چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ قاتناش تىرانسپورت تەرەققىياتى
قاسىم ئۆمەر
چاقىلىق ناھىيىسى تەكلىماكان چۆللىكىنىڭ شەرقى جەنۇبىغا جايلاشقان بۇلۇپ ، دېڭىز يۇزىدىن 846ــــ4500مېتىر ئىگىز.شەرقتە گەنسۇ،چىڭخەيدىن ئىبارەت ئىككى ئۆلكە بىلەن تۇتىشىدۇ.جەنۇپتا كۇئېنلۇن تاغ تىزمىسى ئارقىلىق شىزاڭ بىلەن چېگرىلىنىدۇ.غەرپتە چەرچەن ناھىيىسى بىلەن قوشنا.شىمالدا لوپنۇر ناھىيىسى شۇنداقلا تۇرپان ،قۇمۇل ۋىلايەتلىرى بىلەن چېگرىداش بولۇپ، شەرقتىن غەرپكىچە بولغان ئۇزۇنلىقى 570كىلومېتىر، جەنۇپتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 580كېلومېتر ئومۇمى يەر مەيدانى 202مىڭ 300كۇۋادرات كىلومېتركېلىدۇ.دۆلەت يولى 218-لىنىيىسىنىڭ جەنۇپتىكى ئاخىرقى نۇقتىسى ،دۆلەت يولى 315-لىنىيە ناھىيىنى شەرقتىن غەرپكە كىسىپ ئۆتۈپ چىڭخەيگە تۇتىشىدىغان بولۇپ شىنجاڭنىڭ ئىچكىرىگە چىقىدىغان 2-ئېغىزى ھىساپلىنىدۇ.
1.تاشيول تەرەققىيات تارىخى
(1) تارىختىن سۆز
يىپەك يولى شەرق بىلەن غەرپنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىقتىساد ئالاقىسىدەئاجايىپ روللارنى ئوينىغان.ئەينى تارىخى دەۋردە كارۋانلارنىڭ ئالتۇن كولدۇرمىلىرى پۈتكۈل چۆل-جەزىرىلەردە جاراڭلاپ ئىنسانلارنى ئويغاتقان ھەمدە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
تارىخى مەلۇماتلارغا قارىغاندا مىلادىنىڭ بېشىدىلا دەڭ-ئۆتەڭلەر قۇرۇلۇپ كارۋانلار ئوزۇق-تۈلۈك ۋە قاتناش ۋاستىلىرى ھەم لازىمەتلىكلەر بىلەن تەمىنلىگەن.شۇ دەۋردىكى كارۋانچىلىق ئىشلىرى ھەققىدە ئەينى چاغدىكى كروران ئېلىنىڭ ھاكىمىيەت تىل-يېزىقى بولغان قارۇشتى يېزىقىدىكى يادىكارلىقلاردا شۇدەۋردىكى كارۋانچىلىق ئىشلىرى توغرىسىدا بەزى مەلۇماتنامىلەر قالدۇرۇلغان.
يۇرتىمىزدىن يېتىشىپ چىققان ياش تارىخ تەتقىقاتچىسى، كرورانشۇناش غالىپ بارات ئەركنىڭ ‹‹ كروراننىڭ سىرى›› ناملىق كىتابىدىكى ‹‹ چاقىلىقنىڭ كارۋان يوللىرى›› دىگەن ماقالىسىدىكى تۆۋەندىكى بايانلار بىزنى چاقىلىقنىڭ يىراق قەدىمقى زاماندىكى تاشيول ئەھۋالى توغرىسىدا قىممەتلىك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدۇ:
بۈگۈنكى كۈندە ئارخېئولوگلار تەكشۈرۈش داۋامىدا ئەينى تارىخىي دەۋرلەردىكى كارۋانلارنىڭ ئىزلىرى ئارقىلىق كارۋان يوللىرىنى تېپىپ چىقىپ،بۇساھەدىكى مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇردى. ‹‹شىنجاڭ يىلنامىسى›› نىڭ 1992-يىللىق تومىنىڭ تېتولىغا يىپەك يولىنىڭ خەرىتىسى بېرىلگەن بولۇپ،ئۇنىڭدا مۇنداق ئۈچ تارماق يول كۆرسىتىلگەن:بىر تارماق يول دۇخاندىن كېلىپ لوپ كۆلى بويىدا LK خارابىسى ئارقىلىق مىرەن بوستانلىقى بىلەن چاقىلىق بوستانلىقىغا تۇتاشقان،يەنە بىر تارماق يول لوپ كۆلى بويىدىن كۆنچى دەرياسىنى بويلاپ لوپنۇر ناھىيىسى تەۋەسى بىلەن بۈگۈر،كۇچالارغا تۇتاشقان. ئۈچىنچى تارماق يول كۆنچى دەرياسى ۋە قۇرۇقتاغ قۇملىقىنى كېسىپ ئۆتۈپ توقسۇن تۇرپانلارغا تۇتاشقان.
