新疆若羌
中文版 بايىنغۇلىن ئوبلاسلىق ھۆكۈمەت تورى شىنجاڭ ھۆكۈمەت تورى مەركەز ھۆكۈمەت تورى ساقلىۋېلىڭ باش بەت قىلىۋېلىڭ
بۈگۈن:
    ھازىرقى ئورنىڭىز:باش بەت > چاقىلىققا نەزەر > چاقىلىققا نەزەر
           
 

چاقىلىقتىكى ھاياجانلىق دەقىقىلەر [ئەرك]

 
     〖 〗   

---غالىب ئەرك---

   

2004 - يىلى 10 – ئاينىڭ 23 – كۈنى ، دۆلەت 218 – تاشيولىدا بىر ئاپتۇبۇس يولۇچى قىزغىن سۆھبەت بىلەن كېتىۋاتاتتى ، ئابتۇبۇستىكىلەرنىڭ قىزغىن كەيپىياتىدىن ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى يولۇچىلار ئەمەسلىگىدىن بىشارەت بەرمەكتە ئىدى ، ئۇلارنىڭ قىزغىن سۆھبەتلىرى ، كۈلكە چاقچاقلىرى كىشىگە خۇددى بىرەر ئورۇننىڭ جۇشقۇن ياشلىرىدىن تەركىپ تاپقان ساياھەت ئۆمىگى ياكى كۈلدۈرگە ئارتىسلىرىمىكىن دىگەن تۇيغۇنى بېرەتتى . ئۇلار مۇشۇ خىلدا يول يۈرۈپ 4 سائەتكە يېقىنلاشقاندا يولدىكى چوڭ تۆمۈر دەرۋازىغا كەلدى ۋە دەرۋازىدىكى ‹‹ چاقىلىق خەلقى سىزنى قارشى ئالىدۇ ›› دىگەن خەتنى كۆرۈشكىنىدە، بىرەيلەننىڭ ‹‹ چاقىلىققا كەپتۇق ›› دىگەن سۆزى بىلەن ھەممەيلەننىڭ دىققىتى چاقىلىق توغرىسىدىكى پاراڭغا مەركەزلەشتى . - چاقىلىقنىڭ دەرەخلىرى كۆرۈنگەن ھامان ماشىنىنى تۇرمۇزلاشقا باشلىمىسا چاقىلىقتىن ئۆتۈپ كېتىپ قايتىپ كېلىشكە توغرا كېلىدۇ . - چاقىلىق ناھىيە بازىرىدا بىر كاناي بولسا پۈتۈن ناھىيە خەلقى ئاڭلىيالايدۇ ، ھەر قانداق بىر ئىشنى ئەشۇ بىر كاناي بىلەن ئۇقتۇرغىلى بولىدۇ . - چاقىلىقلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىدە بىردىن دەرىزىسى بار دەيدۇ ، ئۇنى يەرلىكلەر تۈڭلۈك دەيمىش . نىمە رولى بار دېسەڭلەر، كۈن نۇرىنى چۈشۈرۈپ ئۆينى يۇرۇتىدىكەن ، ئەڭ مۇھىمى بۇ يۇرت قۇملۇق بولغاچقا ئاخشىمى ئۇخلاپ قالسا ئەتىسى كۆپۈنچە ئىشىگىنى ئاچالمايدىكەن ، چۈنكى قۇم ئىشىكنى ئېتىۋالغاندە ، شۇنىڭ بىلەن ئادەملەر تۈڭلۈكتىن چىقىپ ئىشىكلىرىنىڭ ئالدىدىكى قۇمنى يۆتكىۋېتىپ ئىشىگىنى ئاچىدىكەن . ھەي ئەشۇ چاقىلىق دىگەن يۇرتتا بىنامۇ بارمىدۇ ھە ؟ كۈلكە پاراڭلار شۇنداق داۋام قىلىۋاتقاندا ئاپتۇبۇس نەچچە ئائىلىلىك بار ، ‹‹ يېڭىسۇ ›› دىگەن يەرگە كەلدى ، بەزىلەر چاقىلىقتا ئاخشاملىققا قونىدىغان يەر بولمىسا قانداق قىلارمىز-ھە دىيىشمەكتە ئىدى . كىمدۇر بىرىنىڭ ‹‹ ھاي ، ھاي ، چاقىلىقتىن ئۆتۈپ كەتتۇق ›› دىگەن سۆزى پاراققىدە كۈلكە قوزغىدى . بۇلار كىملەردۇر ؟، شۇنچە قىزغىن ، خۇشچاقچاق، ئەمما چاقىلىق توغرىسىدا بىلىدىغانلار يوقتەك قىلاتتى . ئاپتۇبۇس توختىماي چاپماقتا ئىدى ... ئاپتۇبۇستىكىلەر قاراماي يولنىڭ يېنىدا خاتىرە ئۈچۈن ساقلاپ قۇيۇلغان خىش يولغا قاراشقىنىچە ھەيران قېلىشتى ، ئاپتۇبۇستىكىلەرنىڭ دىققىتىنى خىش يولغا چالغىتقىنى ئەڭ ئاخىرقى ئۇرۇندا ئولتۇرغان شىلەپە كەيگەن ، قولىدا ھاسىسىنى تۇتىۋالغان ، ئوتتۇرا باي بۇرۇتلۇق مويسىپىت ئىدى . - ‹‹ بۇ يول 1967 – يىلىدىن 1973 – يىلىغىچە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلىدىغان تۈرمىدىكى جىنايەتچىلەرنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق ياسالغان ، ئەسلىدىكى جەمئى ئۇزۇنلىغى 104 كىلومېتىر بولۇپ دۇنيادىكى بىردىن بىر خىش يول بولغانلىقتىن جىنىس رېكورتى قامۇسىغا كىرگۈزۈلگەن ›› - مويسىپىتنىڭ پىكرىدىن گۇمانسىرىغان بىرى يېنىدىكى كىشىدىن سورىدى . - راستمىدۇ ، ھە؟ سىز ئۇ كىشىنى تۇنىمايدىكەنسىزدە ، - دىدى ئۇ كىشى ياش يىگىتكە . ئۇ ئىلگىرى ئارمىيىدىن يەرلىككە ئالمىشىپ تاشيول ساھەسىدە خېلى ئۇزۇن ئىشلىگەن ، شائىر ئابلىمىت مۇھەممەت ئاقيۇلى بولىدۇ . شائىرنىڭ شېئىر ۋە ماقالىلىرىنى كۆپ ئۇقۇغان ، يېقىندىلا نەشىردىن چىققان ‹‹ بىغۇبار بالىلىق ›› ناملىق بالىلار شېئىرلىرىدىن تۈزۈلگەن توپلامىنى كۆرگەن ياش شائىر شۇندىلا بۇ ئىشنىڭ راستلىغىغا چىن پۈتتى . - يول بويىدىكى ساپ سېرىق سارغايغان توغراقلارنى كۆرگەن ئاپتۇبۇستىكىلەر ھەيرانلىق ئىلكىدە ئۆز ھېسياتلىرىنى بايان قىلىشماقتا ئىدى : - ۋاھ، نىمە دىگەن گۈزەل . -بىز رەسىملەردىن كۆرۈدىغان ياۋروپانىڭ ئۆزىغۇ بۇيەر . ئۇلارنىڭ شۇنچە دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغانلىقى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس ئىدى ، چۈنكى تارىم دەرياسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئېقىنى بۇ يەردە ناھايىتى چوڭ توغراقزارلىق بارلىققا كەلتۈرگەن ئىدى. تارىم ۋادىسىدىكى توغراقلىق بۇرۇنقى چاغلاردا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ توغراقلىق ئىدى . ‹‹ يېشىل كارىدوردا، 50 – يىللاردا 810 مىڭ مو توغراقلىق بولغان بولسا ھازىر 110 مىڭ مو توغراقلىق قالغان بۇلۇپ %87 توغراق قۇرۇپ كەتكەن. 1950 – يىلى چاقىلىق ۋە لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ چارۋىچىلىرى بۇ ئاياغ ئېقىندا 40 – 50 مىڭ تۇياق چارۋا باققان بولسا يېقىنقى يىللاردا بېقىلغان چارۋا 3000 تۇياققا چۈشۈپ قالغان›› لىقىنى ماتىرىياللاردىن كۆرگەنمەن، دېدى ئالدىنقى ئورۇنلارنىڭ بىرىدە ئولتۇرغان بۈدرە چاچ ، ئىگىز بويلۇق كەلگەن ئاۋاق يىگىت . - ھەي ئۆمەر، يالغان سۆزلەۋاتمايدىغانسەن ھە ، بۇلارنىڭ ھەممىسى يازارمەنلەر ، يالغان سۆزلىسەڭ گالاستۇكۇڭ بىلەن ئاۋاق بەستىڭنى ئاپتۇبۇسنىڭ شامالچىسىغا ئېسىپ قويىمىز جۇمۇ – دېدى كۆزەينەك تاقىۋالغان كەپكە شەپكىلىك بودەك كىشى. - خاتىرجەم بولۇڭ ، مەن يالغان سۆزلەيدىغان ‹‹ تۇرغاق خوجا ›› ئەمەس ، كروران ئەۋلادى ، ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران دەڭا . گۇمان قىلسىڭىز كورلىغا قايتقاندا ئىستاتىسكا مەنبەلىرىنى بىرمۇ بىر كۆرسىتىپ قويىمەن . ... شۇ خىلدا چاقچاق پاراڭلار داۋام قىلىۋاتقاندا، بىرەيلەن يىراقتىن كۆرۈنگەن تۇرالغۇنى كۆرۈپ ‹‹ چاقىلىققا كەلدۇق ›› دەۋەتتى ، ئەمما ئاپتۇبۇس يەنە ئالغا چېپىپ كېتىۋاتقىنىغا قاراپ غۇدۇڭشىدى ئۇ يىگىت ، ‹‹ چاقىلىق خەلقى بىزنى قارشى ئالغىلى نەچچە سائەت بولدى ، لېكىن كەلمەيمىزا ›› . - ئالدىرىما ئۇكا ، دىدى باياتىنقى كەپكە شەپكىلىك كىشى ، ئۇ ئۆزىنىڭ چاقىلىققا كېلىپ باقمىغىنىغا قارىماستىن، ئۆزىنىڭ ‹‹ بەدۆلەت ›› تېرولوگىيىسىنى يېزىش ئۈچۈن چاقىلىق ھەققىدە ئۈگەنگەنلىرىگە ئاساسەن قىياس قىلىپ . ‹‹ چاقىلىق ناھىيىسىىنىڭ يەر كۆلۈمى ئىككى يۈز 23 مىڭ كۇۋادىرات كېلومېتىر ، جوڭگۇدىكى يەر مەيدانى ئەڭ چوڭ ناھىيە . يەر كۆلۈمى 2 جېجاڭ ئۆلكىسىنىڭ ياكى ئاز كەم 6 تەيۋەن ئۆلكىسىنىڭ يەر مەيدانىغا تەڭ كېلىدۇ . 2 ۋېنگىرىيە ياكى 5 گوللاندىيە دۆلىتىگە كۆلەم جەھەتتىن تەڭ كېلىدۇ ... ›› - ھەي ۋەلى ، دېدى باياتىن بېرى ئۇنىڭغا ، بۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ ئولتۇرغان خۇشخۇي كىشى . ‹‹ چاقىلىقنىڭ يەنە بىر نامى بار ، بىلەمسەن ؟ ›› - ھەي ئابلىمىت ، سورىساڭمۇ بۇنداق كىچىك بالىلارمۇ بىلىدىغان سۇئاللارنى سورىماي مۇرەككەپرەك سۇئالنى سورىمامسەن ، كىچىك بالىلارمۇ بىلىدۇ ، كروران دېگەن داڭلىق نام بولۇپ كەتتى . سەن خىيالىڭدىزە ، ماڭا ئوخشاش بىر ئۆمۈر تارىخ بىلەن شۇغۇللانغان كىشىنىمۇ خوتەن گىرىم بۇيۇملىرى شېركىتى ، پىچان قىزىل ئۈزۈم ھارىقى زاۋۇدى ، كروران پېچىنە – پېرەنىكلىرى دىگەن ناملارنى ئاڭلاپ ئېزىپ قالىدۇ دېگەنمىدىڭ ؟ ياپونىيە ، سەئۇدى ئەرەبىستان ، قازاقىستانلاردىمۇ ئازمىغانمەن ! دېدى كونا سەپدىشىغا قاراپ . - بىلمەيسەن دېدىمغۇ ، لوپ دەپ ئاڭلاپ باققانمىدىڭ ؟ - ئابلىمىت ئاكا ، لوپ دىگەن چاقىلىق ئەمەس ، لوپنۇرنى كۆرسىتىدۇ ، قانداق بولۇپ چاقىلىق بولۇپ قالسۇن، -دېدى سۇئال نەزەرى بىلەن لوپنۇر ناھىيىسىدىن كەلگەن ياش شائىر مۇھەممەت توختى مۇئەللىم . - ئابلىمىت راست دەيدۇ ، مېنىڭ ئېسىمگە كەلمەپتۇ ، بايا، شۇنچە چوڭ يۇرتلاردا ئاز ماي مۇشۇ ماكاندا ئازغىنىمنى قاراڭە ، سېھىرلىك ماكاندە . مىلادىيىنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ تاكى يېقىنغىچە چاقىلىق لوپ دەپمۇ ئاتالغان . ماركوپولو ئۆتكەن چوڭ شەھەر - لوپ ، موڭغۇللار دەۋرىدە رابات تەئىسىس قىلىنغان لوپ ؛ ‹‹ تارىخى ھەمىدى ›› قاتارلىق چاغاتاي ئۇيغۇر تىل يېزىقىدىكى تەزكىرىلەردە چاقىلىق دائىرىسىنىڭ لوپ دەپ ئاتالغانلىقىنى ئېنىق كۆرگەنمەن . سىلەر ھازىر لوپنۇر كەندىرى دەۋالغىنىڭلارمۇ ناباپ تەرجىمە ، ئۇيغۇرلار ئەسلىدە ئۇنى چىگە دەيتتى ، لوپنۇرنىڭ ئەسلى ئىسمى كۆنچى بولۇپ لوپنۇر دەپ ئاتىلىشى 1946 – يىلىدىن كېيىنكى ئىش. - ھازىرمۇ چاقىلىقتا لوپلۇقلار ، لوپ لەنگەر ، لوپ(نۇر) كۆلى ناملىرى بار . بەزى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا خوتەننىڭ لوپ ناھىيىسىدىكى لوپلۇقلار بىلەن لوپنۇر ناھىيسىدىكى بىر قىسىم ئاھالىلەرمۇ تارىم دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىدىن كۆچۈپ بارغان ئىكەن . - چاقىلىق دىگەن يۇرت نامىچۇ ؟ سوراپ قالدى كۆپ ئاڭلاپ ئاز سۆزلەپ كېلىۋاتقان يېشى 80 لەردىن ئاشقان كۆزئەينەكلىك مويسىپىت كىشى. - چاقىلىق دىگەن جاي نامى ، دەپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران - غالىب ئەركنىڭ ژورنىلىمىزدا ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە يېزىلىشىچە، مۇندىن 200 نەچچە يىللار بۇرۇن خوتەندىن ئالتۇنتاغقا ئوۋغا بارغان ئوۋچىلار يولدىن ئېزىپ قېلىپ ، ھازىرقى ناھىيە بازىرىدىكى خارابىگە كېلىپ قالغان ئىكەن ، ئۇلار ئۆزلىرى نامىنى بىلمەيدىغان بۇ يۇرتنى، ئەنە شۇ خارابىلىكتە ئۇچرىغان يىپ ئىگىرىدىغان ‹‹چارق››لارغا قاراپ، چارقىلىق ئاتىغان ئىكەن . شۇندىن كېيىن خوتەن ۋە تۇرپان تەرەپتىن كەلگەن كىشىلەر يۇرت پىنھانلىرىدا ياشاۋاتقان لوپلۇقلار بىلەن بۇ يۇرتنى قايتا ئاۋات قىلغان ئىكەن . - ياق ، ئۇنداق ئەمەس. قۇربان ۋەلى ئاللا بۇرۇن بۇ مەسىلىنى يەشكەن ، چاقىلىق دېگەن يۇرت نامى ناھىيىتى قەدىمىي ئاتالغۇ بولۇپ، مىلادىيىنىڭ بېشىغا مەنسۇپ سانسىكىرت تىلىدىكى جاك ~ جاككا ~ جاككالىق نامىدىن كەلگەن – دېدى ئابدۇۋەلى ئەلى دەپ ئاتالغان يازغۇچى . سۆھبەت قىزىماقتا .... ئاپتۇبۇس چاپماقتا . چاقىلىق ناھىيە بازىرىدا كۇس – كۇس پاراڭلار ... ئۇ يەر بۇ يەردە توپلىشىۋالغان كىشىلەر بىر ئىش ھەققىدە سۆزلەشمەكتە .... سۇلايمان ئابدۇرېھىمغا تون ياپىدىكەن دەيدۇ ..... چاقىلىق ناھىيىلىك ئېلىكتىر ئېنىرگىيە شېركىتىنىڭ ئالدىغا، يول بويىغا بىر توپ كىشى توپلىشىۋالغان، ئۇلار پات – پاتلا كورلا تەرەپكە بويۇنداپ قارىشاتتى . يىغىننى سائەت ئۈچتە ئاچىدىكەن دەۋاتاتتى ، تېخىچە كەلمىسە ئاچالمامدۇ نىمە ؟ ئۈرۈمچىدىن ئاتاقلىق يازغۇچىلار كېلىدۇ، دەيدۇ . ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھېلىقى ‹‹ يىراق قىرلادىن ئانا يەرگە سالام ›› ، ‹‹ قىيامەتتە قالغان سەھرا ›› كىتابلىرىنىڭ ئاپتورى ئەختەم ئۆمەر ؛ يەنە داڭلىق ئوبزورچى، ‹‹ تەۋپىق ئەپەندى ›› ، ‹‹ تەكلىماكاندا ئالتۇن كولدۇرما ›› كىتابلىرىنىڭ ئاپتۇرى يالقۇن روزى ؛ ‹‹ كەتمەن چاپقان گۇناھمۇ؟ ›› ، ‹‹ ھەق سۆزلىگەن گۇناھ ئەمەس ›› قاتارلىق كىتابلىرى بىلەن خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئالغان لۇشۈنشۇناس ، ئاتاقلىق تەرجىمان توختى باقى ئارتىشى ۋە باشقا ئاتاقلىق يازغۇچىلارمۇ كېلىدۇ دەيدۇ ، يەنە مۇھەممەد باغراشمۇ كېلەرمىش . .... دېمىسىمۇ بىر كارناي بىلەن پۈتۈن ناھىيىگە ئۇختۇرۇش قىلغىلى بولىدىغان بۇ كىچىككىنە ناھىيە بازىرىدا ‹‹ سۇلايمان مۇئەللىمگە تون ياپىدىكەن ، ئاتاقلىق يازغۇچىلار كېلىدىكەن ›› دېگەن خەۋەر تارقىلىپ ھەممنىنى خۇشھال قىلماقتا ئىدى . بۇ ئىش ئەسلىدە 2003 – يىلى 9 – ئاينىڭ 26 – كۈنى چاقىلىققا، ‹‹ كروران ›› ژورنىلىغا مۇشتەرى قۇبۇل قىلىش ئۈچۈن كەلگەن بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەتجان زېرىش؛ ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، ‹‹ كروران ›› ژورنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئەسقەر ياسىنلار، چاقىلىقتىكى قەلەمكەشلەر بىلەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت يىغىن زالىدا ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى . گەرچە ئەينى ۋاقىتتا شۇ يىل ئىچىدە ئۆتكۈزۈش پىلانلانغان ۋە ناھىيە رەھبەرلىرى بۇ خاسىيەتلىك ئىشنى قوللىغان بولسىمۇ ، ۋاقتىنى كېيىنكى ئالتۇن كۈزدە ، چاقىلىقنىڭ مېۋىلىرى پىشقان خاسىيەتلىك ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈشنى تەكلىپ قىلغان ئىدى . شۇندىن كېيىن بۇ ئىشنى ئوتتۇرىغا قويغانلارمۇ ، بۇ ئىشنى قوللىغان ناھىيە رەھبەرلىرىدىن ھاكىم ياسىن ئابدۇرېھىم ، شاھزادەم ھاكىملارمۇ ئۇنتۇمىغان ئىدى . ئۇلار كۆپ قېتىملىق ئۇچرىشىشلاردا، بىرلىكتە بۇ ئىشنىڭ پىلانلىرىنى تۈزۈپ پىشۇرۇشتى . مانا ئاخىرى بۇ خاسىيەتلىك ئىشنىڭ ۋاقتى سائىتى توشقان ئىدى . 2004 – يىلى 10 – ئاينىڭ 21 – كۈنى بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى لىۇ چاڭ خانىم ، مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەتجان زېرىش ، ‹‹ كروران ›› ژورنىلىنىڭ مۇھەررىرى ئەمەتجان مۇھەممەتلەر چاقىلىققا يېتىپ كېلىپ يىغىننىڭ تەييارلىق ، ماسلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى باشلىۋەتتى . چاقىلىق ناھىيىلىك پارتىكومنىڭ دائىمى ئەزاىسى ، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مەن جۇنخوڭ ، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تۇردى مايىت ۋە باشقا خادىملار يىغىن لوزۇنكىسىنى يېزىش ، ئېسىش ئىشلىرىدىن تارتىپ ھەممە ئىشنى بىجاندىل ئىشلىدى . مۇئاۋىن ھاكىم ئەسقەر تۇرسۇنمۇ ئۇلارغا يېقىندىن يار يۆلەك بولدى . * * * ئۈرۈمچى ۋاقتى 15تىن چارەك ئۆتكەندە ناھىيىلىك ئېلىكتىر ئېنىرگىيە شېركىتىنىڭ ئالدىغا يىغىلغانلار كورلا تەرەپتىن كەلگەن ئىككى ئاپتۇبۇسقا قاراپ خوشاللىق بىلەن كەلدى دىيىشتى . دىمىسىمۇ كەلگەن ئىككى ئاپتۇبۇس ئاۋال تىئەنرەنجۈ مېھمانخانىسى ئالدىدا توختاپ بىر قىسىم كىشىلەرنى چۈشۈرگەندىن كېيىن كروران مېھمانخانىسىغا بېرىپ قالغان مېھمانلارنى چۈشۈردى . مېھمانلار ياتاقلىرىغا كىرىپ ئۇرۇنلىشىپ ئاراممۇ ئالماستىن ‹‹ ئالتۇن دىيار رېستۇرانى››دا ئالدىراشلا ئۇزۇقلاندىدە يىغىن مەيدانىغا كېلىشتى . ناھىيىدىن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر مېھمانلارغا ئۇرۇن ئېلىپ قويغان بولۇپ باشقا ئۇرۇنلاردا ئۇيغۇر ، خەنزۇ يىغىن قاتناشچىلىرى ئولتۇرۇپ بولغان ئىدى . ئۇرۇن تەگمىگەن بىر قىسىم كىشىلەر ئۆرە تۇرۇپ يىغىنغا قاتنىشىشقا مەجبۇر بولدى . ھەر بىر مېھمان كىرگىنىدە ھەممە ئۆزلىرى بۇرۇندىن ئەسەرلىرىنى ئۇقۇپ كەلگەن قەدىرلىك يازغۇچى شائىرلىرىنى ئىزلەيتتى . تارىخىدا مۇنچىلىك يازغۇچى ، شائىرلارنى كۆرۈپ باقمىغان كىشىلەر ناھايىتى خوشاللىق بىلەن ھەر بىر ئاپتۇرغا تىكىلىپ قارايتتى . ھەممە ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەن يىغىن ئاخىرى باشلاندى . يىغىن رەئىس سەھنىسىدىن ناھىيە رەھبەرلىرى ۋە ئوبلاستلىق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن كەلگەن كەلگەن