چاقىلىق دەرياسى - چاقىلىق بوستانلىقىدىن ئېقىپ ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان . ئۇ چاقىلىق بازىرىنىڭ غەرپ تەرىپىگە جايلاشقان ،مەنبەسى ئالتۇنتادىن باشلىنىدۇ ، قوش مەنبەلىك بۇلۇپ ، بىرى يۈسۈپئالىق تېغى دېڭىز يۈزىدىن 5000مىتىر ئىگىزلىكتىكى يىغىلغان قار بەلۋىغىدىن كىلىدۇ . قارلىقنىڭ كۆلىمى 30كىۋادىرات كىلومىتىر ، قارنىڭ ئوتتۇرچە قىلىنلىقى 10مىتىر . يىغىلغان قارنىڭ مىقتارى 300مىليون كۇپ مىتىر ، ئىرىگەن قار سۈيى شىمالغا قاراپ ئېقىپ 10كىلومىتىرلىق جايغا كەلگەندە يەرگە سىڭىپ كىتىپ ، يەنە شىمالغا 10كىلومىتىر دائىرىدە يەر يۈزىگە ئېقىپ چىقىپ ، شەرقىي جەنۇپتىن غەربىي شىمالغا سۇزۇلغان ئۇزۇنلىقى 55كىلومىتىر ئوتتۇرچە كەڭلىكى 100مىتىر بولغان ئاقسۇ دەرياسىنى شەكىللەندۈرىدۇ . يەنە بىر مەنبەسى يۈسۈپ ئالىق تېغى قارلىق بەلۋىغىنىڭ غەربىي شىمالىدىن 20كىلومىتىرلىق ئورۇندىكى بۇلاق سۈيىدىن كىلىدۇ . بۇ ئۇرۇندا ئۈچ تاناپ تارماق ئېقىن بۇلۇپ ، شەرق تارماق ئېقىن باش بۇلاق تاشپاختا كاننىڭ غەربىي شىمال 4 كىلومىتىر دائىرىدە بۇلۇپ ، 3كۈز تاتلىق سۇلۇق بۇلاقتىن شەكىللەنگەن . ئۇمۇمىي ئېقىم مىقتارى 18مىڭ لىتىر ھەر سائەت . ئېقىن بىرلەشكەندىن كىيىن شەرقىي جەنۇبتىن غەربىي شىمال يۈنىلىشكە قاراپ ئېقىپ ، 4كىلومىتىرلىق ئورۇندىكى ئۈڭگۈلۈك سايغا قۇيۇلىدۇ .ئوتتۇرا تارماق ئىقىنى شورلۇق بۇلاقتا يىغىلىپ شىمالغا قاراپ ئېقىپ 14كىلومىتىر دائىرىدىكى يۇمغاقچى سايغا قۇيۇلىدۇ . غەربىي تارماق ئېقىنى تەخمىنەن 30كىلومىتىر دائىرىدىكى جەنۇپ شىمال يۈنلىشىتىكى شى لىڭ دەرياسىنى شەكىللەندۈرىدۇ . 5-ئايدىن 9-ئايغىچە سۇ مول بۇلۇپ ،ئۈچ تاناپ تارماق ئېقىن شىمال يۈنىلىشتە ئېقىپ ئەخمەت قوشتا بىرلىشىدۇ . جەنۇپ شىمال ئۇزۇنلىقى 20كىلومىتىر بولغان چىلانلىق دەرياسىنى شەكىللەندۈرۈپ ، ئۆزلۈكسىز شىمالغا قاراپ ئېقىپ ئاقسۇ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىدە بىرلىشىدۇ . لوپ كۆلى سۇ سېستىمسىغا تەۋە . شۇنداقلا يۇقىرى ئېقىم ئالتۇنتاغنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا توغرا كىلىدىغان بۇلۇپ ، دەريا قېنى سۇ ئۆتكۈزمەس قاتلامدىن شەكىللەنگەن ، ئوتتۇرا ئېقىنى بولسا ئالتۇنتاغنىڭ شىمالىي ئىتىگىدىن باشلىنىدۇ ، تاغ ئېغىزىدىن چىققاندىن كىيىن ، دەريا قىنى سېستىمىسى 4-ئىرا قۇم تاش جىنىسلىق يىغىلما جىنىس قاتلامدىن تۈزۈلىدۇ . دەريا قىنىنىڭ ئۇيۇلىشى ئىنتايىن چوڭقۇر بۇلۇپ ، 30كىلومىتىر ئاققاندىن كىيىن جىددىي چايقىلىپ كېڭىيىپ بارىدۇ . سىڭىش ئىنتايىن ئېغىر بۇلۇپ ، ئاخىرقى قىسمى لوپ كەنتگە قۇيۇلۇپ ، تىكەنلىك يېزىسى ، ئۇتام يېزىسى ، ناھىيە بازىرى قاتارلىق ئۇرۇنلارغىچە ئېقىپ بارىدۇ . ئۇمۇمىي ئۇزۇنلىقى 1000كىلومىتىر . ۋادا مەيدانى 3000كىۋادىرات كىلومىتىردىن كۆپرەك . مىنراللىشىش دەرىجىسى 0.55گىرام ھەر لىتىر . PH قىممىتى 7.9 ، HC02-C1-Caa-Mg تىىپلىق سۇ . يىللىق ئېقىم مىقتارى 86مىليون كۇپ .