شۋېتسىيىلىك ئارخېئولوگ بېرگمان ‹‹شىنجاڭ ئارخېئولوگىيىسى›› ناملىق كىتابىدا ئۆز تەكشۈرۈشلىرىگە ئاساسەن سىزغان خەرىتىسىدە، دۇخاندىن ئاياغ قۇم كۆلىگە تۇتىشىپ ئۇنىڭدىن چاقىلىققا تۇتىشىدىغان بىر يولنى سىزغان، بېرگماننىڭ سىزغىنىمۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولىشى مۇمكىن. ئاياغ قۇم كۆلى ئەتراپىدا يەنە شەھىرى سابىز دەيدىغان بىر شەھەرنىڭ بولغانلىقى، ئالتۇنتاغ باغرىدىن تاش قورال دەۋرىدىكى ئىزلارنىڭ بايقىلىشى قەدىمدىن بۇ ئالاقە يولىنىڭ بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان يەنە بىر پاكىت ھېساپلىنىدۇ.
1917-يىلى شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغان گومىنداڭنىڭ باج ئەمەلدارى شيې لىننىڭ ‹‹شىنجاڭغا ساياھەت›› ناملىق ئەسىرىدە يول مۇساپىلىرى ناھايىتى ئېنىق خاتىرلەنگەن. بۇ ئەسەردە چەرچەندىن چىقىپ شىمالغا قىيپاش ھالدا شەرققە قاراپ 20 چاقىرىم يۈرسە بېلىقكۆل، ئۇيەردىن 40 چاقىرىم يۈرسە ئاقتىكەندۆڭ، 10 چاقىرىم يۈرسە ئىسسىق ئوتاق، 50 چاقىرىم يۈرسە تاتراڭ، تاتراڭدىن 12 چاقىرىم يۈرسە كونا تاتراڭ، 43 چاقىرىم يۈرسە شور كۆل، 45 چاقىرىم يۈرسە چوڭكۆل، 20 چاقىرىم يۈرسە غازلىقكۆل كونا لەڭگىرى، 25 چاقىرىم يۈرسە پاتىمە ئۆلگەن، 22 چاقىرىم يۈرسە ئاقتازدۆڭ، 40 چاقىرىمدەك يۈرسە بۇغا بۇلاق، 50 چاقىرىم يۈرسە ياقا بۇلاق، چاپان قالدى، ئۇزۇن چاۋا، بەل(چەرچەن بىلەن چاقىلىقنىڭ چېگرىسى)، ۋاششەرى كونا شەھرى، ۋاششەرى كەنتىگە كەلگىلى بولىدۇ...ۋاششەرىدىن چىقىپ 55 چاقىرىم يۈرسە ھوشۇر قۇدۇق، 15 چاقىرىم يۈرسە شورلۇق، 30 چاقىرىم يۈرسە كالا ئۆلگەن، 20 چاقىرىم يۈرسە جىنلىق، 38 چاقىرىم يۈرسە بەشلاق، 20 چاقىرىم يۈرسە تاتلىقبۇلاق، 35 چاقىرىم يۈرسە كاللا ئاستى، 15 چاقىرىم يۈرسە يېڭى تاتراڭ كەنتىگە كەلگىلى بولىدۇ.يېڭى تاتراڭ بىلەن كونا تاتراڭ مۇشۇيەردە چېگرىلىنىدۇ، 15 چاقىرىم يۈرسە چاقىلىق بازىرىغا، ئۇ يەردىن ئىككى چاقىرىم يۈرسە ناھىيە يامۇلىغا بارغىلى بولىدۇ.
چاقىلىقتىن شەرققە قاراپ ماڭسا يانداشقاق(70 چاقىرىم)، مىرەن كەنتى(120 چاقىرىم)، دۆڭلۈك-مۇدۇلۇق(50 چاقىرىم)، يۇلغۇنلۇق جىلغا، قۇمۇش بۇلاق(110 چاقىرىم)، گاۋلۇزى(120 چاقىرىم)، قوشلەڭزە(70 چاقىرىم) گە بارغىلى بولىدۇ.بۇ يولنىڭ پۈتۈلىشى خەرىتە بويىچە بولغاندا چاقىلىق- يانداشقاق- مىرەن- پاختا بۇلاق- دۆڭلۈك- لاۋزا- قوشلەڭزە- قۇمقۇدۇق- يانتاققۇدۇق- قوشقۇدۇق- توخۇلۇ ئويمانلىقى بولغان.
