新疆若羌
中文版 بايىنغۇلىن ئوبلاسلىق ھۆكۈمەت تورى شىنجاڭ ھۆكۈمەت تورى مەركەز ھۆكۈمەت تورى ساقلىۋېلىڭ باش بەت قىلىۋېلىڭ
بۈگۈن:
    ھازىرقى ئورنىڭىز:باش بەت > چاقىلىققا نەزەر > ئۇمۇمىي ئەھۋالى
           
 

بايىنغولىننىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى

 
     〖 〗   

------

   

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى (قىسقارتىلىپ بايىنغولىن ئوبلاستى دېيىلىدۇ) 1954- يىلى 6- ئاينىڭ 23- كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ،موڭغۇل مىللىتى ئاپتونومىيە مىللىتى بولغان،خەنزۇ،ئۇيغۇر،خۇيزۇ قاتارلىق 46 مىللەتتىن تەركىپ تاپقان ئاز سانلىق مىللەت ئاپتونوم ئوبلاستى. ‹‹بايىنغولىن›› موڭغۇلچە سۆز بولۇپ،‹‹باي ۋە گۈزەل ۋادا››دېگەن مەنىدە. بايىنغولىن ئوبلاستىمىز شىنجاڭنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان،مەملىكىتىمىز بويىچە مەمۇرىي كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئاپتونوم ئوبلاست. ئوبلاستقا قاراشلىق 8 ناھىيە،1 شەھەر بار،ئومۇمىي كۆلىمى 482 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتىر،ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 200 مىڭ،بۇنىڭ ئىچىدە،ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىسى %42 نى ئىگىلەيدۇ. ئوبلاستىمىزنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى تۆۋەندىكىگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. بىرىنچى،جۇغراپىيىلىك ئورنى مۇھىم. بايىنغولىن ئوبلاستىمىز جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ تۇتۇشىدىغان جايغا جايلاشقان،جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىشىكى ۋە شىنجاڭنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگىنى،شىنجاڭ تەۋەسىدىكى 7 دۆلەت يولىنىڭ 5 ى بايىنغولىن ئوبلاستىمىزدىن كېسىپ ئۆتىدۇ،جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى پۈتۈن تېرېرتورىيىمىزنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ،خەلق ئاۋىئاتسىيىسى بېيجىڭ،ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا قاتنايدۇ. شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىدە ‹‹شىمالغا ۋارىسلىق قىلىپ،جەنۇبقا يول ئېچىش›› تەك مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئىككىنچى،تەبىئىي بايلىقى مول،ئەڭ ئۈستۈنلۈككە ۋە ئېچىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگىلىرىدىن نېفىت،تەبىئىي گاز،سۇ،تۇپراق،قۇياش نۇرى،قېزىلما بايلىق ۋە ساياھەت بايلىقى بار. بايىنغولىن ئوبلاستىمىز تارىم نېفىت بىرلەشمە جېڭىنىڭ ئاساسلىق جەڭگاھى ۋە ‹‹غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش››نىڭ گاز مەنبەسى. 2007- يىلى تارىم نېفىت،گاز ئېكۋېۋالىنتې 20 مىليون توننىغا يېتىپ،ئېلىمىز نېفىتلىكى بويىچە 5- 10 مىليون توننىلىق چوڭ نېفىت- گازلىق بولۇپ قالدى. بايىنغولىن ئوبلاستىمىز مۆدىتىل ئىسسىق بەلباغ ۋە ئىللىق ئىسسىق بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتىغا تەۋە،سۇ،تۇپراق شارائىتى ياخشى بولۇپ،كۆپ خىل زىرائەتلەرنى تېرىشقا باب كېلىدۇ،ھازىر ئوبلاستىمىز بويىچە 3 مىليون 700 مىڭ مودىن كۆپ تېرىلغۇ يەر بار بولۇپ،ئاساسلىقى كېۋەز،نەشپۈت قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. بايىنغولىن ئوبلاستىمىزنىڭ قېزىلما بايلىقىنىڭ تۈرى كۆپ،زاپاس مىقدارى كۆپ بولۇپ،تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان مۇئەييەن زاپاس مىقدارىغا ئىگە قېزىلما بايلىقتىن 58 خىلى،Ⅲ دەرىجىلىكتىن يۇقىرى بايلىق مىقدارى بار كان تۈرىدىن 41 بار،بۇنىڭ ئىچىدە،كالىيلىق تۇز،ئاندالوزېت،زۈلۈك تاش،تاشپاختا،ماگنېزېت كېنى قاتارلىق 9 قېزىلما بايلىقنىڭ زاپاس مىقدارى مەملىكىتىمىز بويىچە ئالدىنقى 10- ئورۇندا تۇرىدۇ. بايىنغولىن ئوبلاستىمىزدا ‹‹مەملىكىتىمىز بويىچە ئەڭ›› دىن 23 ى ۋە 48 خىل تۈرلۈك ساياھەت بايلىقى بار بولۇپ،مەملىكىتىمىز ساياھەت بايلىقى ئاساسىي تۈرىنىڭ %70.6 ىنى،شىنجاڭنىڭكىنىڭ %85.5 ىنى ئىگىلەيدۇ. ئۈچىنچى،مەدەنىيەت ئاساسى مول. بايىنغولىن ئوبلاستىمىز قەدىمكى يېپەك يولىدىكى مۇھىم بازار. غەربىي يۇرتتىكى 36 بەگلىكنىڭ 11 ى بايىنغولىن ئوبلاستىمىز تەۋەسىدە،كىروران قەدىمىي دۆلىتى ئەينى چاغدا بىر مەھەل گۈللەنگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 60- يىلى،غەربىي خەن ھاكىمىيىتى ھازىرقى بۈگۈر ناھىيىسى تەۋەسىدە غەربىي يۇرت قۇرۇقچى بەگ مەھكىمىسى قۇرۇپ،غەربىي يۇرتنىڭ ھەربىي،مەمۇرىي ئىشلىرىنى باشقۇرغان. مىلادى 1771- يىلى،موڭغۇل تۇرغۇت قەبىلىسى ۋولگا دەرياسى ۋادىسىدىن ۋەتەنگە قايتىپ،كۆپ قىسمى بايىنغولىن ئوبلاستىمىزدا ئولتۇراقلاشقان. تۆتىنچى،تەرەققىيات يوشۇن كۈچى زور. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى،گوۋۇيۈەن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم،خەلق ھۆكۈمىتى بايىنغولىن ئوبلاستىمىزنىڭ خىزمىتىگە ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان،پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئوبلاستىمىزغا كۆپ قېتىم تەكشۈرۈشكە كېلىپ،بايىنغولىن ئوبلاستىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتتى. غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيىسىنىڭ چوڭقۇر يولغا قويۇلۇشى ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقى توغرىسىدىكى چوڭ- چوڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ،بايىنغولىن ئوبلاستىمىز شىنجاڭدىكى تەرەققىياتى تېزلىتىلىدىغان نۇقتىلىق رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ،يەنە بىر تېز تەرەققىي قىلىش يېڭى دەۋرىگە كىردى. 2007- يىلى،ئوبلاستىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 46 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ،%13 ئاشتى؛يەرلىك مالىيە كىرىمى 2 مىليار 290 مىليون يۈەنگە يېتىپ،%35.4 ئاشتى؛پۈتكۈك ئىجتىمائىي مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى 23 مىليارد يۈەنگە يېتىپ،%20 ئاشتى؛دېھقان،چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 5 مىڭ 238 يۈەنگە يېتىپ،581 يۈەن ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلىرى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدى،مەنىۋى مەدەنىيلىك،دېموكراتىيە- قانۇنچىلىق ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى يەنىمۇ كۈچەيدى. ئۈچ قېتىم مەملىكەت بويىچە جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشتىكى ئىلغار ۋىلايەت (شەھەر) دېگەن نامغا ئېرىشتى ھەمدە مەركىزى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كومىتېتى تەرىپىدىن ‹‹ئەمىنلىك لوڭقىسى››دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. شۇنداقلا شىنجاڭ بويىچە بۇ شەرەپكە نائىل بولغان بىردىن بىر ۋىلايەت (ئوبلاست) بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا،ئوبلاستىمىزنىڭ كورلا شەھىرى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ،دۆلەت دەرىجىلىك پاكىزە شەھەر،دۆلەت دەرىجىلىك باغۋاران شەھەر،مەملىكەت بويىچە ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى ئۈلگە شەھەر،مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە شەھەر،مەملىكەت بويىچە مۇھىت ئاسراشتىكى ئۈلگە شەھەر،ئەڭ ياخشى ئولتۇراق مۇھىتى ئۈلگە مۇكاپاتى قاتارلىق 10 نەچچە تۈرلۈك دۆلەت دەرىجىلىك شەرەپكە ئېرىشتى. ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات ۋە جۇغلاش ئارقىلىق،بايىنغولىن ئوبلاستىمىز تەرەققىياتنى تېزلىتىش،باشلامچىلىق بىلەن تەرەققىي قىلىش شارائىتىنى ھازىرلىدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە،بىز ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ،بايلىق ئۈستۈنلۈكىنى ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇپ،‹‹كورلا- لوپنۇرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش،ئۈچ ناھىيە تۆتتىن بىر ئۈلۈشنى ئىگىلەش،كانچىلىققا تايىنىپ چەرچەن،چاقىلىقنى بېيىتىش،ئۆزگىچىلىككە تايىنىپ باغراش،خوشۇتنى گۈللەندۈرۈش›› ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ،نېفىت خىمىيە سانائىتى،كانچىلىق،ئېلېكتىر كۈچى،يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ كەسىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ،جەنۇبىي شىنجاڭ نېفىت خىمىيە سانائىتى كەسىپ بەلبىغى،تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك ئىشلەپچىقىرىش- پششىقلاش بازىسىنىڭ باشلامچىسى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ دېھقانلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئاۋانگارتى بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈپ،‹‹زېمىنى كەڭ ھەم قۇدرەتلىك،باي ھەم گۈزەل،ئامان ھەم ئىناق›› ۋە خەلقنى بېيىتىپ ئوبلاستنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ،مۇددەتتىن ئىككى يىل بۇرۇن 11- بەش يىللىق ئومۇمىي پىلاندىكى يەرلىك مالىيە كىرىمىنى 2 مىليارد 650 مىليون يۈەندىن ئاشۇرۇش،مۇددەتتىن بىر يىل بۇرۇن 11- بەش يىللىق پىلاندىكى دېھقانلار ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنى 6 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرۇش نىشانىنى تىرىشىپ ئورۇنداپ،11- بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئوبلاستىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %15،پۈتكۈك ئىجتىمائىي مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %18 ئاشۇرۇپ،2010- يىلىغا بارغاندا،ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ پۈتۈن شىنجاڭنىڭدىكى سالمىقىنى 10- بەش يىللىق پىلان مەزگىلىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكىدىن 1دىن 5 پرسەنت پوئېنتقىچە ئۆستۈرىمىز

مەنبە  بايىنغۇلىن  ھۆكۈمەت تورى 

   
无标题文档
     
  باشقۇرغۇچى ئورۇن :شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك خەلىق ھۆكۈمىتى

ئۈستىگە ئالغۇچى ئورۇن:شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى

(ئالاقىلىشىڭ :7102165 (0996