تۇلۇقلىما ئېقىن بولسا تاغ رايۇنىدىكى ھۆل - يېغىن ۋە ئىگىز تاغدىن ئېرىگەن قار سۇلىرىدىن تۇلۇقلىنىدۇ . يىللىق ئىقىن مىقتارى تۇراقلىق ، كەلكۈن مەزگىلى 6ئاينىڭ ئاخىرىدىن 8-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە سۇغۇرىدىغان كۆلەم 1300گېكتار ئەتراپىدا بۇلۇپ ، ناھىيىمىزنىڭ سانائەت ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى 4 چوڭ سۇ مەنبەسىنى بىرى ، ھازىرغىچە سۇ ئېلىش بېشىنىڭ تۆۋەنكى قىسمىدا ئىككى ئورۇندا سۇ ئىلىكتىر ئىستانىسى قۇرۇلدى . ئۇمۇمىي گىنراتۇرلار سىغىمى 500كىلىۋات سائەت .
ۋاششەرى دەرياسى – ۋاششەرى بوستانلىقىدىن ئېقىپ ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان .تاشساي دەرياسى بىلەن قېرىنداش دەريا ، سۇ مەنبەسى قار مۇزلارنىڭ ئېرىگەن سۈيى ۋە بۇلاق سۈيى بىلەن تۇلۇقلىنىدۇ . شۇنداقلا ئالتۇنتاغ تىزمىلىرىدىن بولغان سۇلام تاغنىڭ دېڭىز يۈزىدىن 5500 مىتىر ئىگىزلىكتىكى قار مۇز قاتلاملىرىنى مەنبە قىلىدۇ . مەنبەنىڭ قار – مۇزلۇق كۆلىمى80 كىۋادىرات كىلومىتىر . قار- مۇزلار ئېرىگەندىن كىيىن شىمالغا قاراپ ئېقىپ يەنە تۈز يەر بۇلاق دەرياسىغا ئۇلىنىدۇ . ئەڭ يۇقۇرى سۇ ئېقىم مىقتارى 75 m3/s قا يېتىدۇ، ئەڭ ئاز سۇ مىقتارىm3/s 0.25. نۇرمال ئېقىم مىقتارىm3/s 0.2 . ۋادا كۆلىمى 2000كىۋادىرات كىلومىتىر . ناھىيىمىزنىڭ سانائەت ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى 4 چوڭ سۇ مەنبەسىنى بىرى. بىر سۇ ئىلىكتىر ئىستانىسى قۇرۇلدى . ئۇمۇمىي گىنراتۇرلار سىغىمى 150كىلىۋات سائەت، بېلىقچىلىق ئىشلىرى دەسلەپكى قەدەمدە قانات يايدۇرۇلغان . تاشساي دەرياسى – يەنە قاشتاشساي دەپمۇ ئاتىلىدۇ . دەريا ئېقىنىدا كۆپ مىقتاردا ئۇششاق قاشتېشى بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان . ۋاششەرى دەرياسى بىلەن قېرىنداش دەريا . ئالتۇنتاغ تىزمىلىرىدىن بولغان سۇلام تاغنىڭ دېڭىز يۈزىدىن 5500 مىتىر ئىگىزلىكتىكى قار مۇز قاتلاملىرىنى مەنبە قىلىدۇ . مەنبەنىڭ قار – مۇزلۇق كۆلىمى80 كىۋادىرات كىلومىتىر . يىللىق قار مۇز مىقتارى تۆت – بەش مىليون كۇپ مىتىر ، كۆلىمى بىرقەدەر چوڭ بولغان بەش مۇزلۇقنى مەنبە قىلغان ئېقىنلاردىن شەكىللەنگەن . ۋاششەرىنىڭ غەربى 37 كىلومىتىرلىق جايىغا توغرا كىلىدۇ . ناھىيىمىزنىڭ سانائەت ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى 4 چوڭ سۇ مەنبەسىنى بىرى. تاشساي ئېچىۋېتىش رايۇنىنىڭ ئاساسلىق سۇ مەنبەسى . لوپ كۆلى - يەنە لوپنۇر كۆلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، ئۇ مۇڭغۇل تىلىدا ئېقىنلار توپلاشقان كۆل دىگەن مەنىدە . ئۇ تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىدىكى يىپەك يولىنى كېسىپ ئۆتكەنلىك بىلەن دۇنياغا داڭلىق ، 1921 – يىلى تارىم دەرياسى لوپنۇر ناھىيىسىدە يۇلىنى ئۆزگەرتىپ كۆنچى دەرياسىغا قۇشۇلۇپ ، لوپنۇر ئويمانلىقىغا قۇيۇلۇپ ، يىقىنقى مەزگىلدىكى لوپنۇر كۆلىنى شەكىلەندۈرگەن . 