رەھبەرلەر ئۇرۇنلىشىپ يىغىن باشلاندى . يىغىنغا غەيرەتجان زېرىش ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ تىللىرىدا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە مېھمانلارنى بىرمۇ بىر تۇنۇشتۇرۇشقا باشلىدى . ...... شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى ، دۆلەتلىك 1 – دەرىجىلىك يازغۇچى مۇھەممەت باغراش مۇئەللەم ؛ شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتىنىڭ سابىق ئالىي مۇھەررىرى ، ئاتاقلىق تەرجىمىشۇناس، ئالىم توختى باقى ئارتىشى مۇئەللەم ؛ شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتىنىڭ سابىق كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى ، ئاتاقلىق يازغۇچى ئابدۇۋەلى ئەلى مۇئەللىم ؛ شىنجاڭ مائارىپ نەشىرىياتىنىڭ مۇھەررىرى ، ئاتاقلىق ئوبزورچى يالقۇم روزى مۇئەللىم .... ( بۇ ۋاقىتتا ئەسقەر ياسىن غەيرەتجان زېرىشقا بىر نەرسىلەرنى پىچىرلىدى ) . غەيرەتجان زېرىش ئېلان قىلىشنى داۋام قىلدى . شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىگىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى ، دۆلەتلىك 1 – دەرىجىلىك يازغۇچى ئەختەم ئۆمەر مۇئەللىم ( ھەر بىر يازغۇچى ئالىمنىڭ كەلگەنلىگىگە چېلىنىۋاتقان بۇ چاۋاكلار ئەختەم ئۆمەر ئېلان قىلىنغاندا ھەر قاچانقىدىنمۇ ئۇزۇن داۋام قىلدى ) ؛ ‹‹ كروران ›› ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن ، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، ‹‹ كروران ››ژورنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئەسقەر ياسىن ، ‹‹ كروران ›› ژورنىلىنىڭ مۇھەررىرى ئەمەتجان مۇھەممەت .... يىغىندا چاقىلىق ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمى ياسىن ئابدۇرەھىم ، مۇئاۋىن ھاكىم ئەسقەر تۇرسۇنلار تەبرىك سۆزى سۆزلىدى . بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى لىۇ چاڭ ئوبلاستىمىزنىڭ ئەدەبىيات سەئەت ئىشلىرى توغرىسىدا سۆز قىلدى . يىغىن باشلىنىش مۇراسىمىدىن كېيىن يۇقۇرى پەللىگە چىقتى . ھاكىم ياسىن ئابدۇرەھىم چاقىلىق ناھىيلىك پارتىكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە يۇرت خەلقى نامىدىن ئۆمرىنى يۇرتنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن بېغىشلىغان پىشقەدەم مائارىپچى ، يازغۇچى سۇلايمان ئابدۇرەھىمغا تون كەيگۈزدى . يازغۇچى گۈلدەستىلەرگە پۈركۈنۈپ كەتتى . ئۇندىن كېيىن 14 ياشلىق ئۆسمۈر لىۇ جېنىڭ يېقىندا نەشىردىن چىققان ‹‹ تاش ئادەم ›› ناملىق چۆچەك پوۋېستىنىڭ دەستلەپكى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى . رەھبەرلەر پىشقەدەم يازغۇچى بىلەن مۇشۇ يۇرتتىن چىققان ئۆسمۈر يازغۇچىغا خاتىرە بۇيۇمى تارقىتىپ بەردى . ئاخىرىدا چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ تەرەققىياتى تۇنۇشتۇرۇلغان تېلۋىزىيە فىلىمى قۇيۇلۇپ يازغۇچىلارنىڭ ئاپتۇبۇستا ئېيتقان رىۋايەتلىرىنىڭ ناھايىتىمۇ بۇرۇنقى ۋاقىئە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ بەردى . * * * 2004 – يىلى 10 – ئاينىڭ 24 – كۈنى ( يەكشەنبە ) پائالىيەت ئۇيغۇر ، خەنزۇ گۇرۇپپىلىرىغا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلدى . يىغىنغا قاتنىشىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۆپرەك بولغانلىقتىن داۋاملىق ئالدىنقى كۈنىدىكى يىغىن زالىدا ئېلىپ بېرىلدى . بۈگۈن يىغىن زالىغا ئۈرۈمچى ۋە بايىنغۇلىننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن يازغۇچى – شائىرلار ۋە چاقىلىقتىكى قەلەمكەرلەر جەم بولۇپ ‹‹ كروران ژورنىلى 2004 – يىللىق قەلەمكەشلەر يىغىنى ھەم سۇلايمان ئابدۇرېھىم ئەدەبىي ئىجادىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى ›› باشلاندى . يىغىنغا ‹‹ كروران ›› ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران رىياسەتچىلىك قىلدى . ئۇ يىغىندا ئالدى بىلەن بايىنغۇلىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بارلىققا كەلگەن ياخشى يۈزلىنىشلەر ، جۈملىدىن چاقىلىق ناھىيىسىدىكى ئاپتۇرلاردىن غالىپ بارات ئەرك ، تۇرسۇنگۇل تۇردىلارنىڭ شۇ يىلى 9 – ئاينىڭ 28 – كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ‹‹ 13 – نۆۋەتلىك ‹شىنجاڭ خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى ›نى تارقىتىش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى ، ئورتاق گۈللىنىش مۇھاكىمە يىغىنى ››دا خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىگىنى ئېلان قىلدى . غالىپ ئەرك يىغىن ئۇرۇنلاشتۇرۇلىشى بۇيىچە ئالدى بىلەن ‹‹ كروراننىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ›› دىگەن تېمىدىكى ئۇزۇن ماقالىسىدە سۇلايمان ئابدۇرېھىمنىڭ ھايات پائالىيىتى ، ئىجادىيەت ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەردى : 20 – ئەسىر ئۇزاق تارىخقا ئىگە كروران دىيارى ئۈچۈن بىر مۇنەۋۋەر ئوغلان ئاتا قىلدى ، ئۇ 20 – ئەسىرنىڭ تۈرلۈك بوران چاپقۇنلىرىدا ئۆسۈپ يىتىلدى ، زامانىسىنىڭ تۈرلۈك دەشناملىرىنى غىزا قىلىپ يىسىمۇ ھەر قاچان ھەر زامان يۇرت ۋە خەلقنى ئەستىن چىقارماستىن ئۆزىنىڭ بارلىغىنى ئەل ۋەتەن ئۈچۈن ئاتىدى . ۋەتەن ئاسمىنىدىكى قارا بۇلۇتلار تارقاپ ئەركىنلىككە ئېرىشكىنىدىن كېيىن ، بالا ۋاقتىدىن يالقۇنجاپ كېلىۋاتقان ئوت ۋولقان بولۇپ ئېتىلدى ، ئۇ بىر تەرەپتىن ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ياش ئەۋلاتلارغا ئىلىم نۇرى چاچسا، يەنە بىر تەرەپتىن قولىغا قەلەم ئېلىپ يۇرت ئۈچۈن يىقىلماس ئابىدە تىكلىدى . ئۇ 20 – ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چارىكىدە قولىغا قەلەم ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى ۋە 10 نەچچە يىلدا 3 پارچە تارىخى رومان ۋە 20 نەچچە پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئىجادىيەت ۋە تەتقىقات ئىشلىرىدا بەلگىلىك ئۇتۇق قازىنىپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قەلب تۆرىدىن ئۇرۇن ئالدى . ئۇ چاقىلىق ناھىيىسى بۇيىچىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن بايىنغۇلىن ئوبلاستىدىكى 350 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئىچىدە تۇنجى بولۇپ رومان، شۇنداقلا تارىخى رومان يېزىپ نەشىر قىلدۇرغان ھۆرمەت ئىگىسىگە ئايلاندى . مانا بۇ ھۆرمەت ئىگىسى يۇرتىمىزدىن چىققان پەخىرلىك ئوغلان سۇلايمان ئابدۇرېھىم ئاكىدۇر. ئۇ 1936 – يىلى چاقىلىق ناھىيىسىدە تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ، 1944 – يىلىدىن 1951 – يىلىغىچە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1951 – يىلى 2 – ئايدىن 1953 – يىلى 9 – ئايغىچە قاراشەھەر ناھىيىلىك 2 – باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان، بۇ جەرياندا شۇ يەردىكى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپ ياردىمىگە مۇيەسسەر بولغان ھەمدە مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدە ساقلانغان نۇرغۇن كىتاپ ئۇنىڭ بىلىمىنى تولۇقلىشىغا شارائىت ھازىرلەپ بەرگەن. 1953 – يىلىدىن 1957 – يىلىغىچە چاقىلىق ناھىيىلىك 1 – باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1957 – يىلىدىن 1958 – يىلىغىچە ئۈرۈمچى 2 – دارىلمۇئەللىمىننىڭ مۇدىرلار كۇرسىدا بىلىم ئاشۇرغان. 