چاقىلىق ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي – تۈكۈن ، ئۈلۈم يىتىم ئۆرپ – ئادەتلىرى قاسىم ئۆمەر تۇرسۇنگۇل تۇردى
تەھرىر ئىلاۋىسى: مەزكۇر تېما ئۈستىدە قاسىم ئۆمەر ۋە تۇرسۇنگۈل تۇردى بىرلا ۋاقىتتا ئىزدىنىپ قەلەم تەۋرەتكەن، ماقالىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل بولىشى ئۈچۈن ئىككى ئاپتورنىڭ قوشۇلىشى بىلەن ئىككى ماقالىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتتۇق.
ئۆرپ – ئادەت ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇدلىقىنى ئىسپاتلايدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى . قايسى مىللەتنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرى يۇقۇلۇشقا باشلايدىكەن، شۇ مىللەتنىڭ يۇقۇلۇشقا باشلىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ . جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئۇچقاندەك راۋاجلىنىشى ، كىشلەرنىڭ مەدەنىيەت ئېڭىنىڭ ئۆزلۈكسىز يېڭىلىنىشى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى ئۆرپ - ئادەتلىرى يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى . مۇشۇنداق پەيتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ئۆرپ – ئادەتلىرىنى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش ، ئۇنى يازما شەكىلدە قالدۇرۇش، شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداشتا ئىنتايىن زۆرۈر . تۆۋەندە چاقىلىق خەلقىنىڭ توي – تۈكۈن ، ئۆلۈم – يىتىم ئۆرپ – ئادىتى ھەققىدە ئىگەللىگەن ماتىرىياللىرىمىزنى كۆپچىللىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز . چاقىلىق 19- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا خوتەن ، كېرىيە ، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىن كۈچۈپ كەلگەن ۋە يەرلىك لوپلۇق ئاھالىلىرى بىلەن تەبىئىي رەۋىشتە سىڭىشىپ ئولتۇراقلاشقان بوستانلىق مەدىينىتىگە تەۋە يۇرتلارنىڭ بىرى ، بۇ يەردە ھەر قايسى يۇرت خەلقىنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرى بىر – بىرىگە سىڭىشىپ كەتكەن . توي – تۆكۈن، ئۆلۈم-يىتىم ئادەتلىرى چەرچەن ، خوتەن تەرەپلەرنىڭكىگە بىر قەدەر يېقىن .
1.توي – تۈكۈن ئادەتلىرى ۋە ئۇنىڭدىكى پەرھىزلەر چاقىلىق ئۇيغۇرلىرىنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ توي-تۆكۈن ئادەتلىرى ئىچىدە ئات توي، خەتنە توي، قىز-يىگىت تويى ئاساسى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن. بىز بۇيەردە ئاساسلىق قىلىپ قىز-يىگىت تويى ئۈستىدە توختىلىمىز: نىكاھ (توي) مۇناسىۋىتى- ئەر ۋە ئايالدىن ئىبارەت ئىككى جىنىس ئارىسىدا تىكلەنگەن ، جەمئىيەت ئېتىراپ قىلىدىغان، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت ، مۇنداق مۇناسىۋەت ئۆرپ-ئادەت ياكى قانۇن تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغاندىن كېيىن ، بەلگىلىك ھوقۇق ھەم مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتىگە ئىگە ئەر-خوتۇنلۇق شەكىللىنىدۇ. ئۇ ئائىلىنىڭ قۇرۇلىشى ۋە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىنىڭ ، ئۇرۇق-تۇققانلار ئارىسىدىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنىڭ تىكلىنىشى ۋە كېڭىيىشىنىڭ مەنبەسىدۇر. نىكاھ ھەرقايسى تارىخىي باسقۇچلاردا ئوخشىمىغان شەكىللەرگە ئىگە بولۇپ كەلگەن ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ شەكىللىرىدە مەلۇم ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن. بىز چاقىلىق خەلقىنىڭ ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرى قانداق نىكاھ شەكىللىرىدە تويلىشىدىغانلىقلىرىدىن خەۋەرسىزمىز،بىراق بەزى تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسەن، ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئاساسلىقى بىر ئەر كۆپ خوتۇىلۇق نىكاھ شەكلىدە ۋە بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق نىكاھ شەكلىدە تويلاشقان دەپ پەرەز قىلىمىز. يېڭى جوڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق نىكاھ شەكلى مۇكەممەللەشتى ۋە قانۇنلاشتى. ئۇيغۇرلاردا توي-تۆكۈنلەرنىڭ شەكلى ، دائىرىسى جەريانى كۆپ خىل ئېتىقادنى ئۆزىگە يانداشتۇرۇپ كەلگەنلىكتىن ماقالە ئېھتىياجى بىلەن، چاقىلىق ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي-تۆكۈن ئۆرپ-ئادىتىنى بۇ جەھەتتىكى پەرھىزلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، توينىڭ ئۆتكۈزۈلۈش جەھەتتىكى بىرقانچە قەدەم باسقۇچ بويىچە بايان قىلدۇق. توي – تۆكۈن ئادەتلىرى چوڭ جەھەتتىن باشقا يۇرت خەلقىنىڭكىگە ئوخشاش بولسىمۇ، بەزى ئىنچىكە تەرەپلەر بىلەن يەنىلا باشقا يۇرتلارنىڭ ئادەتلىرىدىن پەرىقلىنىدۇ . (1) لايىق تاللاش چاقىلىق ئۇيغۇرلىرىنىڭ قەدىم زاماندا، بەزى تارىخ تەتقىقات ماقالىلىرىدا بايان قىلىنغاندەك نىكاھلىنىشتا ئۇرۇق ئىچىدىن نىكاھلىنىش، ئۇرۇق سىرتىدىن نىكاھلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە بىرەر كونكىرىت ماتىرىيالغا ئىگە ئەمەسمىز. بىراق، يېقىنقى زامان ئەمەلىيىتى ۋە ئۇدۇم بولۇپ شەكىللىنىپ قالغان بەزى ئادەتلەرگە ئاساسلانساق، لايىق تاللاشتا ئاساسەن مىللەت ئىچىدىن لايىق تاللاش مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن. ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى داستان-چۆچەكلەردە گەرچە ئىشقى مۇھەببەت ھەققىدىكى تەسىرلىك بايانلار بولسىمۇ، تارىختىن بېرى دىنىي ئەقىدىلەرنىڭ تەسىرى بىلەن ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق لايىق تاللاش ئاساسى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن. تارىختىن بېرى چاقىلىق ئۇيغۇرلىرى «نىكاھ غايىب» دىگەن ئەقىدىدە چىڭ تۇرۇپ كەلگەن. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ‹‹نىكاھ غايىب›› دېگەنلىك نىكاھ شەخسنىڭ تاللىشىدا بولمايدۇ، بەلكى ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن بولىدۇ، دەپ قاراپ، قىز ئوغۇللىرىنىڭ لايىق تېپىشىغا ئارىلىشىپ كەلگەن شۇنداقلا بۇ ھوقۇقنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ كەلگەن. يەنە ئىسلام قائىدىسى بويىچە بولغاندا، رەسىدە بولغان قىزلارنىڭ يات ئەرلەر بىلەن ئۇچرىشىشى چەكلەنگەن ياكى ئۇچرىشىش پۇرسىتى ناھايىتى ئاز بولغاچقا لايىق تاللاش ئاتا-ئانا ۋاستىسى ئارقىلىق بولغان. لايىق تاللاشتا ‹‹تۇققاندارچىلىقتىن يىراقلاپ كەتمەسلىك ئۈچۈن›› ئۇرۇق-جەمەت ئىچىدىن لايىق ئىزدىگەن. زامان تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، چاقىلىق ئۇيغۇرلىرىنىڭمۇ نىكاھقا ئائىت كۆزقارىشى يېڭىلىنىپ ئەركىن نىكاھلىنىش تەشەببۇس قىلىندى. چاقىلىق ئۇيغۇرلىرىمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى نىكاھ ئەخلاقىغا بەك ھۆرمەت قىلىدۇ. ئوغۇللار لايىق تاللاشتا قىزنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتى، دىيانىتى ،دىنىي ئېتىقادى،ئائىلە ئەھۋالىنى بىردەك ئېتىبارغا ئالىدۇ. قانداشلىقى بار ئىككى ئەۋلاد يېقىن تۇققانلارنىڭ نىكاھلىنىپ قېلىنىشىدىن ، يات مىللەت بىلەن نىكاھلىنىشتىن قاتتىق پەرھىز قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىختىن بېرى يىپەك يولىنىڭ تۆگىنىدە پائالىيەت قىلغان، يىپەك يولى ئالاقىلىرىدىكى نۇرغۇن مىللەتلەر بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولغان بولغاچقا ، تارىختىن بېرى مەلۇم دائىرىدە يات مىللەتلەر بىلەن نىكاھلىنىشتىن چەكلەنمىگەن. ئەمما، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن تارتىپ يېقىنقى مەزگىللەرگىچە ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا مىللەت كىشىلىرى بىلەن نىكاھلىنىشى يەنە بىر شەرت ئاستىدا ئەمەلگە ئاشقان. ئۇ بولسىمۇ يات مىللەتتىن بولغان نىكاھ ئوبىكتىنىڭ چوقۇم ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىشىدىن ئىبارەت. ئۇيغۇر ئەرلىرى باشقا مىللەتتىن بولغان ئايالنى نىكاھىغا ئېلىشى ئۈچۈن ، ئۇ ئايال چوقۇم مۇسۇلمان بولىشى كېرەك ياكى نىكاھلىنىشتىن بۇرۇن ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىشى ۋە كېيىنكى تۇرمۇشىدا ئىسلام دىنى قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىشى كېرەك. بىراق، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ يات مىللەتتىن بولغان مۇسۇلمانغىمۇ ياتلىق بولىشى چەكلەنگەن. ئەلۋەتتە، چاقىلىق ئۇيغۇرلىرىنىڭمۇ مىللەت سىرتىدىن نىكاھلىنىشىدا يۇقارقى بايان ئاساستۇر. )2(ئەلچىلىك : بۇ ئوغۇل تەرەپنىڭ قىز تەرەپكە قىز سوراپ بېرىشىنى كۆرسىتىدۇ . كۆپ ھاللاردا ئوغۇل تەرەپ قىز تەرەپكە دەسلەپتە ئۆز ئۇرۇق تۇققانلىرى ياكى خۇلۇم - خوشنا ، مەھەللە جامائىتى ئىچىدىن يېشى چوڭراق ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ئىككىدىن ئۈچكىچە كىشىنى ئەۋەتىپ قىز سورايدۇ (ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى ئالاھىدە يېقىن بولسا يىگىتنىڭ ئاتا – ئانىسى بىۋاستە بارسىمۇ بۇلىدۇ) . ئىككنىچى قېتىم ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە ئارىلىق قالدۇرۇپ، يەنە بىر قېتىم بارىدۇ . بۇ قېتىم قىز تەرەپنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىش ۋە تويلۇقنى پۈتۈشۈش مەقسەد قىلىنىدۇ . (3 ) داستىخان تاشلاش (توي مەسلىھەتى): بۇ ئىككى تەرەپنىڭ توي ۋاقتىنى بىكىتىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئادەت بولۇپ ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرى قاتنىشىدۇ، بۇ يەرلىك تىلدا «گۈل قويۇش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ . يەنە بىرتەرەپتىن ‹‹قىزغا چاي ئىچۈرۈلدى›› ياكى ‹‹قىزنىڭ بېشى باغلاندى ›› دېيىلىپ توينىڭ رەسمى تەييارلىق باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئوغۇل تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ تەييارلىق ئەھۋالىغا قاراپ قىز تەرەپكە داستىخان تاشلاش ۋاقتنى ئۇقتۇرىدۇ . بۇ مەرىكىدە ئاساسەن قىزغا بېشىدىن – ئايىقىغىچە بولغان بىر قۇر كىيىملىك رەخ ياكى كىيىم ، ئاتا – ئانىسغا ئاتالغان رەخت ، بىر قوي(گۈل قويۇشقا ئاپىرىلىدىغان قوي دىگەن مەقسەتتە قوينىڭ بېشىغا قىزىل لاتا باغلاپ قويۇلىدۇ) ، تۇز، قەنت ، ناۋات ، چاي ، ئون نان . پۇل قاتارلىق نەرسىلەر سوۋغاتلىق بۇيۇم قىلىندۇ . ئادەتتە بۇ مەرىكىدىن ئىلگىرى قىز- يىگىت بىر – بىرىنىڭ ئاتا – ئانا ۋە ئۇرۇق – تۇققانلىرى بىلەن ئاشكارا بېرىش – كېلىش قىلمايدۇ . بۇ مەرىكىدىن كېيىن يىگىت ۋە قىز ئىككى تەرەپنىىڭ ئاتا – ئانىسى ، ئۇرۇق تۇققانلىرى بىلەن ئاشكارا بېرىش - كېلىش قىلسا بولىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا داستىخان تاشلىنىپ بولغاندىن كېيىن، يىگتنىڭ كۈچ قۇۋۋىتىنى سىناش مەقسىتىدە جىگدە كۆتىكى ياردۇرىدىغان ، قىزنىڭ ئۆي ئىشىغا چاققان ياكى ئەمەسلىكىنى سىناش ئۈچۈن چىنە يۇغىلى ، تاماق ئەتكىلى سالىدىغان ئادەتلەرمۇ بولغان (ناۋادا قىز چىنە يۇغاندا ئەترپقا سۇ چاچراتماي يۇسا بۇ قىزنىڭ ئۆي ئىشىغا پىششىق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ ) . چايدا ئىككى تەرەپ تۇققانلىرى ئۇچراشتۇرىلىدۇ،قىز تەرەپ تاماق تەييارلايدۇ، ئوغۇل تەرەپ بىر قوي (گۈلگە ئاپىرىلىدىغان قوي دىگەن مەنىدە بېشىغا قىزىل لاتا باغلاپ قويىدۇ)، قىزغا ۋە قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىغا سوۋغا تەييارلايدۇ، يەنە قوينىڭ تۆشى بېسىلغان پولو ئېلىپ بارىدۇ. چايدا ئەرلەر توي كۈنى، قىز تەرەپكە بېرىلىدىغان گۆش، ياغ، گۈرۈچ، ئوتۇن قاتارلىقلارنىڭ مىقدارى ئۈستىدە كېڭىشىدۇ. ئاياللار تويلۇق ئۈستىدە كېڭىشىدۇ. (4) تويلۇق : تويلۇق ئادەتتە ئوغۇل تەرەپنىڭ قىز تەرەپ بىلەن كېلىشىش ئارقىلىق، قىزنىڭ تويلۇقى ئۈچۈن ئېلىنىدىغان بۇيۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئوغۇل تەرەپ كىلىشكەن بويىچە قىزغا ئالتۇن بۇيۇملاردىن باشقا ئىچ كىيىم ، يازلىق ، كۈزلۈك ، قىشلىق كىيىم قاتارلىقلارنى تۈرى بويىچە تۇلۇق ئېلىپ توي كۈنى ئەكىلىدۇ . تويلۇق بۇيۇملاردىن بىرى كەم بولۇپ قالسا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە شۇ نەرسە كەم بۇولۇپ قالىدۇ، دەيدىغان قاراش بولغاچقا، قىز تەرەپ بۇ قاراشقا بەك ئەھمىيەت بېىرىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا تويدا سويۇلىدىغان قوي ، گۈرۈچ ، ياغ، ئون... قاتارلىقلارمۇ تويلۇق ھىسابلىنىدۇ. ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بەزى قاراشلار ئۆزگۈرۈپ ماددىي بۇيۇملارنىڭ ئورنىغا نەق پۇل ئالىدىغان ھالەت شەككىللەندى . قىز تەرەپمۇ تويلۇق ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ يوتقان- كۆرپە ، ياستۇق ، ساندۇق ، كەشتىلەنگەن ياپقۇچ، گىلەم قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تەييارلايدۇ . بۇنىڭ سانىغا چەك قۇويۇلمايدۇ . ئەمما ئاز ياكى كۆپ بولسۇن جۇپ بولىشى كېرەك . چاقىلىق ئۇيغۇرلىرى بەزى ئۆرپ – ئادىتىگە دىنىي ئەقىدىلەر ئارىلىشىپ كەتكەن بۇلۇپ تويى بولىدىغان قىز توي بولۇشتىن بىر كۈن ئىلگىرى ئىسرىقلىنىپ، قىزنىڭ بەختىگە دۇئا قىلىنىدۇ . ئاندىن شەخسىي تازىلىق قىلىدۇ . بۇنىڭدا ئاساسەن قاش تېرىش ، ئوسما قۇيۇش ، تىرناقلىرىغا خېنە قويۇپ ، چاچلىرىنى چىرايلىق قىلىپ ئۆرۈيدۇ . قاش تېرىشتە تېرىلگەن قاشنى يۇمىلاق چىرايلىق قىلىپ يېقىلغان ناننىڭ ئۈستىگەقويىدىغان ئادەت بار (ھازىر بۇ تەييارلىقلاردىن ئىسرىقلاشتىن باشقىلىرى مەخسۇس گىرىم ئۇستىلىرىنىڭ ياردىمىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولدى ) . (5)توي مەرىكە : بۇ رەسمى توي كۈنى بولۇپ ،كۆپۈنچە دەم ئېلىش كۈنلىرى (شەنبە،يەكشەنبە ياكى بايرام كۈنلىرى) ئېلىپ بېرىلىدۇ. تويدىن بۇرۇن ئوغۇل-قىز ھەر ئىككىلىسى ئايرىم-ئايرىم قولداش تاللايدۇ. نىكاھ ئۆمۈرلۈك بولماي قالىدۇ ، دەپ قاراپ قىز قولدىشىغا توي