چاقىلىقتىن شەرقى جەنۇپقا يۈرسە، چىڭخەي شىنىڭغا، غەربىي جەنۇپقا قاراپ ماڭسا شىزاڭنىڭ لاساغا بارغىلى بولىدۇ. يەنى چاقىلىقتىن شەرقى جەنۇپقا قاراپ يول يۆنىلىشى مىرەن- ئاۋاز- تۆپە داۋان- يىلۋا چىمەن- غاز كۆل(يەنە بىر نامى شوركۆل)- قابدۇ بۇلاق- ماڭلەي- قۇشۇن- چىمەنتاغ ئېغىزى بولۇپ چىڭخەي چېگرىسىغا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ(سەھىپە مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتەڭلەرنىڭ كونكىرت مۇساپى قالدۇرۇلدى). يەنە چايدام ئويمانلىقىدىن ئۆتسە چاقىلىقتىن يۈرۈپ 19-كۈنى ئاندىن شىنىڭغا بارغىلى بولىدۇ. چىمەنتاغ ئېغىزىدىن غەربىي جەنۇپقا قاراپ ماڭسا باغتوقاي،ھېلقاغا، ۋاڭبا قوشقان، قۇمكۆل بولۇپ شىزاڭ چېگرىسىغا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ، لاساغا بىر ئايلىق مۇساپە.
بەزى ماتىرىياللاردا قارا بوران كۆلىدىن چاقىلىققا بارىدىغان مەخۇس يول بولغاندىن سىرت، يەنە تۇرپانغا بارىدىغان ئىككى يولنىڭ بولغانلىقىمۇ خاتىرلەنگەن.
نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىنىڭ يېزىشىچە، يەنە قۇمۇلدىن چاقىلىققا كېلىدىغان 700چاقىرىملىق يول بار بولۇپ، بۇيولنىڭ يۆنىلىشى مۇنداق ئىكەن: قۇمۇل قارا دۆۋىدىن شونا- شونا نۇر- تويا- كاۋا بۇلاق،پىچان تەۋە سىدىكى كاۋا بۇلاقتىن كاۋا بۇلاق تاغ ئېغىزىغىچە،تاغ ئېغىزىدىن پالگان بۇلاق، پالگان بۇلاقتىن چاقىلىق تەۋەسىدىكى ئاقبۇلاققىچە، ئاق بۇلاقتىن رورانغىچە، روراندىن قۇربانكۆل ئارىش- توقۇم- توققۇز ئاتا- چاقىلىق بازىرىغىچە. چەرچەندىن چاقىلىققىچە 700 چاقىرىم بولۇپ،يول يۆنىلىشى:چەرچەن بازىرى- باغلىق- باش تاتراڭ- ئاياغ تاتراڭ(قىياق)- ئاياغ تاتراڭ- چوڭ لەنگەر- كۆك چاقماق- ئارقا ئېرىق- قوش ساتما- ياقا توغراق- ۋاششەھرى- تاتلىق بۇلاق- چاقىلىق بولۇپ جەمئى 11ئۆتەڭ بار. چاقىلىق بىلەن گەنسۇنىڭ ئارىلىقى 960 چاقىرىم كېلىدۇ. مۇساپىلەر تۆۋەندىكىدەك: چاقىلىق- يانداشقاق- مىرەن- پاختابۇلاق- دۆڭكۆل- ساسلەنگەر- شور ئېغىل- لاۋزا- قوشلەڭزە- يىتىم ئېغىل- دۆقاش- قۇمقۇدۇق- قوشقۇدۇق بولۇپ، قوشقۇدۇقتىن توخولۇ ئويمانلىقىغىچە يەنە 13 ئۆتەڭ بار.
دىمەك، يۇقۇرقى بايانلاردىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى چاقىلىق يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن قەدىمدىن ھازىرغىچە شەرق بىلەن غەرپنىڭ سودا ھەم مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ راۋان بولىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. قەدىمقى زاماندا قەشقەر –چاڭئەن يولى خوتەن،چاقىلىق ،دۈنخۇاڭنى بېسىپ ئۆتكەن. چاقىلىق جەنۇبى شىنجاڭدىكى كارۋان يوللىرىنىڭ تۈگۈنى،شۇنداقلا جەنۇبى شىنجاڭنىڭ شەرقى دەرۋازىسى بولۇپ كەلگەن.