1931- يىلدىن 1931- يىلغىچە لوپ كۆلى جەنۇپ شىمال ئۇزۇنلىقى 100 كىلومىتىر . كەڭلىكى 55كىلومىتىر كۆلىمى 3200 كىۋادىرات كىلومىتىر لىق قانۇنيەتسىز ئېلىپىس شەكىلنى ھاسىل قىلغان . 1942- يىلىدىن كىيىن كۆنچى دەرياسىنىڭ سۈيى ئازلاپ ، لوپ كۆلى تارىيىشقا باشلىغان ، 1952- يىلى لوپنۇر ناھىيىسىدە توسما ياسىلىپ ، تارىم دەرياسى كونا يولى بىلەن تېتىما كۆلىگە قۇيۇلغان . ئاتمىشىنچى يىلنىڭ باشلىرى تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدا سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇپ ، كۆنچى دەرياسىدا ئىلگىرى ئاخىر نۇرغۇن توسمىلار ياسالغان . لوپ كۆلى سۇ مەنبەسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ ، قۇرۇشقا يۈزلەنگەن . ناھىيىمىزنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان ، ئىلىمىزدىكى ئىككىنچى ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى دەپ ئاتالغان ، دېڭىز يۈزىدىن 780 مىتىر ئىگىزلىكتىكى3000 كىۋادىرات كىلومىتىرغا يېقىن كۆلەمگە ئىگە لوپ كۆلى ئۈچىنچى ئىرانىڭ ئاخىرى ، تۆتىنچى ئېرانىڭ باشلىرىدا دۇنياغا كەلگەن ، ھازىرغىچە 2 مىليون يىللىق تارىخقا ئىگە، ھازىر 299مىليون توننا تەبىي كالىي سۇلفات ، كالىي خىلور نىڭ خام ماتىريال بوشلىقىغا ئىگە ئىكەنلىكى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى . يەنە بىر قىسىم بوز يەر بايلىقى بار ، ياۋا تۈگە قاتارلىق ئاز ئۇچرايدىغان قىممەتلىك جانىۋارلارنىڭ قوغداش رايۇنى ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نىفىت بازىسى ھېساپلىنىدۇ . ئاياق قۇم كۆلى – ناھىيە ئىچىدىن جەنۇپقا 190 كىلومىتىر كىلىدىغان جايد بۇلۇپ ، چىمەنتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكە توغرا كىلىدۇ . كۆلىمى 520 كىۋادىرات كىلومىتىر ، كۆل يۈزىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 3876 مىتىر ، ئوتتۇرچە كۆل چوڭقۇرلىقى 10مىتىر ، ئەڭ چوڭقۇر يېرى 50مىتىرغا يېتىدۇ . تارىختىن بۇيان كۆل سۈيى تۇزلۇق بولغاچقا مۇز توڭلىمايدىغان بۇلۇپ ،1982- يىلدىن باشلاپ قىشتا مۇز تۇتىدىغان بولغان مۇزنىڭ قىلىنلىقى 50سانتىمىرغا يېتىدۇ ، يىللىق ھۆل يېغىن مىقتارى 100-200مىللىمىتىرغىچە ، يىللىق ئوتتۇرچە تىمپىراتۇرىسى 0دىن تۈۋەن . ئەڭ يۇقىرى تىمپىراتۇرا 6سىلسىيە گىرادۇس ، ئەڭ تۈۋەن تىمپىراتۇرا نۆلدىن تۈۋەن 37 سىلسىيە گىرادۇس . كىچە كۈندۈزنىڭ تىمپىراتۇرا پەرقى چوڭ ، كۈن نۇرىنىڭ يۇرۇتىشى كۈچلۈك ، كۆل يۈزىدە سۇ قۇشلىرى كۆل بويىدا قوتاز ، قۇلان ، بۆكەن قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار توپى ياشايدۇ . كۆلدە ئۇمۇرتقىسىز سۇ ھايۋانلىرى بايلىقى ئىنتايىن مول بۇلۇپ ئۇنىڭ ئىچىدە بېلىق قاتارلىق يۇقۇرى ئاقسىللىق ماتىرياللار بار ، كەڭ سازلىق چىملىرى ناھىيىمىزنىڭ مۇھىم بولغان چارۋا يەم خەشەك بازىلىرىدىن