنياسىدىكى يەتتە چوڭ مۆجىزىنىڭ بىرى .بۇ بىنانى كانادا دۆلەتلىك تۆمۈر يول ئىدارىسى ياسىغان بولۇپ،ئۇ بىر قاتناش تۈگۈنىدە بولۇپ،تورۇنتودىكى ئىگىز بىنالار كەلتۈرۈپ چىقارغان سىگنال قوبۇل قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان.ئۇ 1976-يىلى سېلىنغاندىن باشلاپ بىر ساياھەت نوقتىسىغا ئايلانغان.ئۇنىڭغا نۇرغۇن كۈزىتىش پەشتىقى ،قەھۋەخانا ۋە بىر 360گىرادۇس ئايلىنالايدىغان تاماقخانا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ،ھەر يىلى ئىككى مىليۇندىن كۆپىرەك ساياھەتچىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ.

10.دۇبەي خەلپە مۇنارى

دۇبەي ھېلىھەم ئىقتىسادى قىيىنچىلىق ئىچىدە تۇرىۋاتقان بولۇشى مومكىن،لىكىن مەبلەغ مەسىلىسى خەلپە مۇنارىنىڭ 1-ئاينىڭ4-كۈنى سىرتقا ئېچىۋېتىلىش قەدىمىنى توسۇپ قالالمىدى،ھەمدە ئەڭ ئاخىرى كانادا تورۇنتو دۆلەتلىك تىلۋىزىيە مۇنارىنىڭ قولىدىن دۇنيادىكى ئەڭ ئىگىز قۇرۇلۇشلۇق مەرتىۋىسىنى تارتىۋالدى.
       خەلپە مۇنارىنىڭ 828مىتىرلىق ئىگىزلىكى،چىگاكو ۋىللىس مۇنارىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدۇ.خەلپە مۇنارىغا كەتكەن مەبلەغ تەخمىنەن بىر مىليارد 500مىليۇن دوللارغا يېتىدۇ،ئۇ جەمىي 164 قەۋەت،1100گە يېقىن بىردىن ئۈچكىچە ئايرىمخانىسى بار ياتىقى بار،لېفىتنىڭ سۈرئىتى سائىتىگە 40 كىلومىتىرغا يېتىدۇ.124-قەۋەتتىكى كۈزىتىش پەشتىقىدا ساياھەتچىلەرنىڭ كۆرۈش ئارلىقى 80 كىلومىتىرغا يېتىدۇ.

   
无标题文档
     
  باشقۇرغۇچى ئورۇن :شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك خەلىق ھۆكۈمىتى

ئۈستىگە ئالغۇچى ئورۇن:شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى

(ئالاقىلىشىڭ :7102165 (0996