(2) ئازاتلىقتىن ئىلگىرى ياسالغان يوللار
① چاقىلىق – كورلا تاشيولى. بۇ يول 1940-يىلى ئەتىيازدا قاراشەھەردىن2000 كىشى، كورلىدىن 3000 كىشى ، بۈگۈردىن 2000 كىشى ،لوپنوردىن 1000 كىشى ، چاقىلىقتىن 1000 كىشى ھاشارغا سېلىنىپ ،ئاۋال كورلىدىن تىكەنلىككە،ئاندىن تىكەنلىكتىن چاقىلىققا بولغان بۆلەكلىرى ياسالغان.1943-يىلى چاقىلىق ھۆكۈمىتى يەنە يېزا نوپۇسىغا قاراپ ئەرلەردىن 700ئادەمنى ھاشارغا سېلىپ بۇيولنى ياساش ئىشىغا قاتناشتۇرغان ، تاشيول ياسىغۇچىلارنىڭ ئوزۇقى، ئات - ئۇلاقلارنىڭ يەم-خەشىكى ۋە كېرەكلىك ماتىرىياللارنى توشۇشقىلا 200 كىشىلىك يۈك تۇشۇش ئەتىرىتى تەشكىل قىلىنغان . ئاشۇنداق جاپالار ئارقىلىق بۇ يول 1943-يىلى 3-ئايدا پۈتكەن ، شۇ ۋاقىتتىكى ئومۇمى ئۇزۇنلىقى 495 كىلومېتىر بولۇپ بولۇپ ، 32سۈڭگۈچ ، بىر ياغاچ كۆۋرۈك ياسالغان.
② چاقىلىق – چەرچەن تاشيولى . 1942-يىلى 2-ئاينىڭ 17- كۈنى چاقىلىقتىن 450 ئادەم ، 50كالا، 100 زەمبىل چىقىرىلىپ چەرچەنگە بارىدىغان يول ياسىلىشقا باشلىغان . يول ياسىغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلىقى يەرگە قاراپ چېچىپ يىغىۋېلىنغان . شۇيىلى 7-ئايدا چەرچەندىنمۇ 300ئادەم ئاجرىتىلىپ چەرچەندىن چاقىلىققا بارىدىغان يول ياسالغان . گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ھېچقانداق ئىقتىسات چىقارمىغانلىقتىن يولنى ياساش ئىشى توختاپ قالغان .1947-يىلى 9-ئايدا چاقىلىقتىن 420 ئادەم ،چەرچەندىن 500 ئادەم ئاجرىتىلىپ يول ياساش داۋاملاشتۇرۇلغان، شارائىت ئىنتايىن جاپالىق بولغانلىقتىن يول ياساش سۈرئىتى ناھايىتى ئاستا بولغان.
③ چاقىلىق - دۈنخۇاڭ تاشيولىنڭ يۆنىلىشى 1942-يىلى 8-ئايدا بېكىتىلگەن ، 1943-يىلى 63 كىلومېتىر قىسمى ياسالغان ، يىل ئاخىرىدا چاقىلىق بازىرىدىن مىرەنگە بارىدىغان قىسمى پۈتكەن، 1944-يىلنىڭ بېشىدا بۇيرۇققا بىنائەن قۇرۇلۇش توختىتىلغان.1945-يىلى تاشيول قۇرۇلىشى يەنە باشلىنىپ 1946-يىلى 2-ئايدا پۈتكۈزۈلگەن . شۇۋاقىتتىكى ئومۇمى ئۇزۇنلىقى 739كىلومېتىر.
④ چاقىلىقتىن لوپنۇرغىچە بولغان كونا يول. بۇيول 1942-يىلى 12-ئايدىن باشلاپ ياسالغان، 1943-يىلى 3-ئايدا پۈتكەن،يول قۇرۇلىشا 3000دىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچى ئىشلىتىلگەن بولۇپ ،قۇرۇلۇش ناھايىتى جاپالىق ئېلىپ بېرىلغان،ئوزۇق-تۈلۈكنىڭ يىتىشمەسلىكى،زۇلۇمنىڭ ناھايىتى قاتتىق بولىشى بىلەن قۇرۇلۇش جەريانىدا نۇرغۇن ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان.بۇقېتىمقى يول ياساشقا قەشقەردىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن ئازسانلىق مىللەتلەردىن تەشكىل قىلغان 6-باتالىيوننىڭ ئوفېتسىر ئەسكەرلىرىمۇ قاتناشقان.بۇ يول قۇرۇلىشى پۈتكەندىن كېيىن چاقىلىقتىن ئەنشىگە بارىدىغان يول ياسالغان. شۇيىلى يەنە مىرەنگە بارىدىغان يول ياسىلىشقا باشلىغان، شېڭ شىسەي 6-باتالىيون ئەسكەرلىرىنىڭ شۇۋاقىتتا چاقىلىق تاغلىرىدا قوراللىق ھەركەت قىلىپ يۈرگەن قازاق چارۋىچىلىرىغا قوشۇلۇپ ئىسيان كۆتۈرۈپ ئۆز ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرىۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېلىپ تارقىتىۋەتكەچكە،يول قۇرۇلىشى توختاپ قالغان. بۇ يول 1946-يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى غەلىبە قىلغانسېرى قۇمۇلنى ئىشغال قىلىۋالسا، شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ تامامەن ئۈزىلىدىغانلىقىقنى ھېس قىلغان جياڭ جيېشىنىڭ بۇيرۇق چۈشۈرىشى بىلەن ياساپ پۈتكۈزۈلگەن.تارىخى ماتىرىياللاردا بۇ يولنىڭ ئەمەلىي ئۇزۇنلىقى توغرىلىق ھېچقانداق خاتىرە قالدۇرۇلمىغان.