1958 – يىلى ”يەرلىك مىللەتچى“ دىگەن قالپاق بىلەن يېزىغا چۈشۈرۈلۈپ چاقىلىق ناھىيسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى غالىبىيەت كومۇنىسى غالىبىيەت چوڭ ئەترىتىدە دېھقان بولغان. 1961 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئانىسىنى ئېلىپ قاراشەھەردىكى تۇققانلىرىنىڭ قېشىغا كەتكەن ھەمدە قارا شەھەردە بىر بورداقچىلىق فېرمىسىدا ئامبارچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1967 – يىلى 1 – ئايدا بۇ فېرما تاقالغانلىقتىن ھازىرقى يۈننىڭ يېزا 4 – چوڭ ئەترەتتە دېھقان بولغان، 1969 – يىلى 9 – ئايدا چاقىلىقتىن ئادەم بېرىپ چاقىلىققا قايتۇرۇپ كېلىنىپ 83 كۈن ساقچىغا سولاپ سوراق قىلىنغان، ئاخىرى چوڭ بىرەر پاكىت بولمىغانلىقتىن يېزىغا دېھقانلارنىڭ نازارىتىدە ئەمگەككە سېلىنغان. 1979 – يىلى 4 – ئايدا چاقىلىق ناھىيىلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپكە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىپ تارىخ ئۇقۇتقۇچىسى بولغان. 1988 – يىلى چاقىلىق ناھىيىلىك سىياسى كېڭەش تارىخ ماتىرىياللىرى كومتېتىغا يۆتكەلگەن ۋە ئارامغا چىققۇچە شۇ يەردە بىر نەچچە يىل ئىشلىگەن. سۇلايمان ئابدۇرېھىم ئاكا 1950 – يىللىرىلا ئەدەبى ئىجادىيەت ۋە تارىخ تەتقىقاتىغا ھەۋەس قىلغان ، ئەينى تارىخى شارائىتتا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاشكەنت ، ئالما ئاتا شەھەرلىرىدىكى شەرق ھەقىقىتى ، قازاق ئېلى نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان‹‹ كاپىتان قىزى ›› ، ‹‹ ئانا ›› ، ‹‹ بوتا كۆز ›› ، ‹‹ ئاباي يولى ›› ، ‹‹ دەھشەتلىك تېھران ›› قاتارلىق ئەسەرلەر ئارقىلىق روس ئەدەبىياتى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركى خەلقلەر ئىچىدىن چىققان پوشكىن ، سەدرىدىن ئەينى ، ئابدۇللا توقاي كەبى بىر تۈركۈم ئەدىپلەرنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئەدەبىيات بىلەن تونۇشقان . شۇ دەۋر ئەدەبىياتلىرى ئىچىدە ئا . س . پوشكىننىڭ ‹‹ كاپىتان قىزى ›› ناملىق ئەسىرى ياش ئاپتۇرغا ئالاھىدە تەسىر قىلغان بولۇپ ئەسەردىكى دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ داھىسى پوگاچېۋ ھەققىدىكى بايانلار ئۇنىڭ ھايات مۇساپىسىگە ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتكەن . كېيىن ئۇ يەنە ‹‹ س س س ر تارىخى ››دىن پوگاچېۋنىڭ ھاياتى ۋە 1773 – يىلىدىن 1775 – يىلىغىچە بولغان روسىيە دېھقانلار قوزغىلاڭى ھەققىدە كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشىكەن ھەمدە ئەدەبىيات بىلەن تارىخنىڭ مۇناسىۋىتى ، تارىخنى ئەدەبىيلەشتۇرۇش ئۇسۇللىرى ھەققىدە تۇنجى چۈشەنچىلەرگە ئېرىشىكەن . ‹‹ كاپىتان قىزى ›› ناملىق ئەسەرنىڭ تەھرىر ئىلاۋىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ماقالىلىرىدىن پوشكىننىڭ ئىجادىيەت ئەھۋالى ، ئەسەرنى يېزىش جەريانىدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش ئەھۋاللىرى ھەققىدە مەخسۇس تۇنۇشتۇرۇش ياش قەلبىگە ئەنە شۇنداق مۇنەۋۋەر ئەسەر يېزىپ خەلقىنىڭ ئىنقىلابى كۈرەشلىرىگە مەڭگۈلۈك ئابىدە تىكلەش ئارزۇسى يالقۇنجىتىدۇ، شۇ ۋاقىتلاردا يەنە ‹‹ پوگاچېۋ ›› ۋە ‹‹ سالۋات بولايېۋ ›› قاتارلىق تارىخى فىلىملەرنى كۆرگەن بولۇپ ئۇنىڭ ھايات مۇساپىسىگە ئاجايىپ ئۆچمەس تەسىرلەرنى قالدۇرغان. ئۇ مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدىكى تۈرلۈك كىتاپلارنى ئۇقۇپ ، ئەستايىدىل ئۈگۈنۈشكە كىرىشكەن . ئۇ ئىجاديىتىنىڭ شۇ دەۋرلەردە بىخلانغانلىقى ھەققىدە توختۇلۇپ ‹‹ شۇنىڭدىن كېيىن مەندە خەلقىمىزنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان خەلق قەھرىمانلىرى ھەققىدە بىرەر ئەسەر يېزىش ھەۋىسى تۇغۇلدى . لېكىن ئۆزۈم كىچىك ، مەدەنىيەت سەۋىيەم تۆۋەن ، تەجرىبىسىز بولغاچقا نىمىنى يېزىش ، كىمنى يېزىش ۋە قانداق يېزىشنى تېخى بىلمەيتتىم . بىراق باشقىلار يازغان كىتاپنى تىرىشسام مەنمۇ يازالايمەن دىگەن غەيرەت ۋە ئىشەنچ مەندە بار ئىدى ›› دەيدۇ. 1953 – يىلى يالغۇز ئوغۇل بولغانلىقتىن يۇرتى چاقىلىققا قايتىپ ئۇقۇتقۇچى بولىدۇ ھەمدە ئۈگۈنۈشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. 1956 - ، 1957 – يىللىرى دەستلەپكى ئىجادىيەت باسقۇچىغا قەدەم قۇيۇپ تارىخى ۋاقىئەلىكنى دەۋر ئارقا كۆرۈنىشى قىلىپ 6 – 7 پارچە ھىكايە يېزىپ ئەينى ۋاقىتتىكى ‹‹ شىنجاڭ ئەدەبىيات – سەنئىتى ›› ژورنىلىغا ئىبەتكەن بولسىمۇ ئېلان قىلىنمىغان. 1957 - ، 1958 – يىللىرى سابىق 2 – دارىلمۇئەللىمىندە مۇدىرلار كۇرسىدا ئۇقۇش، بىلىم ئېلىش داۋامىدا ‹‹ئۈرۈمچى ياشلار ئۆستىڭى›› چېپىلىدۇ ۋە ‹‹ پاۋىل كورچاگىندىن ئۈگۈنۈش ›› ھەرىكىتى بولىدۇ. مۇشۇ ھەرىكەت داۋامىدا روس يازغۇچىسى نىكولاي ئوستۇرۋېسكىنىڭ ‹‹ پولات قانداق تاۋلاندى ›› رومانىدىكى پاۋېل كورچاگىن ئوبرازى ھەم ئاپتۇر نىكولاي ئوستۇرۋېسكىنىڭ ئەما بولۇپ قالغان ئەھۋالدىمۇ ئەنە شۇ ئەسەرنى يېزىپ چىققانلىقى ئۇنىڭ ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتىدۇ. ئەمما مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىن بۇرۇنلا باشلانغان يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى كۈرەشتە ” يەرلىك مىللەتچى “ دەپ قارىلىنىپ يېزىغا چۈشۈرۈۋېتىلگەنسۇلايمان ئابدۇرېھىم ئاكا ئۇقۇتقۇچىلىق خىزمىتى جەريانىدا نەزەرىيىۋى بىلىملەرنى ئۈگەنگەن بولسا ، يېزىغا چۈشۈپ دېھقان بولۇش داۋامىدا زاماننىڭ زورلىقى ، كورلىقى ، دېھقانلارنىڭ ئازاپ ئوقۇبېتىنى كۆرۈپ تۇرمۇش ئۈگۈنىدۇ ، جۈملىدىن خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. بۇ جەرياندا دېھقانلاردىن تۈرلۈك خەلق ئەدەبىياتلىرىنى ئۈگۈنۈش بىلەن بىرگە 1900 – يىلىدىن 1950 - يىلىغىچە بولغان تارىخى شارائىت ۋە دېھقانلار قوزغىلاڭلىرى ھەققىدە ئەھۋال ئىگەللىگەن. يېزىدا ئەمگەك قىلىش داۋامىدا ئەينى ۋاقىتتا خەلق قوزغىلاڭىغا قاتناشقانلار كېچىسى كۈرەش قىلىنسا ، كۈندۈزى ئىقرارنامە يازغان ، ئۇلارنىڭ كۆپى ساۋاتسىز بولغاچقا ئىقرارنامىسىنى يېزىپ بېرىش ۋەزىپىسى يۈكلەنگەن سۇلايمان ئابدۇرېھىم ئاكا كۆپ ماتىرىيالغا ئېرىشىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا خاتىرە يېزىشقا يول قۇيۇلمىغانلىقى ئۈچۈن يادلىۋېلىشلا بىردىنبىر ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولغان، شۇڭا ئۇ نۇرغۇن ۋاقىئە ھادىسىلەرنى كۆڭۈل خاتىرىسىگە خاتىرىلەپ ماڭغان . مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا ئۇ يىغقان 581 پارچە كىتاپ ، 17 باغلام گېزىت ژورنال قىيمىسى ، 6 دانە كۈندىلىك خاتىرىسى قىزىل قوغدىغۇچىلار تەرىپىدىن كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. ئۇنىڭ دېھقانلىق ھاياتى مەدەنىيەت زور ئىنقىلادى ئاخىرلىشىپ سىياسەت ئەمىلىيلەشكىچە بولغان. بۇ جەرياندا ئۇمۇ بىر دېھقان بولۇپ كوللىكتىپ ئاشخانىنىڭ تامىقىنى ، ھەتتا كۆۋرۈك ئۇتىنىنىڭ پوستى ۋە غازاڭلىرىنى ، كىپەكنى يىگەن، باشقا دېھقانلارغا ئوخشاش ئاچارچىلىقتىن قىردىن ئاشالمىغان ۋاقىتلىرىمۇ بولغان ، يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ ئازاپ ئوقۇبەتكە چىدىيالماي ئۆزلىرىنى ئۇستۇرا بىلەن بوغۇزلاپ ياكى ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغانلىرىنى كۆرگەن . ئالا قاراڭغۇدا قوپۇپ ئېتىزلىققا چىقىپ ئەمگەك قىلسا ، كېچىسى تۈن يېرىمدىن ئاشقۇچە سىياسى كۈرەشلەرگە قاتنىشىپ ئىدىيە توغرىلىغان . جىئاڭ چىڭ باشچىلىقىدىكى تۆت كىشىلىك گۇروھ ئاغدۇرۇلۇپ مەدەنىيەت ئىنقىلابى ئاخىرلاشقاندا ئاندىن تۆت كىشىلىك گۇروھنىڭ زۇلمىدىن خالاس بولغان.  