بىرى . ئاچچىق كۆل –ناھىيە ئىچىدىن جەنۇپقا 210 كىلومىتىر كىلىدىغان جايدا بۇلۇپ ئۆردەك بۇلاق تەكشۈرۈش پونكىتىدىن غەربىي جەنۇپقا 125 كىلومىتىر كىلىدۇ . شەرقىي كوئىنلوننىڭ شىمالىي ئېتىكىگە توغرا كېلىدۇ . كۆلىمى 350 كىۋادىرات كىلومىتىر ، كۆل يۈزىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 4240 مىتىر ، ئوتتۇرچە كۆل چوڭقۇرلىقى 8مىتىر ، ئەڭ چوڭقۇر يېرى 25مىتىرغا يېتىدۇ،سۈيى سەل تۇزلۇق ، قىش پەسلىدە تۇتقان مۇزنىڭ قېلىنلقى 40سانتىمىتىرغا يېتىدۇ. يىىلىق ھۆل – يېغىن مىقتارى 150 مىللىمىتىر. تۆت ئەتراپى قۇم شېغىللىق ، شەرق غەرىپ ئىىككى تەرپى سازلىق ، كۆل رايۇنى مەنزىرىسى گۈزەل ، دائىم قۇتاز ، قۇلان ، بۆكەن قاتارلىق ئاز ئۇچرايدىغان قىممەتلىك ھايۋانلار توپ –توپ ھەركەت قىلىشىپ يۈرىدۇ . ياز كەلگەندە ئۇچار قۇشلار توپلىشىپ ، كۆل رايۇنىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۋېتىدۇ . كىت كۆلى – كۆلنىڭ شەكلى بېشى شەرىققە قۇيرۇقى غەرەپكە قارىغان بىر سىمىز كىتقا ئوخشىايدۇ، شۇڭا ئۆلچەپ سىزىش ئەترىتى ئۇنىڭغا شۇ نامنى قويغان . چىڭخەي ، شىزاڭ ، شىنجاڭ ئۈچ ئۆلكىنىڭ چىگرىلانغان يېرىگە جايلايقان . كۆلىمى 260 كىۋادىرات كىلومىتىر ، كۆل يۈزىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 4800 مىتىر ، ئوتتۇرچە كۆل چوڭقۇرلىقى 6مىتىر ، ئەڭ چوڭقۇر يېرى 10مىتىرغا يېتىدۇ، يىىلىق ھۆل – يېغىن مىقتارى 300-200 مىللىمىتىر. يىللىق ئوتتۇرچە تىمپىراتۇرىسى 0دىن تۈۋەن. تېتىما كۆلى – تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان . تارىم دەرياسى بىلەن چەرچەن دەرياسىنىڭ قۇيرۇقىدىكى كۆل . كۆلىمى 40 كىۋادىرات كىلومىتىر ، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 808 مىتىر، تارىختىكى ئەڭ چوڭ سۇ چوڭقۇرلىقى 5 مىتىر . 60يىللاردىن كىيىن سۇ مەنبەسى ئۆزلۈكسىز ئازلاپ ، ھازىر كۆل ئاللىقاچان قۇرۇپ كېتىپ پەقەت پارچە پارچە سازلىق ۋە تۇزلۇق ساھىللارلا قىپقالدى . سۇ مەنبەسى ئاساسلىقى تارىم دەرياسى ۋە چەرچەن دەرياسى بۇلۇپ ، سۇ كۆپەيگەن چاغلاردا تارىم دەرياسى لوپ كۆلىگە قۇيۇلىدۇ . يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بېرى ، 5 قىتىم سۇ قۇيۇپ بېرىش ئارقلىق ، نۆۋەتتە تېتىما كۆلى كۆل يۈزى200 كۋادىرات مىتىرغا يېتىپ كۆلدە قايتىدىن ياۋا غاز ، تۈلكە ، ئاق قۇتان ، ھىندىستان غېزى قاتارلىق جانىۋارلار پەيدا بۇلۇشقا باشلىدى .تېخى كەڭلايقى رايۇنىدا نەسلى قۇرۇش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان " تارىم دەرياسى زومىگىرى "- يېرىق قۇرساق بېلىقى بايقالدى . ئۇ شىنجاڭنىڭ 2- دەرىجىلىك قۇغدىلىدىغان بېلىق تۈرى . ئۇنىڭدىن باشقا يەنى كارىپ بېلىقى ، تاپان بېلىق ، يۇغان باش بېلىق قاتارلىق 10نەچچە خىل تۈر بار بۇلۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى چاقىلىق رايۇنىدا بېلىق بېقىلماسلىقتەك تارىخقا خاتىمە بېرىلدى .
|