⑤ 1947-يىلى 7-ئاينىڭ باشلىرىدىن 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە 710ئادەم ھاشارغا سېلىنىپ چاقىلىق –يېكەنبۇجۇمال يولى ياسالغان. تارىخى ماتىرىياللاردا بۇيولنىڭمۇ ئەمەلىي ئۇزۇنلىقى توغرىلىق ھېچقانداق خاتىرە قالدۇرۇلمىغان.
1941-يىلدىن 1948-يىلغىچە چاقىلىق ناھىيىسى ھەر يىلى ئادەم تەشكىللەپ يول ياساش – ئاسراش ئىشلىرىنى قىلغان.ھەر قېتىمدا خەلق ئاز بولغاندا بىر يېرىم ئاي، كۆپ بولغاندا ئۈچ-تۆت ئاي ئىشلىگەن. چاقىلىق خەلقى چاقىلىق –كورلا،چاقىلىق –چەرچەن،چاقىلىق –دۈنخۇاڭ تاشيوللىرىنىڭ قۇرۇلىشىدا مىسلىسىز جاپا مۇشەققەتلەرنى چەككەن.ھازىرقى يوللار مۇشۇ يوللارنىڭ ئاساسىدا ياسالغان.
دىمەك، ئازاتلىقتىن ئىلگىرى چاقىلىقتىن ھەرقايسى جايلارغا بارىدىغان بۇيوللار توختاپ قېلىپ يەنە داۋاملىشىش، ياساش سۈرئىتى ئاستا بولۇش قاتارلىق جەريانلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن بولسىمۇ ئاخىرقى ھېساپتا پۈتكۈزۈلگەنلىكىدىن بۇ يوللارنىڭ بۇرۇندىنلا سىتىراتىگىيىلىك ئورنىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى كۆرۈۋالماق تەس ئەمەس.
(3) ئازاتلىقتىن كېيىنكى يول قۇرۇلىشى
① يېڭى جوڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردىكى يول قۇرۇلىشى. يېڭى جوڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە چاقىلىقتىكى يول قۇرۇلىشى ئاساسلىقى ئۆزكۈچىگە تايىنىپ ئېلىپ بېرىلغان. يول ياساشقا كېتىدىغان خىراجەت، ماددى بويۇملارنى يەرلىك ئۈستىگە ئالغان. چاقىلىقنىڭ دائىرىسى كەڭرى، يول مۇساپىسى ئۇزۇن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھىيە مالىيەسىدە قىيىنچىلىق ئىنتايىن ئېغىر بولغاچقا بۇ مەزگىللەردىكى يول ياساش ئاساسلىقى ئىلگىرى ياسالغان يوللارنى يېڭىلاش ۋە پۇختىلاش بىلەن كۇپايە قىلغان.
1951-يىلى ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى 100دىن ئارتۇق ئاممىنى قاتناشتۇرۇپ چاقىلىقتىن ئارغانغىچە 150 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۇزىنى، 4 كۆۋرۈكنى رېمونت قىلغان، 3 كۆۋرۈكنى يېڭىدىن سالغان.
1954-يىلى ناھىيە يەنە 600 ئەمگەك كۈچى، 1400دىن ئارتۇق ئۇلاغ تەشكىللەپ نەھىيە بازىرىدىن
1956-يىلى ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى كەڭ كۆلەمدە كۈچ تەشكىللەپ چاقىلىق – چەرچەن تاشيولىنى رېمونت قىلدى. بۇقېتىم ئالدى بىلەن دېھقاندىن 79 نەپەر غوللىق تېخنىك تەربىيىلىدى، شۇيىلى 10-ئايدا 1148 ئەمگەك كۈچى،256ھارۋا،250 ئىشەك يۆتكەپ كېلىپ 10دانە ياغاچ كۆۋرۈك ياسىدى؛5110كۇپ مېتىر شېغىل تەييارلاپ 108كىلومېتىر يول يۈزىنى رېمونت قىلدى. بۇ قېتىمقى يول قۇرۇلىشىدا شىنجاڭ تاشيول ئىدارىسى ئىككى توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى بىلەن ياردەملىشىپ قۇرۇلۇشنىڭ سۈرئىتى ۋە سۈپىتىنى زور كۆلەمدە يۇقۇرى كۆتۈردى.