قىلىپ بولغان ياكى ئەردىن ئاجراشقانلارنى قولداشلىققا تاللاشتىن پەرھىز قىلىدۇ. ئوغۇل قولداشلىققا توي قىلغانلارنى تاللىسا بولىدۇ، لېكىن ئىككى قېتىم توي قىلغانلارنى قولداشلىققا تاللىمايدۇ. ئەنئەنە بويىچە توينىڭ ھارپا كۈنى قىز يىگىت بىر - بىرى بىلەن كۆرۈشمەيدۇ. چاقىلىق ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي مەرىكىسدە ئۆزى تۇرۇشلۇق مەھەللە ، ئۇرۇق – تۇققان ، تۇنۇش بىلىشلەرگە توي ئېشى تارتىلىدۇ . تويغا كەلگۈچىلەرنىڭ سوۋغلىرىمۇ ھەر خىل بولۇپ كىم نېمە تاپسا شۇنى ئەكەلسە بولىۋىرىدۇ . سوۋغاتلىقلاردا بەك ھەشەمەتچىلىك قوغلاشمىغاچقا، توي مەرىكىگە قاتنىشىدىغان ئادەممۇ كۆپ بولۇپ توي ئىنتايىن قىزىيدۇ . تويدا خەلق ئىچىدىكى سەنئەتكارلار نەغمە قىلىدۇ . تويغا كەلگەن مىھمانلار ئىچىدىكى ئۇسۇل بىلىدىغانلىرى ئۇسۇل ئوينايدۇ . توي كۈنى چىرايلىق ياسانغان قىز دوسلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئايرىم ئۆيدە ئولتۇرىدۇ . توي ئاساسەن چۈشتىن كېيىنگىچە داۋاملىشىدۇ . ئىككى تەرەپ كېلىشكەن ۋاقىتتا ئوغۇل تەرەپ قىز كۆچۈرۈشكە كېلىدۇ . بۇ ۋاقىتتا نىكاھ پەتىسى ئۇقۇلىدۇ (ھازىر نىكاھ پەتىسى بەزى دىنى قاراشلار تۈپەيلىدىن توي كۈنى سەھەردىلا ئۇقۇلىدىغان بولدى) نىكاھ ئوقۇلغاندا، ئىمام قىز يىگىتتىن بۇ تويغا رازى ياكى رازى ئەمەسلىكىنى سورايدۇ، يىگىت ‹‹ئالدىم›› دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. قىز كۆپىنچە ئەھۋالدا ئۈچ قېتىم سورالغاندىن كېيىن جاۋاپ بېرىدۇ، بىرىنچى قېتىم سورالغاندا جاۋاپ بېرىشتىن پەرھىز قىلىدۇ، شۇنداق قىلىپ سالسا كىشىلەرنىڭ ‹‹توي قىلىشقا ئاران تۇرۇپتىكەن›› دەپ مەسخىرە قىىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. لېكىن 3-قېتىم سورالغاندا چوقۇم ‹‹تەگدىم›› دەپ جاۋاپ بېرىشى شۇنداقلا يىگىتنىڭ‹‹ئالدىم›› دىگەن، قىزنىڭ ‹‹تەگدىم›› دېگەن جاۋابىنى ئىمام باشلىق جامائەت ئېنىق ئاڭلىشى كېرەك. نىكاھ ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن قىز-ئوغۇلغا ئالدىن تەييارلىنىپ قويۇلغان تۇزغا چىلانغان نان يىگۈزۈلىدۇ . ئۇغۇل تەرەپكە ئاش تارتىلىپ بولغاندىن كىيىن تويلۇق بۇيۇملار ئېچىلىدۇ، ئۇغۇل تەرەپكە ئاش تارتىشتا يىگىتنىڭ ئالدىغا ئالىدىغان پولوغا چوقۇم قوينىڭ تۆش گۆشى بېسىلىدۇ . ئاخىرىدا قىز تەرەپ قىزنى قايتا ئىسرىقلاپ تويلۇق كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ، يۈزى چوڭ ياغلىقتا يېپىلىپ گىلەم ياكى كۆرپىدە ئولتۇرغۇزۇپ، قىز تەرەپنىڭ ئۇرۇق - تۇققانلىرى ھەم يىگىت قىزنى ئېلىپ چىقىدۇ . قىزنى ئېلىپ چىقدىغاندىمۇ قىزنى چۇقۇم ئۆينىڭ ئىشىك ، بۇسۇغىلىرىغا تەگدۈرىۋەتمەسلىك ، ئىشكتىن چىقىۋاتقاندا يىگىتنىڭ بېشىنى باسماسلىققا ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدۇ . خەلق ئىچىدە قىز يۆتكەلگەندە يىگىتنىڭ بېشىنى بېسىۋەتكەندە يىگىت ئايالى ۋە قېينانا – قېيناتىسىنىڭ ئالدىدا بېشىنى كۆتۈرۈپ يۈرەلمەيدۇ، دەپ قارىلىدۇ . يەنە بىر ئىش قىز كۆچۈرۈلگەن ۋاقىتتا يىگىت تەرەپ قىز تەرەپنىڭ ئۆيىدىن زەدىۋالنىڭ مىخى ، پىيالە دىگەندەك كىچىك ، باشقىلار دىققەت قىلمايدىغان نەرسىلەرنى تىقىۋېلىپ ئەكىتىدۇ . ناۋادا قىز تەرەپ بايقاپ قالسا نەق مەيداندا تارتىۋالىدۇ . ناۋادا بايقىيالمىسا قىز كۆچۈرۈلۈپ بولغاندىن كىيىن قىز تەرەپكە ھەسسىلەپ قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ .قىز – ئۇغۇل ئىككىلا تەرەپ قۇرۇق ئۈزۈم ،كەمپىت، قاق دېگەندەكلەردىن چاچقۇ تەييارلايدۇ . قىز تەرەپ يىگىتلەر ئۈچۈن كۆمەچ (گۆشنان) بىلەن داستىخان تەييارلايدۇ . داستىخانغا يەنە ياغلىق ياكى رەختتىن بىر جۈپ قۇشۇلىدۇ . قىز كۈچۈرۈلۈپ ئۇغۇل تەرەپنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە، ئىشك ئالدىغا قۇمۇشتىن ئوت يېقىلىدۇ . قىز – يىگىت ئوتنى ئۈچ قېتىم ئايلانغاندىن كىيىن يىگىت تەرەپ قورۇسىغا كىرىدۇ . قىز كىرىپ بولغاندىن كېيىن ئىككى تەرەپ چاچقۇسىنى چىقىرىدۇ . توي جامائىتى تالىشىپ ئېلىۋالىدۇ . بۇ يەردە توي چاچقۇسىنى يىسە چىش ئاغرىمايدۇ ، دەيدىغان قاراش بار . يىگىت تەرەپ قىز- يىگىت ئۈچۈن تەييارلانغان كۆرپىنىڭ ئاستىغا تاش ياكى سۈپۈرگە قويۇپ قويىدىغان ئادەت بار ، بۇ قىزنىڭ شۇ ئۆيدە تاشتەك ئېغىر ئولتۇرۇپ قېلىشى مەقسەد قىلىدۇ . سۈپۈرگە قويۇش بولسا قىزنىڭ ئىشچان بولىشى مەقسەد قىلىنىدۇ . يۈز ئېچىش : قىز كۆچۈرۈلۈپ كەلگەندىن كىيىن ئىككى تەرەپتىن بېكىتىلگەن ئىككى ئايال يىگىت – قىزغا ئاتالغان رەخ بىلەن قىز – يىگىتنىڭ يۈزىنى ياپىدۇ، ئاندىن ئۇسۇل ئويناپ چۆرگىلەپ كېلىپ، چۇكا بىلەن يۈزىنى ئاچىدۇ . بۇ ئۈچ قېتىم تەكرارلىنىدۇ . ئاندىن يىگىت تەرەپ تۇتقان چاينى ئاۋال يىگىت ئاندىن قىز ئىچىدۇ . قىز يەڭگىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ھوجرىسىغا ئەكىرىپ قويۇلىدۇ . (6) توي مەرىكىسدىكى ئويۇن تۈرىدىكى ئادەتلەر : بۇ ئاساسلىق قىزنى كۆچۈرۈپ مېڭىشتىن باشلىنىدىغان كۈڭۈل ئېچىش تۈرىدىكى يوسۇنلار بۇلۇپ، قىز تەييار بولغۇچە يىگىتنىڭ دوست – بۇرادەرلىرىدىن بىر نەچچىسى بېشىنى بىر يەرگە ئەكلىۋىلىپ ‹بەرگەنلىرىگە ھەشقاللا، ساقلاپ قالدى ياش باللا› دەپ توۋلاپ، قىزنىڭ تېزراق تەييار بولىشىنى سۈيلەيدۇ . بۇ تاكى قىزنى كۆرگىچە داۋاملىشىدۇ . قىز كۆچۈرۈلۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئوغۇل – قىز ئىككى تەرەپتىن ئالدىن بېكىتىلگەن قۇشاقچىلار قوشاق ئېيتىشىدۇ . ئاندىن يەڭگەن تەرەپ قىز تەرەپتىن يىگىتكە ئاتالغان كۆمەچنى تەلەپ قىلىدۇ . ئاخىرىدا يىگىت تەرەپ تەييارلىغان داستىخان بىلەن قىز تەرەپ تەييارلىغان داستىخان ئېچىلىپ، ئىچىدىكى نەرسىلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن ئۆز ئارا ئالماشتۇرىلىدۇ . (7)كۈرمانە‹ كۆرسىتىش › : بۇ توي كۈنىنىڭ ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن يىگىت تەرەپنىڭ قىزنى ئاتا – ئانىسغا كۆرسىتىش مەقسەد قىلىنغان ئىككى تەرەپنىڭ چوڭلىرىنىڭ يىغىلىشى بولۇپ ئاۋال يىگىت تەرەپ تاماق ئېتىپ داستىخان تەييارلايدۇ . قىز تەرەپكە كەلگەندىن كېيىن ئاۋال يىگىت تەرەپ قىز تەرەپكە ئاتالغان سوۋغات بويۇملىرىنى پەتنۇسقا قويىدۇ . قىز تەرەپمۇ ئۇلارغا سوۋغاتلىق بۇيۇم تۇتىدۇ . بۇ يىغىلىش ئىنتايىن تىز ئېلىپ بېرىلىدۇ . قىز تەرەپ تاماق تارتىپ بولغاندىن كېيىن دەرھال دۇئا قىلىپ قىزنى ئېلىپ كېتىدۇ . بۇ يىغىلىشتا قىز ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۆيىدە ئۇزاق تۇرۇپ قالسا، كېيىن ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۆيىدىن كېتەلمەيدىغان ، دائىم ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بارغۇسى كېلىپ تۇرىدىغان بولۇپ قالىدۇ، دەيدىغان قاراش بار . بۇ توينىڭ ئاخىرلىشىشىنى ئىپادىلەيدىغان ئەڭ ئاخىرقى يىغىلىش . ئۇنىڭدىن باشقا چاقىلىق ئۇيغۇرلىرىدىمۇ باشقا يۇرت ئۇيغۇرلىرىغا ئوخشاش تويى بولغان قىزلارنىڭ پاكلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان ئادەت بار بولۇپ قىزنىڭ ئىپپەتلىك بۇلىشىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدۇ تويى بولغان قىزنىڭ ئىشلىتىشىگە ئالاھىدە تەييارلانغان ئاق رەخ ياكى لۆڭگە قاتارلىق نەرسىلەرنى تەييارلايدۇ . 2.ئۆلۈم – يىتىم،نەزىر-چىراق ئادەتلىرى چاقىلىق ئۇيغۇرلىرى ئۆلۈم – يىتىم ئىشلرىغىمۇ ئوخشاشلا بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ . ئاخىرەتلىك ئىشلارمۇ تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ . مېيىت قويۇلغان ئۆيگە كۆپ ئادەم كىرمەيدۇ (مۈشۈكنىڭ كىرىپ قېلىشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ) . قىش كۈنلىرىدە ئۆينى بەك ئىسسىق تۇتمايدۇ . مېيىت قاتمىغان بولسا مېيىتنىڭ تىزرەك قېتىشى ئۈچۈن مېيىتنىڭ غولى تەرەپكە قۇم تۆكۈپ قويىدۇ. چۈشتىن كىيىن مېيىت چىقىرىلمايدۇ . قازا قىلغۇچىنىڭ يېشى چوڭ بولسا چۈشكە يېقىن ، ياشراق بولسا ئەتىگەنرەك چىقىرىلىدۇ . مېيىت چىقىرىلغىچە بولغان ئارىلىقتا مېيىت قۇيۇلغان ئۆينى يورۇق تۇتۇش ئۈچۈن كېچىسى چىراق ياندۇرۇپ قويۇلىدۇ . چاقىلىق ئۇيغۇرلىرى ئۆلۈمنى ئۇزۇتۇش، نەزىر بېرىش ، تۇپراق بېشىنى يوقلاش(قەبرە يوقلاش) ئادەتلىرىدە ئۆزگىچىلىكنى ساقلاپ كەلگەن. ئادەتتە ئۆلۈم خەۋىرى كەلسە پالانى جايدا ناماز بوپتۇ، ياكى پالانى تۈگەپ كېتىپتۇ دەپ جامائەت بىر-بىرىگە خەۋەر يەتكۈزىدۇ. مەسچىت جامائىتى ئارقىلىقمۇ يەتكۈزۈلىدۇ. ئەمما ئۆلۈم خەۋىرىنى ئېغىر ئاغرىق بار يەردە ياكى ياشىنىپ قالغانلار بار يەردە بىۋاستە يەتكۈزۈشتىن پەرھىز تۇتۇلىدۇ. قازا قىلغۇچى سەھەردە ياكى كۈن نەيزە بويى ئۆرلەشتىن ئىلگىرى تۈگەپ كەتسە، مېيىتنى شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يەرلىككە قويۇلىدۇ، ئەگەر چۈشتىن كېيىن ياكى كېچىدە تۈگەپ كەتسە، مېيىتنى بىر كېچە قوندۇرۇپ ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن يەرلىكىدە قويۇدۇ، مېيىت يەرلىككە قويۇلۇشتىن ئىلگىرى ئىلمان سۇدا يۇيۇپ پاكىزلىنىدۇ، قازا قىلغۇچى ئەر بولسا يۇغۇچىلىققا ئەر كىشى، ئايال بولسا ئايال كىشى تاللىنىلىدۇ. مېيىت يۇيۇلىدىغان سۇنى ئىسسىتىشتا قۇمۇش، سامان، پاخال قاتارلىق يۇمشاق يېقىلغۇلار ئىشلىتىلىدۇ. بۇ يۇمشاق يېقىلغۇدا ئىسسىغان سۇ يۇمشاق بولۇپ، مىيىتقا ئاراملىق ئېلىپ كېلىدۇ دېگەن قاراشتىن شەكىللەنگەن. مېيىت سۇغا ئېلىنىپ كېپەنلەنگەندىن كېيىن تاۋۇتقا سېلىنىدۇ، مېيىتنى يۇغان جايدىن ئېلىپ چىقىشتا ياكى تاۋۇتقا سېلىشتا پۇت (ئاياغ) تەرەپتىن ئېلىپ چىقىش پەرھىز قىلىنىپ ، باش تەرەپتىن ئېلىپ چىقىلىدۇ. مېيىت قەبرىستانلىققا ئېلىپ بېرىلىشتىن ئىلگىرى مەسچىتتە مېيىت نامىزى چۈشۈرىلىدۇ. يەرلىككە تېگى قاتتىق سېغىز جاي تاللىنىپ تاشقى يەرلىك كولىنىپ ئۇنىڭدىن كېيىن مىيىتنىڭ چوڭ –كىچىكلىكىگە ئاساسەن ئىچكى يەرلىك كولىنىدۇ. مېيىت يەرلىككە باش تەرىپى شىمالغا ، ئاياغ تەرىپى جەنۇپقا، يۈز تەرىپى قىبلىگە (غەرپكە) قارىتىلىپ قويۇلىدۇ. مېيىت كېپەننى چىشلىۋالسا يامانلىق ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قاراپ مېيىتنىڭ يۈز قىسمى ئوچۇق قويۇلىدۇ. يەرلىكنىڭ ئاغزى كېسەك بىلەن ئېتىلىپ باش قىسىم تەرەپكە 3-4 مېتىر ئىگىزلىكتە ئۆسكەن تېرەك بەلگە قىلىپ قويۇلىدۇ، يەرلىكلەر ئادەتتە بۇنى ‹‹خادا›› دەپ ئاتايدۇ. خادا ئەمەلىيەتتە بەلگە بولۇپ بۇرۇنقى زاماندا بەزىلەر باشقا قەبرىلەردىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن خادىغا ئاتنىڭ قۇيرىقىنى ئېسىپ قوياتتى، بەزىلەر لاي كېسەك بىلەن قەبرە ياساپ قوياتتى. يېقىنقى زامانغا كەلگەندە ياغاچتا ياكى تۈمۈردە جازا ياساپ سالاسۇن دەپ ئاتايدىغان بولدى. مېيىت يەرلىككە قويۇلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ كېچە - كۈندۈزگىچە قازا قىلغۇچىنىڭ يېقىن تۇققانلىرى ياكى پەرزەنتلىرىدىن بىر ئىككەيلەن (ئەر كىشى) مىيىت يالغۇز قالسا بولمايدۇ، دەپ تۇپراق بېشىدا قارايدىغان، شۇنداقلا موللام تەكلىپ قىلىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلدۇرىدىغان ئادەت بار. مېيىت ئۇزاتقاندا ئاياللار سىرىتقا چىقىرىلمايدۇ. مىيىت يەرلىككە قويۇلۇپ ئۈچىنچى كۈنى چوڭ نەزىر بېرىلىدۇ، بۇ ئۈچ نەزىر دەپ ئاتىلىدۇ. چاقىلىقتا باشقا جايغا ئوخشىمايدىغىنى ئۈچ نەزىر چوڭ بولىدۇ، يەتتە نەزىرى كىچىك بولىدۇ. يەنە يىگىرمە كۈن توشقاندا كىچىك كۆلەمدە نەزىر قىلىنىدۇ، قىرىق نەزىرى ۋە يىل نەزىرى ئوخشاشلا چوڭ بېرىلىدۇ. يەرلىك ئادەت بويىچە ساۋاپ بولىدۇ، دەپ قارىلىپ كۆپىنچە ھەرخىل نەزىرنى پەيشەنبە كۈنىگە توغرىلاپ ئۆتكۈزىدۇ.قازا قىلغۇچىنىڭ ئۇرۇق-تۇققان، پەرزەنتلىرى ھەر پەيشەنبىدە تۇپراق بېشىنى يوقلاپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كۆپ ساندىكى ئائىلىلەر بىر يىلنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم كۈننى تاللاپ ئۆز ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ئامانلىق ۋە ياخشىلىق تىلەپ مەسچىت جامائىتىنى قىچقىرىپ خالىس نەزىر قىلىدىغان ئادەت بار. يەرلىكلەر ئادەتتە ئۆلۈمنى سۆرەپ كېلىدۇ دەپ قاراپ مازارلىقنىڭ توپىسىنى ھەرقانداق ئىشقا ئىشلەتمەيدۇ. چوڭلار بالىلارغا مازارغا قاراپ قولىنى چەندىسە ‹‹قولى قۇرۇپ كېتىدۇ››غانلىقىنى ، مازارلىقتا تەرەت قىلسا ‹‹جىن چاپلىشىۋالىدۇ›› غانلىقىنى ئېيتىپ ئېھتىيات قىلىشقا نەسىھەت قىلىدۇ. ئىسسقلىق : بۇ ئۆلۈم بولغان ئائىلىنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرىدىن باشقا ئۆلۈم بولغانلىقىنى ئاڭلىغانلىكى كىشىنىڭ ئۆلۈم بولغان ئائىلىگە ئېلىپ بارىدىغان ھال –سوراش ئادىتى بولۇپ ئاساسەن پوشكال (قۇيماق) ، گۆشنان ، ياقما نان ، مانتا ، چاي قاتارلىق يىمەك – ئىچمەك تۈرىدىكى كۆتۈرۈپ مېڭىش قۇلايلىق بولغان تائاملاردۇر . ئەمما بۇ نەرسىلەر مېيىت يەرلىكىگە قويۇلۇشتىن ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلسا ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ . چۇقۇم مېيىت يەرلىككە قويۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۈچ نەزىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ياكى ئۈچ نەزىر كۈنى ئېلىپ بېرىلىدۇ . بۇ نەرسىلەرنى جۈپ ئاپىرىشقا بولمايدۇ، چۇقۇم تاق سان بويىچە ئاپىرىش ئادەتكە ئايلانغان . سىرى قەبرە : بۇ قەبرە يوقلاشنىڭ يەرلىك ئاتىلىشى بولۇپ، مېيىت چىقىرىلغان كۈننىڭ ئەتىسى سەھەردىن تاكى ئۈچ نەزىرى بىرىلگەنگە قەدەر ئۈچ كۈن ، ھەر كۈنى سەھەردە مەسچىت جامائىتى تۇپراق بېشىغا بېرىپ قازا بولغۇچىنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلغاندىن كىيىن، ئۆلۈم بولغان ئائىلە ئەزالىرىنى يوقلايدۇ . قارىلىق تۇتۇش : بۇ ۋاپات بولغان كىشىگە بولغان ھۆرمەت ۋە ئەقىدىنىڭ سىمۋولى بولۇپ بۇنىڭغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ . ئۆلۈم بولغان ئائىلە ئەزالىرىدىن ئاياللار ئاق ياغلىق ، رەڭسىز ئۇزۇن كىيىم كېيىپ بېلىگە پۇتا (ئاق رەخ) باغلايدۇ . ئەرلەر باش