1979 – يىلى 4 – ئايدا چاقىلىق ناھىيىلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىنىپ تارىخ ئۇقۇتقۇچىسى بولغان . مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئۇنىڭ ياشلىقىدا قوزغالغان كىتاپ يېزىش، يېزىقچىلىق قىلىش ئارزۇسى قايتىدىن يالقۇنجايدۇ . شۇنىڭ بىلەن قولىغا قەلەم ئېلىپ ئۈگۈنۈش ، ماتىرىيال توپلاشقا كىرىشىدۇ . كۆپ مۇشەققەتلەرنى چىكىپ ئاخىرى ئۆزى 30 يىلدەك زارىقىپ كۈتكەن يارىنىڭ ۋىسالىغا يېتىدۇ. ئارقا - ئارقىدىن ‹‹ گۆر ئاغزىدىن يانغانلار ›› ، ‹‹ كۆكتىن چۈشكەن پەرىشتە ›› ، ‹‹ ئۇنتۇلغان زېمىن ›› قاتارلىق تارىخى تېمىىدىكى 3 پارچە تارىخى رومان ، ئوننەچچە پارچە ماقالە يېزىپ چىقىدۇ. بۇ كىتاپ ۋە ماقالىلىرىدىن ‹‹ گۆر ئاغزىدىن يانغانلار ›› رومانى مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن 1997 – يىلى نەشرى قىلىپ تارقىتىلدى. ‹‹ كۆكتىن چۈشكەن پەرىشتە ›› شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2000 – يىلى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى . ‹‹ ئۇنتۇلغان زېمىن ›› ناملىق يەنە بىر تارىخى رومانى نەشىردىن چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئۇنىڭ يۇقارقى رومانلىرى نەشىر قىلىنغاندىن سىرت يۇرتىمىز تارىخىنى ئۈگۈنۈش ئارقىلىق يازغان ‹‹ چاقىلىق تارىخىدىن قىسقىچە ئەسلىمە ›› ناملىق ماقالىسى ئۆزى سىياسى كېڭەشتە ئىشلىگەن ۋاقتىدا ئىشلەپ نەشىر قىلدۇرۇلغان ‹‹ چاقىلىق تارىخ ماتىرىياللىرى 1 - توپلام ››دا ئېلان قىلىنغان. ‹‹ چاقىلىقتا 1946 – يىلىدىكى چوڭ تۇتقۇن ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ساختا سايلام ھەرىكىتى ››، ‹‹ چاقىلىق خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى سەنئەت پائالىيەتلىرى ھەققىدە ››، ‹‹چاقىلىق خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى توغرىسىدا ››،‹‹ چاقىلىقتا 1951 – يىلىدىكى چوڭ ناھەق ئەنزە ‹ پانتۇركىست › ئەنزىسى توغرىسىدا ›› قاتارلىق ماقالىلىرى ئۇ ئىشلەپ چىققان ‹‹ چاقىلىق تارىخ ماتىرىياللىرى ( 2 – توپلام) ››دا ئېلان قىلىنغان. ‹‹ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ھەققىدە ›› ناملىق ماقالىسى ‹‹ شىنجاڭ تارىخ ماتىرياللىرى ›› 36 – توپلامدا ، ‹‹ چاقىلىق ناھىيە بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىنكى 50 يىل ›› ناملىق ماقالىسى ‹‹ شىنجاڭ تارىخ ماتىرىياللىرى ›› 30 – توپلامدا، ‹‹ تارىم ۋادىسىدىكى قاراقۇشۇنلۇقلار ›› دىگەن ماقالىسى ‹‹ بايىنغۇلىن تارىخ ماتىرىياللىرى ›› 3 – توپلامدا، ‹‹ چاقىلىقتا مائارىپنىڭ پەيدا بولىشى ۋە تەرەققى قىلىشى ›› ، ‹‹ يەنە تارىم ۋادىسىدىكى قارا قۇشۇنلۇقلار ھەققىدە ›› قاتارلىق ماقالىلىرى ‹‹ بايىنغۇلىن تارىخ ماتىرىياللىرى ›› نىڭ 4 – توپلامىدا ئېلان قىلىنغان. ‹‹ چاقىلىقتا تاشپاختا كېنىنىڭ ئېچىلىشى ››، ‹‹ چاقىلىقتا گومىنداڭ ھاكىميىتىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلىشى توغرىسىدا ›› قاتارلىق 2 پارچە ماقالىسى ‹‹ بايىنغۇلىن تارىخ ماتىرىياللىرى ››نىڭ 9 – توپلامىدا ئېلان قىلىنغان. بىز يۇقۇرىدا كۆرگىنىمىزدەك سۇلايمان ئاكا ئەدەبىي ئىقادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپلا قالماستىن يەنە تارىخ ۋە ھادىسلەر ئۈستىدە ئىزلىنىپ بىر قىسىم ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ يۇرتىمىزنىڭ تارىخىنى يۇرۇتۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشقان ھۆرمەت ساھىبىدۇر. ئاپتۇرنىڭ يۇقارقى ئەمگەكلىرىدىن باشقا يەنە چاقىلىق ناھىيىسى نەشىر قىلدۇرغان ئۈچ توپلام يەنى ‹‹ چاقىلىق خەلق چۆچەكلىرى ›› ، ‹‹ چاقىلىق خەلق قوشاقلىرى ›› ، ‹‹ چاقىلىق خەلق ماقال تەمسىللىرى ››نىڭ تەھرىرلىنىپ نەشىر قىلىنىشىدا ئۆزىنىڭ بىلگەنلىرىنىمۇ ئايىماي 3 توپلامنىڭ سۈپەتلىك چىقىشى ئۈچۈن ئۆز ھەسسىنى قوشتى. بۇندىن باشقا بىر قانچە ھىكايە ۋە ماقالىلىرى بولسىمۇ بۇ يەردە تىلغا ئېلىنمىدى..... غالىپ ئەركنىڭ ماقالىسى ئوقۇلۇپ بولۇنغاندىن كېيىن، شائىر ئابلىمىت ئاقيۇلى ‹‹ لوپ ئېلىدە ياشناپ تۇرغان كاداڭ توغراق ›› دىگەن تېمىدا ماقالە ئوقۇپ شائىرنىڭ سۇلايمان ئابدۇرېھىم بىلەن تۇنۇشۇش ، ئۇنىڭ ‹‹ گۆر ئاغزىدىن يانغانلار ›› رومانىنىڭ ئورگىنالىنى ئۇقۇش، تۈزۈتۈش، پىكىرلىرىنى بېرىش جەريانلىرىنى ، كىتاپنىڭ ئىجادىي مۇۋەپپەقيەتلىرى ھەققىدە توختالغان ھەم ئاخىرىدا ‹‹ كېسەلچان بولۇپ قالسىمۇ ، تەن بەرمەي تىرىشىپ ئىزدىنىپ چاقىلىق تارىخى ئۈستىدە يېڭى يېڭى يىپ ئۇچى ۋە قىممەتلىك ئىزلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ كەلگەن ئابدۇۋەلى روزى ئاكىنى ، فوتۇ ئاپاراتى ئارقىلىق ئۆز يۇرتىنىڭ مەدەنىيىتى ، ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى چىن ۋە جانلىق تۇنۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان تىرىك قامۇس تۇردى ھاشىم ئەپەندىلەرنىمۇ چاقىلىق ناھىيىسىدىكى تۆھپىكار ئەزىمەتلەر قاتارىغا قۇيۇش كېرەك ›› دىگەن ئاقىلانە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ . يىغىن سۇلايمان ئابدۇرېھىم ئاكىنىڭ قىممەتلىك ھاياتى ، ئىجادىي مېھنىتى ھەققدىكى تۇنۇشتۇرۇشلاردىن كېيىن يىغىن تەرتىپى بۇيىچە ئاتاقلىق يازغۇچىلىرىمىز ئۆزلىرى يېزىپ كەلگەن قىممەتلىك ماقالىلىرى بىلەن ئىلمىي مۇھاكىمىنى يۇقۇرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى . ئاتاقلىق يازغۇچى ، تارىخچى ، تەرجىمان ۋەلى - ئابدۇۋەلى ئەلى ( ئۇنىڭ ‹‹ ياقۇپبەگنىڭ تەرجىمىھالى ›› قاتارلىق تەرجىمە كىتاپلىرى ، نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلىرى ، ‹‹ بەدۆلەت ›› ناملىق تېىلوگىيىسى ، ‹‹ ئاپاق خوجا ›› ، ‹‹ تۇرغاق خوجىلار ›› ، ‹‹ مەخدۇم ئەئىزەم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى ›› قاتارلىق كۆپ قىسىملىق تارىخىي قىسسىلىرى نەشىر قىلىنىپ ئۇيغۇر كىتاپخانلىرىنىڭ قەلب تۆرىدىن ئۇرۇن ئالغان ) ‹‹ تارىخى رومانچىلىقتا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك ›› دىگەن تېمىدا ئۆزىنىڭ يۇقارقى ۋە تېخى نەشىر قىنلىنمىغان ئەسەرلىرىنى يېزىش داۋامىدىكى تەجرىبىلىرى، خام ماتىرىيالنىڭ تەرييالىنىشى ، تارىخى ۋاقىئ.ەلەرنىڭ بەدىئىلەشتۈرۈش مەسىلىرى ھەققىدە ماقالە ئۇقۇپ قىزغىن ئالقىشقا مۇيەسسەر بولدى . شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىگىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى ‹‹ ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدىن تاللانما ›› ، ‹‹ ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلايلى ›› ، ‹‹ قىيامەتتە قالغان سەھرا ›› ، ‹‹ يىگانە ئارال ›› (رومان ) ، ‹‹ يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام ›› ... قاتارلىق مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ قەلبىنى تىترەتكەن يازغۇچى ئەختەم ئۆمەر ‹‹ يازغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى توغرىسىدا ›› دىگەن تېمىدا ماقالە ئۇقۇپ خەلقىمىزدىكى ئەخلاق كىرىزىسى ھەققىدە ناھايىتى ئەمەلىي بايانلىرى يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى . چۈنكى تېخىچە ئېنىق ئوتتۇرىغا قۇيۇلمايۋاتقان بولسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئىنىۋى ئەخلاقىي دۇچ كېلىۋاتقان كىرىزىس ، بۇلاردا مىللەت روھىنىڭ ئېنژىنىرلىرى بولغان يازغۇچى شائىرلارنىڭ ئەخلاقىي ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى بايان قىلدى . يازغۇچى ئېيتمىسىمۇ ھازىر زىيالىلىرىمىز ‹‹ موللام ھەممىنى بىلىدۇ ، موللام قۇپۇپ كۆلگە سىيىدۇ ›› ، ‹‹ موللامنىڭ دىگىنىنى قىل ، قىلغىنىنى قىلما ›› دىگەن تەمسىلدىكى ‹‹ موللىلار ›› ئوخشاپ قالغان ئىدى ... يازغۇچى ئوپېراتسىيە پىچىغىنى يازغۇچى - شائىرلارنىڭ ئەخلاق ۋە ئىدىيىسىدىكى ئۆسمىگە سانجىدى . ‹‹ سەپداش›› ، ‹‹ ساۋاپ ›› قاتالىق مۇنەۋۋەر ھېكايىلىرى ، ‹‹ مەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ قارچۇغىدا قېتىپ قالغان سۈرەت ›› ، ‹‹ يۈرەك تاغ ›› ... قاتارلىق مۇنەۋۋەر پوۋېستلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئاسمىنىدا پارلاۋاتقان يۇلتۇزلاردىن بىرى مۇھەممەت باغراش ‹‹ ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئەپسانە رىۋايەت ›› ناملىق ماقالىسىنى ئۇقۇپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە ‹‹ پېروگىرامما خارەكتىرلىك ›› ناھايىتى قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بايان قىلدى . ئاتاقلىق ئوبزورچى ، مائارىپشۇناس يالقۇن روزى ( ‹‹ تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما ›› ، ‹‹ مەمتىلى ئەپەندى ›› قاتارلىق ئېسىل كىتاپلارنىڭ ئاپتۇرى ) ‹‹ گۇمانتارلىق روھ ھەققىدە ›› دىگەن تېمىدا ناتىقلارغا خاس نۇتقىنى ئېلان قىلدى . مۇھاكىمە نايىتى قىزغىن داۋام قىلدى ، ئەسەرلەر خۇددى ئالدىن ئۇرۇنلاشتۇرۇلغاندەك بىر بىرىگە جىپسىلىشىپ ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ، تىلى ، مەدەنىيىتى ، ئىجتىمائىيىتى ھەققىدە بىر بىرىگە ئۇلىنىپ بىر سېستىمىلىق تەتقىقات ھاسىل قىلدى . تارىخچى ، ھازىر جاۋاپ شائىر ئابدۇرەشىد سابىت يازغان قەلەمكەشلەرگە چاقچاق يىغىن كەيپىياتىنى كۈلكە ئارقىلىق تېخىمۇ يۇقۇرى كەيپىياتقا كۆتۈردى . ھەش – پەش دىگۈچە 4 سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتۈپ ، چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولدى ، يىغىندىن تارقاپ چاقىلىق باىزىرىدىكى گۆزەرگە كەلگەندە بۇ قىزغىن ۋە مۇۋەپپەقيەتلىك يىغىن ئۈچۈن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش ، خاتىرە قالدۇرۇش مۇھىم پائالىيەت بولۇپ قالدى . چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئۇرۇنلاشتۇرۇش بۇيىچە يىغىن قاتناشچىلىرى چاقىلىق ناھىيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىدە ئېچىلغان موزېيغا كىرىپ ئاسار ئەتىقىلەر ، مومىيالارنى زىيارەت قىلىپ چاقىلىقنىڭ تارىىخ ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنى تېخىمۇ بېيىتتى ، تېخى يېقىندا ‹‹ ئۆردەك قەبرىستانلىقى ›› ( ئېقىن قەبرىستانلىقى ~ 5 – نومۇرلۇق قەبرىستانلىق ~ مىڭ لەھەت قەبرىستانلىغى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) دىن تېپىلىپ تېخى يېڭىلا قۇيۇلغان مومىيا دەۋرىنىڭ بالدۇرلىقى ( دەسلەپكى قاراشلارغا قارىغاندا مۇندىن 3800 يىللار بۇرۇنقى دەۋرگە مەنسۇپ دىيىلگەن كروران گۈزىلىدىنمۇ بالدۇر ئىكەن ) ، ساقلىنىشىنىڭ بېجىرىملىغى بىلەن زىيارەتچى ئەۋلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە قوزغىدى ھەمدە قىزغىن مۇھاكىمە تېمىسى بولدى . چۈشتىن كېيىن ئىككى ئاپتۇبۇسقا چىقىپ چاقىلىق ناھىيە بازىرى ، تىكەنلىك ، ئۇتام يېزىلىرىدىكى لەڭزە ( سېپىل ) ، تىم ( تۇر ) قاتارلىق تارىخى ئىزلارنى، كروران ئارامگاھىنى ۋە چىلانزارلىقلارنى زىيارەت قىلىپ تۇرمۇش ئۈگەندى . * * * كەچ . ‹‹ ئاق ئالتۇن رېستۇرانى ›› . بەش ئۈستەلگە چۆرىدەپ ئولتۇرغان قەلەمكەشلەر قىزغىن سۆھبەتتە . بۇ چاقىلىق ياشلىرىنىڭ ئەزىز مېھمانلارغا بەرگەن خوشلىشىش چېيى ئىدى . بۇ يەرگە چاقىلىقنىڭ سازەندىلىرىمۇ يىغىلغان بولۇپ بىردەم چاقىلىق سەنىمى چېلىنىپ ئۇيغۇرچە ئۇسۇلغا چۈشۈلسە ، بىردەم شېئىر ئۇقۇلۇپ قىزغىن ئالقىشلار ياڭرايتتى . بىردەم زامانىۋى شوخ مۇزىكىلارغا تانسىغا چۈشەتتى . رېستۇراننىڭ ئايرىمخانىلىرىدا ئولتۇرغان بىر قىسىم مېھمانلار ئۆزلىرىنىڭ ئايرىمخانىسىنى تاشلاپ چوڭ زالغا ، شۇنداق جۇشقۇن ، قىزغىن كەيپىيات ئىلكىدە داۋام قىلىۋاتقان سورۇننى مارىشاتتى . مانا خۇتۇن قىز قەلەمكەشلەرنىڭ تەكلىۋى شائىر ئابدۇرېشىت سابىتقا يەتكۈزۈلدى ، ‹‹ دۇنيانىڭ يېرىمى بىز خۇتۇن قىزلارنىڭ ، ئەجابا ئەرلەرگە يېزىلغان چاقچاق بىزگە يېزىلمامدىكەن ›› . ھازىر جاۋاپ شائىر ئايرىمخانىدىن بىرىگە كىرىپ ئوننەچچە مىنۇتتىلا يېزىپ تاماملاپ چىققان چاقچىقى سورۇندا قىقاس چۇقان پەيدا قىلدى ، ئارقىدىن تەلەپ بۇيىچە چۈشتىن بۇرۇن يىغىندا ئۇقۇلغان ئەرلەرگە چاقچاقمۇ قايتا ئۇقۇپ قىقاس – چۇقاننى ئەۋجىگە چىقاردى . يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئەرلەرگە خاس سالاپەت بىلەن ئوينىغان ئۇيغۇر ئۇسۇلى ، مۇھەممەت باغراشنىڭ لېرىك ناخشىلىرى ھەممىنى ھاياجانغا سالدى . ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران ، ئەزىز ئوسمان ، توختى مەھمۇت ، ئامانگۇل ، .... قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ تىلى ساپ ، ۋەزنى سالماق ، ئېسىل شېئىرلىرى بىلەن ياشلارنىڭ ياشلىق جاسارىتىنى ئويغاتسا ، پىشقەدەم ئەدىپلەرنى ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەرگە باشلىدى . ... كەچكى زىياپەت شۇنداق قىزغىن داۋام قىلىۋاتاتتى . كورلىدىن چاقىلىق مەدەنىيەت ئىدارىسىگە ياردەمگە كەلگەن ئابدۇۋەلى ئىسىملىك بىر يىگىت ئىگىز بويلۇق بىر كىشىنى باشلاپ كەلگەن ئىدى ، سورۇن بىردەمدىلا يەنە بىر يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى . يازغۇچى ئەختەم ئۆمەر بۇ كىشىنى تۇنۇشتۇردى : - بۇ كىشى شىنجاڭ ئارخىئولوگىيە تەتىقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ئىدرىس ئابدۇرۇسۇل دىگەن ئالىم بولىدۇ . جوڭگۇ ۋە چەتئەللەرگە داڭلىق ئالىم . يۇرتىمىزنى خەلقىمىزنى دۇنياغا تۇنۇتىۋاتقان ئالىم . ئۇ دىيارىمىزنىڭ تاش قۇراللىرى ئۈستىدە كۆپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ 8 – 10 مىڭ يىللار بۇرۇنقى تارىخىمىزنى يۇرتقان . كروران ئارخىئولوگىيىسىگە كۆپ قېتىم قاتناشقان ياكى رەھبەرلىك قىلغان . بىز چۈشتە كۆرگەن مومىيالار ‹‹ ئۆردەك قەبرىستانلىقى ››دىن ئالىمنىڭ باشچىلىقىدا قېزىپ چىقىرىلغان . ھازىر ‹‹ ئۆردەك قەبرىستانلىقى ››نى قېزىۋاتقان يەردىن چاقىلىققا ھېلىلا كېلىشى ئىكەن . ئالىمنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن چېلىنغان چاۋاك ئالىمنى ھاياجانلاندۇرۇدى ، ئالىم بۇرۇن كۆپۈنچە ئۆلۈك ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئىجتىمائى ئالاقىلەردە ئاز بولغانلىقتىن تىرىك ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرسەتكەن ھۆرمىتى ئالىمنى قاتتىق ھاياجاندۇرغان ئىدى . ئالىم دۇدۇقلاپ تەسلىكتە ئۆزىنىڭ ھاياجىنىنى ، رەھمىتىنى بىلدۈردى يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ خەنزۇچە بولسىمۇ سۆزلەۋېرىش تەكلىبىنى رەت قىلىپ ئۇيغۇر تۇرۇپ ئۇيغۇرلار يىغىلغان سورۇندا خەنزۇچە سۆزلەشنى راۋا كۆرمىدى . شۇ ئارىلىقتا كىمدۇر بىرى خەلقىمىزنىڭ ئۆتمۈش تارىخى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان بۇ ئالىمغا ئۇيغۇر بۆكىنى كىيدۈرۈپ ئۈلگۈرگەن ئىدى . ھەش – پەش دىگۈچە سائەت ئىستىرىلكىسىنىڭ ئۈرۈمچى ۋاقتى 11 نى كۆرسەتكەنلىگى مەلۇم بولدى ، سۇلايمان ئابدۇرېھىم ئاكا مېھمانلارنىڭ ئۆزىگە كۆرسەتكەن ھۆرمىتىگە ھەمدە ئۇزۇن مۇساپىلەرنى يۈرۈپ يېتىپ كەلگەنلىگىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتتى . شۇندىن كېيىن ئازراق ۋاقىت داۋام قىلغان قىزغىن كەيپىيات ئەتە ماڭىدىغان 440 كېلومېتىدىن ئارتۇق يول ئازاۋىنىڭ ۋەھىمىسىدىن تارقىلىشقا مەجبۇر بولدى . * * * 2004 – يىلى 25 – ئۆكتەبىر ( دۈشەنبە ) ھېچكىشىنىڭ قايتقۇسى يوق ، چاقىلىق ناھىيىسىدە ئۇزاقراق تۇرۇپ جوڭگۇ بۇيىچە ئەڭ چوڭ ناھىيىنى يەنىمۇ چۈشەنگۈسى بار . بۇ ناھىيدىكى قەدىمكى تارىخى ئىزلار كروران شەھرى ، مىرەن كونا شەھرى ، لوپ كونا شەھرى ئىزلىرىنى كۆرگۈسى ، لوپ كۆلى ، ئۆردەك قەبرىستانلىغىنى ئېكىسپىدىتسىيە قىلغۇسى ، قۇم ئاستىغا كۆمۈلۈپ كەتكەن شەھرى كىتىكنى ئىزدۈگۈسى كەلسىمۇ ، ئالتۇنتاغ تەبىئى مۇھاپىزەت رايۇنى ، لوپنۇر كۆلى ياۋا تۆگە مۇھاپىزەت رايۇنىغا بېرىپ تەبىئى دۇنيادىن ھوزۇر ئالغۇسى كەلسىمۇ ، ئاتاقلىق يازغۇچى خالىدە ئىسرائىلغا ئوخشاش تارىم دەرياىسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىغا بېرىپ توغراقلارنى كۆرۈپ تەبىئى ئېكىلوگىيە ھەققىدە چۈشەنچە ھاسىل قىلغۇسى بولسىمۇ ھەر تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلى قايتىشقا مەجبۇر . ئامال قانچە ئۇلار يەنە ئاپتۇبۇسقا چىقىپ ئاتلاندى ، ئۇنتۇلماس خاتىرىلەر ھەممىنىڭ قەلبىگە ئورناپ كەتتى . ئاپتۇبۇس چاپماقتا ... شائىر ئابلىمىت ئاقيۇلى ئۆزىنىڭ 13 يىللار بۇرۇن كەلگەن ۋاقتىدىكى چاقىلىقنى ئەسلەپ ‹‹ 13 يىل بۇرۇنقىدىن يۈز پىرسەنت ئۆزگۈرۈپتۇ ›› دەۋەتتى چاقىلىقنىڭ قارا كۆرۈنۈش ئورمانلىرىغا نەزەر سالغىنىچە . ... ئاپتۇبۇس چاپماقتا ... قىزغىن سۇئال _ جاۋاپلار ، كۈلكىلەر ئاپتۇبۇسنى بىر ئالغان . كېلىشتە كۆرۈشكە ئۈلگۈرەلمىگەن خىش يول ، رەسىمگە چۈشۈشكە ئۈلگۈرمىگەن ئالتۇن كۈزنىڭ ساپ سېرىق توغراقلىرى ئەدىپلەرنى كەڭ قۇچاق ئېچىپ قىزغىن قارشى ئالدى ۋە بىرگە سۈرەتكە چۈشۈپ ئۆچمەس خاتىرىلىرىنى قالدۇردى .... نىشان كورلا ... ئاپتۇبۇس چاپماقتا ... قىزغىن كەيپىيات ، سىمنارىيىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بۇ مۇھاكىمە يىغىنى ئىككى كۈنگىچە كورلا دىيارىدا داۋام قىلدى .... – يىلى سىياسەت ئەمىلىيلەشكەندە ئۇمۇ تۈرلۈك سىياسى بەتنام ۋە دىكتاتۇرىدىن ئازات بولغان . 1979 – يىلى 4 – ئايدا چاقىلىق ناھىيىلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىنىپ تارىخ ئۇقۇتقۇچىسى بولغان . مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئۇنىڭ ياشلىقىدا قوزغالغان كىتاپ يېزىش، يېزىقچىلىق قىلىش ئارزۇسى قايتىدىن يالقۇنجايدۇ . شۇنىڭ بىلەن قولىغا قەلەم ئېلىپ ئۈگۈنۈش ، ماتىرىيال توپلاشقا كىرىشىدۇ . كۆپ مۇشەققەتلەرنى چىكىپ ئاخىرى ئۆزى 30 يىلدەك زارىقىپ كۈتكەن يارىنىڭ ۋىسالىغا يېتىدۇ. ئارقا - ئارقىدىن ‹‹ گۆر ئاغزىدىن يانغانلار ›› ، ‹‹ كۆكتىن چۈشكەن پەرىشتە ›› ، ‹‹ ئۇنتۇلغان زېمىن ›› قاتارلىق تارىخى تېمىىدىكى 3 پارچە تارىخى رومان ، ئوننەچچە پارچە ماقالە يېزىپ چىقىدۇ. بۇ كىتاپ ۋە ماقالىلىرىدىن ‹‹ گۆر ئاغزىدىن يانغانلار ›› رومانى مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن 1997 – يىلى نەشرى قىلىپ تارقىتىلدى. ‹‹ كۆكتىن چۈشكەن پەرىشتە ›› شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2000 – يىلى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى . ‹‹ ئۇنتۇلغان زېمىن ›› ناملىق يەنە بىر تارىخى رومانى نەشىردىن چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئۇنىڭ يۇقارقى رومانلىرى نەشىر قىلىنغاندىن سىرت يۇرتىمىز تارىخىنى ئۈگۈنۈش ئارقىلىق يازغان ‹‹ چاقىلىق تارىخىدىن قىسقىچە ئەسلىمە ›› ناملىق ماقالىسى ئۆزى سىياسى كېڭەشتە ئىشلىگەن ۋاقتىدا ئىشلەپ نەشىر قىلدۇرۇلغان ‹‹ چاقىلىق تارىخ ماتىرىياللىرى 1 - توپلام ››دا ئېلان قىلىنغان. ‹‹ چاقىلىقتا 1946 – يىلىدىكى چوڭ تۇتقۇن ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ساختا سايلام ھەرىكىتى ››، ‹‹ چاقىلىق خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى سەنئەت پائالىيەتلىرى ھەققىدە ››، ‹‹چاقىلىق خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى توغرىسىدا ››،‹‹ چاقىلىقتا 1951 – يىلىدىكى چوڭ ناھەق ئەنزە ‹ پانتۇركىست › ئەنزىسى توغرىسىدا ›› قاتارلىق ماقالىلىرى ئۇ ئىشلەپ چىققان ‹‹ چاقىلىق تارىخ ماتىرىياللىرى ( 2 – توپلام) ››دا ئېلان قىلىنغان. ‹‹ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ھەققىدە ›› ناملىق ماقالىسى ‹‹ شىنجاڭ تارىخ ماتىرياللىرى ›› 36 – توپلامدا ، ‹‹ چاقىلىق ناھىيە بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىنكى 50 يىل ›› ناملىق ماقالىسى ‹‹ شىنجاڭ تارىخ ماتىرىياللىرى ›› 30 – توپلامدا، ‹‹ تارىم ۋادىسىدىكى قاراقۇشۇنلۇقلار ›› دىگەن ماقالىسى ‹‹ بايىنغۇلىن تارىخ ماتىرىياللىرى ›› 3 – توپلامدا، ‹‹ چاقىلىقتا مائارىپنىڭ پەيدا بولىشى ۋە تەرەققى قىلىشى ›› ، ‹‹ يەنە تارىم ۋادىسىدىكى قارا قۇشۇنلۇقلار ھەققىدە ›› قاتارلىق ماقالىلىرى ‹‹ بايىنغۇلىن تارىخ ماتىرىياللىرى ›› نىڭ 4 – توپلامىدا ئېلان قىلىنغان. ‹‹ چاقىلىقتا تاشپاختا كېنىنىڭ ئېچىلىشى ››، ‹‹ چاقىلىقتا گومىنداڭ ھاكىميىتىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلىشى توغرىسىدا ›› قاتارلىق 2 پارچە ماقالىسى ‹‹ بايىنغۇلىن تارىخ ماتىرىياللىرى ››نىڭ 9 – توپلامىدا ئېلان قىلىنغان. بىز يۇقۇرىدا كۆرگىنىمىزدەك سۇلايمان ئاكا ئەدەبىي ئىقادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپلا قالماستىن يەنە تارىخ ۋە ھادىسلەر ئۈستىدە ئىزلىنىپ بىر قىسىم ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ يۇرتىمىزنىڭ تارىخىنى يۇرۇتۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشقان ھۆرمەت ساھىبىدۇر. ئاپتۇرنىڭ يۇقارقى ئەمگەكلىرىدىن باشقا يەنە چاقىلىق ناھىيىسى نەشىر قىلدۇرغان ئۈچ توپلام يەنى ‹‹ چاقىلىق خەلق چۆچەكلىرى ›› ، ‹‹ چاقىلىق خەلق قوشاقلىرى ›› ، ‹‹ چاقىلىق خەلق ماقال تەمسىللىرى ››نىڭ تەھرىرلىنىپ نەشىر قىلىنىشىدا ئۆزىنىڭ بىلگەنلىرىنىمۇ ئايىماي 3 توپلامنىڭ سۈپەتلىك چىقىشى ئۈچۈن ئۆز ھەسسىنى قوشتى. بۇندىن باشقا بىر قانچە ھىكايە ۋە ماقالىلىرى بولسىمۇ بۇ يەردە تىلغا ئېلىنمىدى..... غالىپ ئەركنىڭ ماقالىسى ئوقۇلۇپ بولۇنغاندىن كېيىن، شائىر ئابلىمىت ئاقيۇلى ‹‹ لوپ ئېلىدە ياشناپ تۇرغان كاداڭ توغراق ›› دىگەن تېمىدا ماقالە ئوقۇپ شائىرنىڭ سۇلايمان ئابدۇرېھىم بىلەن تۇنۇشۇش ، ئۇنىڭ ‹‹ گۆر ئاغزىدىن يانغانلار ›› رومانىنىڭ ئورگىنالىنى ئۇقۇش، تۈزۈتۈش، پىكىرلىرىنى بېرىش جەريانلىرىنى ، كىتاپنىڭ ئىجادىي مۇۋەپپەقيەتلىرى ھەققىدە توختالغان ھەم ئاخىرىدا ‹‹ كېسەلچان بولۇپ قالسىمۇ ، تەن بەرمەي تىرىشىپ ئىزدىنىپ چاقىلىق تارىخى ئۈستىدە يېڭى يېڭى يىپ ئۇچى ۋە قىممەتلىك ئىزلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ كەلگەن ئابدۇۋەلى روزى ئاكىنى ، فوتۇ ئاپاراتى ئارقىلىق ئۆز يۇرتىنىڭ مەدەنىيىتى ، ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى چىن ۋە جانلىق تۇنۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان تىرىك قامۇس تۇردى ھاشىم ئەپەندىلەرنىمۇ چاقىلىق ناھىيىسىدىكى تۆھپىكار ئەزىمەتلەر قاتارىغا قۇيۇش كېرەك ›› دىگەن ئاقىلانە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ . يىغىن سۇلايمان ئابدۇرېھىم ئاكىنىڭ قىممەتلىك ھاياتى ، ئىجادىي مېھنىتى ھەققدىكى تۇنۇشتۇرۇشلاردىن كېيىن يىغىن تەرتىپى بۇيىچە ئاتاقلىق يازغۇچىلىرىمىز ئۆزلىرى يېزىپ كەلگەن قىممەتلىك ماقالىلىرى بىلەن ئىلمىي مۇھاكىمىنى يۇقۇرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى . ئاتاقلىق يازغۇچى ، تارىخچى ، تەرجىمان ۋەلى - ئابدۇۋەلى ئەلى ( ئۇنىڭ ‹‹ ياقۇپبەگنىڭ تەرجىمىھالى ›› قاتارلىق تەرجىمە كىتاپلىرى ، نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلىرى ، ‹‹ بەدۆلەت ›› ناملىق تېىلوگىيىسى ، ‹‹ ئاپاق خوجا ›› ، ‹‹ تۇرغاق خوجىلار ›› ، ‹‹ مەخدۇم ئەئىزەم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى ›› قاتارلىق كۆپ قىسىملىق تارىخىي قىسسىلىرى نەشىر قىلىنىپ ئۇيغۇر كىتاپخانلىرىنىڭ قەلب تۆرىدىن ئۇرۇن ئالغان ) ‹‹ تارىخى رومانچىلىقتا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك ›› دىگەن تېمىدا ئۆزىنىڭ يۇقارقى ۋە تېخى نەشىر قىنلىنمىغان ئەسەرلىرىنى يېزىش داۋامىدىكى تەجرىبىلىرى، خام ماتىرىيالنىڭ تەرييالىنىشى ، تارىخى ۋاقىئ.