چاقىلىق ناھىيە تەۋەسىدىكى يوللار يۇقارقىدەك ئۈچ قېتىملىق رېمونىتنى باشتىن كۆچۈرۈپ ماشىنا قاتنىيالىغۇدەك ھالەتكە كېلىپ، 1956-يىلى 7-ئايدا چاقىلىق بىلەن كورلا ئارلىقىدا قەرەللىك يولىچىلار ماشىنىسى ۋە پوچتا ماشىنىسى قاتناپ چاقىلىققا ماشىنا قاتنىيالماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى؛1957-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى چاقىلىق بىلەن چەرچەن ئارلىقىدا ماشىنا قاتناش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ چاقىلىق قاتناش تىرانسىپورتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.
② 1960-يىللاردىن كېيىنكى يول قۇرۇلىشى. 60-يىللارنىڭ بېشىدا چاقىلىقتىكى يول قۇرۇلىشى ئەترىتى تەدرىجى ھالدا كەسىپلەشكەن قۇرۇلۇش ئەترىتىگە ئايلاندى. تېخنىك ،ئادەم كۈچى ۋە ماشىنا ئەسلىھەلەر بىر قەدەر كاپالەتكە ئىگە قىلىنىپ يول قۇرۇلۇش سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.
1963-يىلدىن 1964-يىلغىچە قايتا تەكشۈرۈش ئاساسىدا كورلا-چاقىلىق تاشيولى كەڭ كۆلەمدە ئۆزگەرتىپ ياسالدى. بۇقېتىمقى يول ياساشقا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈئەنى يېزا ئىگىلىك 2-دىۋىزىيىسىنىڭ ئىشچىلىرى ۋە بىرقىسىم رېجىم ئاستىدا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلىۋاتقانلار قاتناشتى. بۇقېتىمقى قۇرۇلۇشتا چاقىلىقتىن لوپچاڭزىغىچە بولغان يول بۆلىكى شەرقتىن غەربكە سۈرۈلۈپ ۋە تۈزلىنىپ ئەسلىدىكى مۇساپىدىن 20 كىلومېتىر قىسقىرىدى. ئارغان ئەتراپىدىكى قۇملۇق دائىرىسىدە توغراقنى يېقىلغۇ قىلىش ئارقىلىق 102 كىلومېتىرلىق بۆلەككە خىش ياتقۇزۇلغان.40 يىلغا يېقىن ۋاقىتتا تۈرلۈك ئېغىر –يىنىك ئاپتوموبىللارنىڭ توختىماستىن قاتناپ تۇرۇشى بىلەن خىش يولنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى بۇزۇلۇپ كەتكەن. شىنجاڭ تاشيول تارىخىدىكى بۇ مۆجىزە خارەكتىرلىك قۇرۇلۇشنىڭ 40يىلغا يېقىن تارىخى مۇساپىسىدە بىر قىسىم جايلىرى بۇزۇلماي ساقلىنىپ قالغاچقا 2002-يىلى7-ئاينىڭ 28-كۈنى دۆلەت يولى 218-لىنىيىسىنىڭ بۇ خىش يول بۆلىكىگە دۇنيا جىننىس رېكورتى گۇۋاھنامىسى بېرىلدى.
1981-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى چاقىلىق تارىخىدا ئاز كۆرىلىدىغان يامغۇر ئاپىتى يۈز بېرىپ ، چاقىلىقتىن لوپچاڭزىغىچە بولغان يول بۆلىكىنىڭ 13 يېرىنى بۇزىۋەتكەن، ياغاچ كۆۋرۈكنىڭ ھەممىسى ۋەيران بولۇپ قاتناش 3 كۈن ئۈزۈلۈپ قالغان.
1982-يىلدىن 1983-يىلغىچە دۆلەتنىڭ 30نەچچە مىليون يۈئەن مەبلەغ سېلىشى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتىنىڭ 0701-ئەترىتى شېغىل يۆتكەپ كېلىپ، دائىم قاتناش ئۈزۈلۈپ قالىدىغان چوڭكۆلنىڭ شور كۆل قىسمىنىڭ 27 كىلومېتىر دائىرىدىكى يول يۈزىنى 1 مېتىر كۆتۈرۈپ رېمونت قىلغان. ئەسلىدىكى كىچىك ياغاچ كۆۋرۈكلەرنىڭ ھەممىسىنى چېقىۋېتىپ، بىتون قۇرۇلمىلىق 18 ئوتتۇرا-كىچىك كۆۋرۈك، 19سۈڭگۈچ ياساپ پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش راۋانلىشىپ، چاقىلىقتىن كورلىغا بىر كۈندە يېتىپ بارغىلى بولىدىغان يول راۋان ھالەتكە يەتكۈزۈلۈلگەن .
