ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلانغان كومپيۇتېر بازارغا سېلىندى بۇلتۇر 12 – ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن 4 – نۆۋەتلىك جۇڭخۇا ئېلېكتىرون كارخانىلىرىنى باھالاش بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرىدە ‹‹ جۇڭخۇا ئېلېكتىرون كارخانىلىرى ئارىسىدىكى يېڭىلىق ياراتقان ئون چوڭ كارخانىنىڭ بىرى ›› دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن ‹‹ ئىرپان ›› شىركىتى يېقىندا ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلانغان ھەردەم كومپيۇتېر بىلەن 2010 – تىپلىق ئېلېكترون لۇغىتىنى بازارغا سالدى. ‹‹ ئىرپان ›› ھەردەم كومپيۇتېرىغا indowsXP Wنىڭ رەسمىي نەشردىكى ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستېمىسىدىن باشقا خەنزۇچە، ئىنگلىزچە مەشغۇلات سىستېمىسى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ گىرامماتىكىلىق پىرىنسىپىغا ئاساسەن تۈزۈلگەن، ئەقلىي ئىقتىدارلىق كوررېكتورلۇق سىستېمىسى، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ئۈچ خىل تىلنىڭ 16لۇغىتىدىن تەركىب تاپقان ‹‹ ئىرپان ›› لۇغىتىنىڭ كومپيۇتېر نۇسخىسى قاچىلانغان بولۇپ، ئۇنى ئۇيغۇر تىل – يېزىقىدىن ساۋاتى بار ھەر مىللەت كىشىلىرى بىمالال ئىشلىتەلەيدۇ. بۇكومپيۇتېر يېنىك، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولۇپ، سىمسىز تورغا چىققىلى بولىدۇ. ئىستېمالچىلار بۇ كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ، ئوقۇش – ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانسا، سودا – ساياھەت قىلسا تىل توسالغۇسىغا ئۇچرىمايدۇ. ‹‹ ئىرپان ›› 2010 – تىپلىق ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت كومپيۇتېر شەكلىدە بولۇپ، ئۇنىڭغا سەككىز خىل تىلنىڭ 50 تەك لۇغىتىدىكى سۆزلۈكلەر ھەم ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىك مەزمۇنلىرى كىرگۈزۈلگەن، ئۇنىڭ بىلەن تورغا چىققىلى بولىدۇ. ئۇنىڭغا يەنە سىنغا ئېلىنغان دەرسلىك مەزمۇنلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار خالىغان ۋاقىتتا پايدىلىنالايدۇ. بۇ لۇغەتنى ‹‹ ئىرپان ›› شىركىتىدىكىلەر ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان.
|