كىيىم كىيىپ پۇتا باغلايدۇ . ئاساسلىق ئائىلە ئەزالىرى قىرىق كۈنگىچە پۇتا باغلايدۇ . بىر يىلغىچە رەڭسىز كىيىم كېيىدۇ . نەزىر : چاقىلىق ئۇيغۇرلىرى نەزىر چىراق ئىشلرىنىمۇ ئىنتايىن تەرتىپلىك ئېىلىپ بارىدۇ . ئۈچ نەزىر ، يەتتە نەزىر ، يىگىرمە نەزىر ، قىرىق نەزىر ، يىل نەزىر دەپ ئايرىلىدۇ . مېيىت يەرلىككە قويۇلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچۈنچى كۈنى ئۆچ نەزىر بىرىلىدۇ . ئۈچ نەزىر چوڭ بىرىلىدۇ . يەتتىنچى كۈنى يەتتە نەزىر بىرىلىدۇ . يەتتە نەزىر ئاساسەن مەسچىت جامائىتىگە بىرىلىدۇ . يىگىرمە كۈن بولغاندا يىگىرمە نەزىر بىرىلىدۇ . بۇ نەزىر يەتتە نەزىردىن چوڭراق بولۇپ خۇلۇم خوشنا ھەم مەسچىت جامائىتىگە بېرىلىدۇ . قىرىق كۈن بولغاندا قىرقى نەزىر بېرىلىدۇ . قىرىق نەزىر ئالدىنقى نەزىرلەرگە قارىغاندا، تېخمۇ كۆپ ئادەم قاتنىشىدۇ . بىر يىل بولغاندا يىل نەزىر بېرىلىدۇ . يىل نەزىر بىلەن قىرىق نەزىرگە قاتنىشىدىغان ئادەم ئوخشاش بولۇپ بۇ نەزىرگە ئالاھىدە تەييارلىق قىلىنىدۇ . قارا سالدۇرۇش : بۇ ئۆلۈم بولغان ئائىلە ئەزالىرىغا نىسبەتەن تەسەللىي رولىنى ئوينايدىغان ئادەت بولۇپ ئۆلۈملۈك بولغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ يېقىنلىرى يىل نەزىردىن كېيىن رەڭلىك رەخ ، كېيىم – كىچەك قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن ئۆلۈملۈك بولغان ئائىلە ئەزالىرىنى يوقلاپ بارىدۇ . يىل نەزىردىن كېيىن رەڭلىك كېيىملەرنى كېيىشكە بولىدۇ . باشقا ئادەتلەر : يۇقارقىلاردىن باشقا چاقىلىق ئۇيغۇرلىرىدا ئۆلۈم بولغان ئۆيدە ئۈچ كۈنگىچە سۈپۈندە ( ئەخلەت ) تۆكۈشكە بولمايدۇ ، ئۆيلەرنى سۈپۈرۈشكە توغرا كەلسە بىر بۇلۇڭغا يىغىپ قويۇلۇپ ئۈچ نەزىر بېرىلىپ بولغاندىن كېيىن سىرتقا ئېلىپ چىقىپ تۆكۈلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ئۈچ كۈنگىچە ئۆيدە تاماق ئېتىلسە بولمايدۇ، دەيدىغان قاراش بار بولغاچقا ئۈچ نەزىردىن ئىلگىرىكى تاماق ئاساسەن يېقىن خوشنىلىرىنىڭ ئۆيىدە ئېتىلىدۇ . ئۆلۈم بولغان ئۆيدە قىرىق كۈنگىچە كۈلكە چاخچاق قىلىشقا ، مۇزىكا ئاڭلاشقا ، تېلۋۇزۇر كۆرۈشكە بولمايدۇ .قىرىق كۈنگىچە نەزىر-چىراقتىن باشقا ئاممىۋى سورۇنلارغا بېرىشقا بولمايدۇ، پاكىزە يۈرۈش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئاياللار بىر يىلغىچە چېچىنى يىلمدا پاتلاشقا بولمايدۇ دەيدىغان ئەنئەنىۋى قاراشمۇ بار، بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋاپات بولغان كىشىگە بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدىغان ئادەتلەرنىڭ بىرى . ئاخىرەتلىك بۇيۇم تەييارلاش ئادەتلىرى ئاخىرەتلىك بۇيۇم تەييارلاش باشقا يۇرت خەلقىدىمۇ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان دىنى قائىدىلەرنىڭ بىرى بولۇپ چاقىلىق ئۇيغۇرلىرىدىمۇ ئۆرپ –ئادەتكە ئايلانغان دىنى قائىدىلەرگە شەكسىز ئەھمىيەت بېرىدۇ . ئاخىرەتلىك بۇيۇملار ۋاپات بولغۇچىنىڭ ئەر ياكى ئاياللىقىغا قاراپ ئوخشىمايدۇ . ئاياللار ئۈچۈن تەييارلىنىدىغان بۇيۇملار : يۈز ياپقۇ : بۇ مېيىتنىڭ يۈزىنى يېپىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان رەختنى كۆرسىتىدۇ . زاڭاق تاڭغۇچ : قازا قىلغۇچىنىڭ ئىڭىكىنى تېڭىشقا ئىشلىتىلىدۇ . كېپەنلىك : كېپەنلىك ئادەتتە چوڭ جەھەتتە تاش كېپەنلىك ھەم ئىچ كېپەنلىك دەپ ئايرىلىدۇ . ئىچ كېپەنلىك ماڭلاي تاڭغۇچ ، ياغلىق ، كۆكرەك تاڭغۇچ ، كالتە ئىشتان ، كۆينەك ، لىچەك ، ئاتلاندى قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپىدۇ . بۇلار ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان پاختا رەخىتتىن تىكىلىدۇ . ياغلىق چەگدۈرۈشتىن ئىلگىرى چاچ ئىككى تال ئۆرۈلۈپ ياغلىققا باستۇرۇلغاندىن كېيىن لىچەك كەيدۈرىلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ئاياللار ئۈچۈن ئشلىتىلمىگەن ئەينەك ، قايچا ، تاغاق كېتىدۇ . بۇلارنى مېيىتنى يەرلىككە قويغۇچى كىشى يەرلىككە بىللە ئەكىرىپ ئاندىن قايتۇرۇپ چىقىدۇ . يەنە بىر ئادەت ئاياللار ئۈچۈن يىپ- يىڭنە ، سەرەڭگە تارقىتىلىدۇ . بۇ قازا قىلغۇچى ھايات ۋاقتىدا باشقىلاردىن شۇنىڭدەك ئۇششاق نەرسىلەرنى ئارىيەت ئېلىپ قايتۇرمىغان بولسا قازا قىلىنغان كۈنى قايتۇرۇلغان ھسابلىنىدۇ . لەھەت ( گۆر ) : بۇ مېيىت قويۇلىدىغان جاي بولۇپ چاقىلىق ئۇيغۇرلىرى گۆر ئۇيۇشقا بەك ئەھمىيەت بىرىدۇ . تۇپرىقى قاتتىق بولغان جاي تاللىنىپ تاش گۆر ئۇيۇلىدۇ، ئاندىن ئىچ گۆر ئۇيۇلىدۇ . ئىچ گۆرگە قۇيۇلىدىغان تەلەپ يۇقۇرى بولۇپ ئادەم تىزلىنىپ ئولتۇرسا بېشى تاقاشمىغىدەك ئىگزلىكتە تۆت چاسا ئۆي شەكلىدە ئۇيۇپ چىقىرىلىدۇ . ئىچ گۆرنىڭ ئېغىز تەرەپ پالتۇك (بۇسۇغا) دېيىلىدۇ . تۆر تەرىپىگە ئىككى غېرىچ ئىگىزلىكتە سۇپا ياسىلىدۇ . جەسەت چىرىشكە باشلىغاندا ئاقىدىغان زەرداپلارنىڭ تۇپىغا سىڭىپ كېتىشى ئۈچۈن جەسەتنىڭ قولتۇق ، ئىككى بېقىن ، ئەۋرەت تەرەپلىرىگە يۆلىنىش بويىچە ئېرىقچىلار ئېلىنىدۇ . گۆرمۇ ئەر – ئايال ئۈچۈن ئوخشاش بولىدۇ . يۇيۇش بۇيۇملىرى : يۇيۇش بۇيۇملىرى مېيىت يۇغۇچىلار ئىشلىتىدىغان بۇيۇملارنى كۆرسىتدۇ . بۇلار تۆۋەندىكىچە : چاچاپ : بۇ مېيىت يۇيۇش ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ياغاچتىن ياسالغان زەمبىل شەكلىللىك ، تۆت پۇتلۇق كىچىك كارۋات بولۇپ تۆت ئەتراپىدىن سۇ ئېقىپ چىقىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن قىرلانغان بولىدۇ . بۇ ئەر- ئايال ئۈچۈن ئورتاق ئىشلىتىلىدۇ . قىزىل گۈل ياكى رەيھان گۈلنىڭ قۇرۇتۇلغان بەرگى : بۇ پۇراق ماتىرىيالى بولۇپ مېيىت يۇيۇلىدىغان سۇغا سېلىپ، تەمى چىقىرىلغاندىن كىيىنكى سۇدا مېيىت يۇيۇلىدۇ . پەلەي : بۇ پاختا رەختتىن تىكىلگەن بارماقسىز پەلەي بولۇپ مېيىت يۇغۇچىلار قۇلىغا كىيىپ تۇرۇپ مېيىتنى يۇيىدۇ . ئەر – ئايال ئۈچۈن ئورتاق بولىدۇ ئېغىز تاڭغۇچ : بۇ مېيىت يۇيۇشقا قاتناشقۇچىلار ئىغىزىنى تاڭىدىغان رەخ بولۇپ تۆت قات بولىدۇ . ئاساسەن قازا قىلغۇچىلاردىن تارقىلىدىغان ھەر خىل كىسەللىك مىكروپلىرىدىن ساقلىنىش مەقسەد قىلىنىغان تازلىق ئادىتى . نان : بۇمۇ دىنى قاراشلار تۈپەيلىدىن شەكىللەنگەن ئۆرپ – ئادەت بولۇپ جەمئى تۆت نان كېتىدۇ . بىر نان مىيىت يۇيۇلغان سۇغا چىلىنىپ ئاندىن ئىتقا بىرىلىدۇ . ئۈچ نان جىنازىنىڭ ئالدى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ يىتىم – يىسىرلارغا بىرىلىدۇ . ياغلىق : بۇ مېيىت يۇيۇلۇپ جىنازىغا سېلىنغاندىن كېيىن قازا قىلغۇچىنىڭ ئەر ياكى ئاياللىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن جىنازىغا ياپىدىغان ياغلىق . دۆرە : بۇ ئەر – ئايال ئۈچۈن ئورتاق بولغان ئادەت بولۇپ قازا قىلغان كىشىنىڭ يېشىغا قاراپ ئائىلە ئەزالىرى ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا ئاساسەن يىتىم يىسىرلارغا تارقىتىپ بىرىدىغان پۇل . دۆرىنىڭ ئەڭ ئاز بولغىنى بىر ياش ئۈچۈن بىر كويدىن ھېسابلىنىدۇ . ئەرلەر ئۈچۈن تەييارلىنىدىغان بۇيۇملار : ئەرلەر ئۈچۈن تەييارلىنىدىغان بۇيۇملارمۇ ئاياللارنىڭكىدىن بەك پەرىقلىنىپ كەتمەيدۇ . يۇيۇش بۇيۇملىرى ئەر – ئايالغا ئورتاق بولىدۇ . پەقەت كېپەنلىك تەييارلاش ئوخشاشمايدۇ . ئەرلەر ئۈچۈن كېپەنلىك تاش كېپەنلىك ھەم ئىچ كېپەنلىك، دەپ ئايرىلىدۇ . ئىچى كېپەنلىك كالتە ئىشتان ، ئۇزۇن ئىشتان ، كۆينەك ، لىچەك قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپىدۇ . باشقا ئورتاق بولغان بۇيۇملار ئاياللار ئۈچۈن تەييارلىنىدىغان بۇيۇملار ئىچىدە ئەسكەرتىلگىنى ئۈچۈن بۇ يەردە قايتا تىلغا ئالمايمەن . يۇقۇرقىلاردىن باشقا چاقىلىق ئۇيغۇرلىرى قازا قىلغان ئۇرۇق تۇققان قوۋم – قېرىنداشلىرىغا بولغان سېغىنىش ھەم ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، مېيىت يەرلىكىگە قويۇلغاندىن كېيىن ھەر پەيشەنبە كۈنى تۇپراق بېشىنى يوقلايدۇ . يىلدا بىر قېتىم ئۇرۇق – تۇققان ، قېرىنداشلىرىنىڭ قازا قىلغان كۈنىدە جامائەتكە نەزىر بىرىدۇ، بۇ ئۈزۈلمەي ھەر يىلى داۋاملىشىدۇ . تۇپراق بېشىغا ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ سالاسۇن قويىدۇ . تۇپراق بېشىغا گۈل تېرىيدۇ ( بۇ ھازىرقى ئادەت) . ھەر پەيشەنبە كۈنى گۈلگە سۇ قۇيۇپ قازا قىلغۇچىغا بولغان سېغىنىشىنى ئىپادىلەيدۇ . توي- تۆكۈن ، ئۆلۈم – يىتىم ئۆرپ – ئادەتلىرى ھەر قايسى يۇرت قۇبۇل قىلغان دىنىي – ئېتقادىغا ، خەلقىنىڭ ياشىغان ماكان ھەم زامانىغا شۇنىڭدەك ، توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بىر قانچە يۇرت خەلقىنىڭ ئۆرپ – ئادىتىنىڭ ئۆز – ئارا بىرىكىشىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك. چاقىلىق خەلقىنىڭ ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن ھەم داۋاملىشىۋاتقان ئۆرپ ئادەتلىرىمۇ يۇقارقى ئامىللاردىن مۇستەسنا ئەمەس، ئەلۋەتتە . مۇشۇنداق ئۆرپ – ئادەتلىرىمىزنى ساقلاپ قېلىش ، بىلىش دائىرىسىنىڭ ياشانغانلاردىن ھالقىپ ياشلارنىڭمۇ بىلىشى ، يوقالغان ھەم يوقۇلىۋاتقان مىللى مەدەنىيەت ، ئۆرپ – ئادەتلىرىمىز ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يۇرتىمىزنىڭ ساياھەتچىلىك ۋە تۈرلۈك تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇش چاقىلقتا ياشاپ كېلىۋاتقان ھەر بىر كىشىنىڭ مەسئۇلىيتى ۋە ،مەجبۇرىيتىدۇر .
|