چاقىلىق –كورلا تاشيولى ئەنە ئاشۇنداق نەچچە قېتىم رېمونت قىلىش، قايتا ياساش قاتارلىق جەريانلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ 90-يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا كەلگەندە ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشى ، قاتناش مىقدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشى، يول ئۇلىنىڭ كونىرىشى بىلەن يول يۈزى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ ،چاقىلىقتىن كورلىغا ماڭىدىغان يۈك ماشىنىلىرى ۋە يولىچىلار ئاپتوۋوزى 20نەچچە سائەتتە يېتىپ بارالايدىغان ھالەتكە كېلىپ قالغان.ئەنە شۇنداق ئەھۋال ئاستىدا 2000-يىللارنىڭ بېشىغا كەلگەندە يۇقۇرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ بىرنەچچە قېتىم كېلىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ دەلىللىشى نەتىجىسىدە، دۆلەتنىڭ ئۈزگەرتىپ ياساش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن 3-دەرىجىلىك ئاسپالىت يول قىلىپ قايتا ياسىلىپ 2002-يىلى 10-ئايدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش ئەسلىگە كەلدى.شۇنىڭدىن كېيىن چاقىلىقتىن كورلىغا چوڭ ماشىنىلار 6-7سائەتتە، كىچىك ماشىنىلار 4 سائەتتە يېتىپ بارالايدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىپ، چاقىلىقنىڭنىڭ ئىقتىسادى ئىجتىمائى تەرەققىياتىنى تىزلىتىش ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۈتۈرىش ، سىرىت بىلەن بولغانئىجتىمائى ئالاقىنى كۈچەيتىشتە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى.
1966-يىلى دۆلەت چىڭخەي-شىنجاڭ تاشيولىنى ئۆزگەرتىپ ياساشنى قارار قىلغان. ئەسلىدىكى يول يۆنىلىشىنىڭ ماڭلاي-خوڭلىيگۇ-مىرەن كۆۋرىكى بۆلىكىنىڭ ئايلانمىسى كۆپ، مۇساپىسى ئۇزۇن بولغاچقا بۇ يۆنىلىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ،يول يۆنىلىشى ماڭلەي-تاش داۋان-قۇم داۋان-مىرەن كۆۋرىكى-چاقىلىققا ئۆزگەرتىلىپ ،يولنىڭ نامى دۆلەت يولى 315-لىنىيىسى دەپ ئاتالغان. بۇقېتىمقى قۇرۇلۇشقا جەمئى 70مىليون يۈئەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، قۇرۇلۇشنى جوڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسىنىڭ120-قىسمى بىلەن قاتناش مىنىستىرلىكىنىڭ 3-قۇرۇلۇش باشقارمىسى بىرلىكتە ئۈستىگە ئالغان. قۇرۇلۇشنىڭ كۆپ قىسمى دېڭىز يۈزىدىن 3000- 4000 مېتىردىن ئىگىز داۋاندىن ئۆتىدىغان بولغاچقا قۇرۇلۇش قىلىش ناھايىتى جاپالىق بولغان، قۇرۇلۇش 6يىل داۋاملىشىپ 1972-يىلى پۈتۈپ رەسمى قاتناش باشلانغان. بۇ يولمۇ گەرچە ئاسراش خىزمىتى تەلەپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، يىللارنىڭ ئۆتىشى ۋە تەبىئى ئاپەتلەر تۈپەيلىدىن يول ئۇلى بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكى ھەمدە ھازىرقى دەۋرگە ماسلىشالمىغانلىقتىن، دۆلەتنىڭ ئۆزگەرتىپ ياساش پىلانىغا كىرگۈزۈلۈپ 2005- يىلدىن باشلاپ ياسىلىۋاتىدۇ،2008-يىلى 10-ئايدا قۇرۇلۇش تاماملىنىپ پۈتۈن لىنيە بۇيىچە قاتناش باشلىنىدۇ.يولنىڭ يۆنىلىشى بۇرۇنقى كونا يول يۆنىلىشى بويىچە لاھىيىلەنگەن ، ئومۇمى مۇساپىسى 290 كىلومېتىر، 3- دەرىجىلىك ئاسپالىت يول.
(4) چاقىلىقتىكى ھازىرقى يوللارنىڭ ئاساسى ئەھۋالى
① چاقىلىق –كورلا تاشيولى . بۇ يول ھازىرقى دۆلەت يولى 218-لىنىيىسىنىڭ(بۇ لىنىيە غولجىدىن باشلىنىپ چاقىلىقتا ئاخىرلىشىدۇ) كورلىدىن چاقىلىققىچە بولغان بۆلىكى بولۇپ، ئومۇمى ئۇزۇنلىقى 444 كىلومېتر (بەزى ماتىرىياللاردا445كىلومېتر، بەزى ماتىرىياللاردا 448كىلومېتر دەپ ئېلىنغان) . چاقىلىقتىن كورلا يۈنۈلىشىگە قاراپ ئارغان، يېڭىسۇ، يېزا ئىگىلىك 2-دىۋىزىيىسىنىڭ 35-34-33-32-31- پولكلىرى ۋە لوپنور ناھىيىسىىدىن ئۆتىدۇ.
② چاقىلىق -چەرچەن تاشيولى. بۇ يول دۆلەت يولى 315-لىنىيىسىنىڭ چاقىلىقتىن چەرچەنگىچە بولغان بۆلىكى بولۇپ، چاقىلىقتىن چەرچەن يۆنىلىشىگە قاراپ ۋاششەرى، تاشساي، توغراقلىقنى بېسىپ ئۆتىدۇ. ئومۇمى مۇساپىسى 274 كىلومېتىر ،3-دەرىجىلىك ئاسپالىت يول.
③ چاقىلىق-دۈنخۇاڭ تاشيولى. بۇ يول دۆلەت يولى 315- لىنىيىسىنىڭ چاقىلىقتىن گەنسۇنىڭ دۈنخۇاڭ دىگەن يېرىگىچە بولغان بۆلىكى بولۇپ بۇرۇنقى كونا يول لىنىيىسى بويىچە يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ ياسىلىۋاتىدۇ.قۇرۇلۇش 2005-يىلى باشلانغان بولۇپ، 2008-يىلى 10-ئايدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانلانغان. ئومۇمى مۇساپىسى 290 كىلومېتىر، 3-دەرىجىلىك ئاسپالىت يول.
④ چاقىلىق –قۇمۇل تاشيولى. بۇيول يېڭىدىن ياسىلىۋاتقان دۆلەت يولى 315-لىنىيىسىنىڭ چاقىلىق تەۋەلىكىدىن باشلىنىپ چاقىلىق ناھىيىسىگە قاراشلىق لوپنۇر كۆلى بازىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ قۇمۇلغا تۇتىشىدۇ. ئومۇمى ئۇزۇنلىقى 710 كىلومېتىر، چاقىلىق تەۋەلىكىدىكى مۇساپىسى 220كىلومېتىر(ناھىيە بازىرىدىن 320كىلومېتىر)، قۇمۇلدىن لوپنور كۆلى بازىرىغىچە بولغان بۆلىكى 2006-يىلى ئۆزگەرتىپ ياسالغان، لوپنۇر كۆلى بازىرىدىن چاقىلىققىچە بولغان بۆلىكى ئۆزگەرتىپ ياسىلىش ئالدىدا،ئۆزگەرتىپ ياسالغاندىن كېيىن نامى ئۆلكە يولى دائىرىسىگە كىر گۈزىلىدۇ.
⑤ ناھىيە، يېزا-كەنت يوللىرى. چاقىلىق ناھىيسى تەۋەلىكىدىكى دۆلەت، ئۆلكە، ناھىيە، يېزا-كەنت يوللىرى جەمئى 2381.92كىلومېتىر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت يولى 628.9 كىلومېتىر، ئۆلكە يولى 220 كىلومېتىر، ناھىيە، يېزا- كەنت يولى ۋە باشقا يوللار 1533.02 كىلومېتىر، .2004-يىلدىن 2007-يىلى يىل ئاخىرغىچە ئاسپالىتلاشتۇرۇلغان يېزا-كەنت يولى 110 كىلومېتىر، ئۆزگەرتىپ ياسالغان شېغىل يول 196كىلومېتىر.
2. تىرانسىپورت تەرەققىياتى
(1) تاشتول تىرانسىپرتى
چاقىلىق خەلقىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى قاتناش قورالىمۇ باشقا يۇرت خەلقلىرىگە ئوخشاش ئات ئۇلاقتىن باشلىنىپ ھازىرقى ئاپتوموبىلغا تەرەققى قىلدى.تارىخچىلارنىڭ بايان قىلىشىچە چاقىلىققا تۇنجى ئاپتوموبىلنى 1934-يىلى 1-ئايدا سېۋىن ھېدىن ئېلىپ كىرگەن.
يىراق قەدىمقى زامانلاردا چاقىلىقنىڭ مەيلى مال – مۈلۈك بولسۇن، مەيلى ئادەم يۆتكەش بولسۇن ھەممىسىدىلا ئات، تۆگە، ئىشەك قاتارلىق مال چارۋىلارغا تايىنىپ كارۋان يۈرىشى قىلىنغان.
1948-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى چاقىلىقتا خەلق تىرانسىپورت ئەترىتى قۇرۇلغان بولۇپ، 4 ماشىنا ئەترىتى(ماشىنا 41)، 7 ئات ئەترىتى (ئات 69)، 10 ئىشەك ئەترىتى(ئىشەك 335)دىن تەشكىل تاپقان.