ەلەرنىڭ بەدىئىلەشتۈرۈش مەسىلىرى ھەققىدە ماقالە ئۇقۇپ قىزغىن ئالقىشقا مۇيەسسەر بولدى . شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىگىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى ‹‹ ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدىن تاللانما ›› ، ‹‹ ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلايلى ›› ، ‹‹ قىيامەتتە قالغان سەھرا ›› ، ‹‹ يىگانە ئارال ›› (رومان ) ، ‹‹ يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام ›› ... قاتارلىق مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ قەلبىنى تىترەتكەن يازغۇچى ئەختەم ئۆمەر ‹‹ يازغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى توغرىسىدا ›› دىگەن تېمىدا ماقالە ئۇقۇپ خەلقىمىزدىكى ئەخلاق كىرىزىسى ھەققىدە ناھايىتى ئەمەلىي بايانلىرى يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى . چۈنكى تېخىچە ئېنىق ئوتتۇرىغا قۇيۇلمايۋاتقان بولسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئىنىۋى ئەخلاقىي دۇچ كېلىۋاتقان كىرىزىس ، بۇلاردا مىللەت روھىنىڭ ئېنژىنىرلىرى بولغان يازغۇچى شائىرلارنىڭ ئەخلاقىي ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى بايان قىلدى . يازغۇچى ئېيتمىسىمۇ ھازىر زىيالىلىرىمىز ‹‹ موللام ھەممىنى بىلىدۇ ، موللام قۇپۇپ كۆلگە سىيىدۇ ›› ، ‹‹ موللامنىڭ دىگىنىنى قىل ، قىلغىنىنى قىلما ›› دىگەن تەمسىلدىكى ‹‹ موللىلار ›› ئوخشاپ قالغان ئىدى ... يازغۇچى ئوپېراتسىيە پىچىغىنى يازغۇچى - شائىرلارنىڭ ئەخلاق ۋە ئىدىيىسىدىكى ئۆسمىگە سانجىدى . ‹‹ سەپداش›› ، ‹‹ ساۋاپ ›› قاتالىق مۇنەۋۋەر ھېكايىلىرى ، ‹‹ مەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ قارچۇغىدا قېتىپ قالغان سۈرەت ›› ، ‹‹ يۈرەك تاغ ›› ... قاتارلىق مۇنەۋۋەر پوۋېستلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئاسمىنىدا پارلاۋاتقان يۇلتۇزلاردىن بىرى مۇھەممەت باغراش ‹‹ ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئەپسانە رىۋايەت ›› ناملىق ماقالىسىنى ئۇقۇپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە ‹‹ پېروگىرامما خارەكتىرلىك ›› ناھايىتى قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بايان قىلدى . ئاتاقلىق ئوبزورچى ، مائارىپشۇناس يالقۇن روزى ( ‹‹ تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما ›› ، ‹‹ مەمتىلى ئەپەندى ›› قاتارلىق ئېسىل كىتاپلارنىڭ ئاپتۇرى ) ‹‹ گۇمانتارلىق روھ ھەققىدە ›› دىگەن تېمىدا ناتىقلارغا خاس نۇتقىنى ئېلان قىلدى . مۇھاكىمە نايىتى قىزغىن داۋام قىلدى ، ئەسەرلەر خۇددى ئالدىن ئۇرۇنلاشتۇرۇلغاندەك بىر بىرىگە جىپسىلىشىپ ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ، تىلى ، مەدەنىيىتى ، ئىجتىمائىيىتى ھەققىدە بىر بىرىگە ئۇلىنىپ بىر سېستىمىلىق تەتقىقات ھاسىل قىلدى . تارىخچى ، ھازىر جاۋاپ شائىر ئابدۇرەشىد سابىت يازغان قەلەمكەشلەرگە چاقچاق يىغىن كەيپىياتىنى كۈلكە ئارقىلىق تېخىمۇ يۇقۇرى كەيپىياتقا كۆتۈردى . ھەش – پەش دىگۈچە 4 سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتۈپ ، چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولدى ، يىغىندىن تارقاپ چاقىلىق باىزىرىدىكى گۆزەرگە كەلگەندە بۇ قىزغىن ۋە مۇۋەپپەقيەتلىك يىغىن ئۈچۈن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش ، خاتىرە قالدۇرۇش مۇھىم پائالىيەت بولۇپ قالدى . چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئۇرۇنلاشتۇرۇش بۇيىچە يىغىن قاتناشچىلىرى چاقىلىق ناھىيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىدە ئېچىلغان موزېيغا كىرىپ ئاسار ئەتىقىلەر ، مومىيالارنى زىيارەت قىلىپ چاقىلىقنىڭ تارىىخ ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنى تېخىمۇ بېيىتتى ، تېخى يېقىندا ‹‹ ئۆردەك قەبرىستانلىقى ›› ( ئېقىن قەبرىستانلىقى ~ 5 – نومۇرلۇق قەبرىستانلىق ~ مىڭ لەھەت قەبرىستانلىغى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) دىن تېپىلىپ تېخى يېڭىلا قۇيۇلغان مومىيا دەۋرىنىڭ بالدۇرلىقى ( دەسلەپكى قاراشلارغا قارىغاندا مۇندىن 3800 يىللار بۇرۇنقى دەۋرگە مەنسۇپ دىيىلگەن كروران گۈزىلىدىنمۇ بالدۇر ئىكەن ) ، ساقلىنىشىنىڭ بېجىرىملىغى بىلەن زىيارەتچى ئەۋلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە قوزغىدى ھەمدە قىزغىن مۇھاكىمە تېمىسى بولدى . چۈشتىن كېيىن ئىككى ئاپتۇبۇسقا چىقىپ چاقىلىق ناھىيە بازىرى ، تىكەنلىك ، ئۇتام يېزىلىرىدىكى لەڭزە ( سېپىل ) ، تىم ( تۇر ) قاتارلىق تارىخى ئىزلارنى، كروران ئارامگاھىنى ۋە چىلانزارلىقلارنى زىيارەت قىلىپ تۇرمۇش ئۈگەندى . * * * كەچ . ‹‹ ئاق ئالتۇن رېستۇرانى ›› . بەش ئۈستەلگە چۆرىدەپ ئولتۇرغان قەلەمكەشلەر قىزغىن سۆھبەتتە . بۇ چاقىلىق ياشلىرىنىڭ ئەزىز مېھمانلارغا بەرگەن خوشلىشىش چېيى ئىدى . بۇ يەرگە چاقىلىقنىڭ سازەندىلىرىمۇ يىغىلغان بولۇپ بىردەم چاقىلىق سەنىمى چېلىنىپ ئۇيغۇرچە ئۇسۇلغا چۈشۈلسە ، بىردەم شېئىر ئۇقۇلۇپ قىزغىن ئالقىشلار ياڭرايتتى . بىردەم زامانىۋى شوخ مۇزىكىلارغا تانسىغا چۈشەتتى . رېستۇراننىڭ ئايرىمخانىلىرىدا ئولتۇرغان بىر قىسىم مېھمانلار ئۆزلىرىنىڭ ئايرىمخانىسىنى تاشلاپ چوڭ زالغا ، شۇنداق جۇشقۇن ، قىزغىن كەيپىيات ئىلكىدە داۋام قىلىۋاتقان سورۇننى مارىشاتتى . مانا خۇتۇن قىز قەلەمكەشلەرنىڭ تەكلىۋى شائىر ئابدۇرېشىت سابىتقا يەتكۈزۈلدى ، ‹‹ دۇنيانىڭ يېرىمى بىز خۇتۇن قىزلارنىڭ ، ئەجابا ئەرلەرگە يېزىلغان چاقچاق بىزگە يېزىلمامدىكەن ›› . ھازىر جاۋاپ شائىر ئايرىمخانىدىن بىرىگە كىرىپ ئوننەچچە مىنۇتتىلا يېزىپ تاماملاپ چىققان چاقچىقى سورۇندا قىقاس چۇقان پەيدا قىلدى ، ئارقىدىن تەلەپ بۇيىچە چۈشتىن بۇرۇن يىغىندا ئۇقۇلغان ئەرلەرگە چاقچاقمۇ قايتا ئۇقۇپ قىقاس – چۇقاننى ئەۋجىگە چىقاردى . يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئەرلەرگە خاس سالاپەت بىلەن ئوينىغان ئۇيغۇر ئۇسۇلى ، مۇھەممەت باغراشنىڭ لېرىك ناخشىلىرى ھەممىنى ھاياجانغا سالدى . ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران ، ئەزىز ئوسمان ، توختى مەھمۇت ، ئامانگۇل ، .... قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ تىلى ساپ ، ۋەزنى سالماق ، ئېسىل شېئىرلىرى بىلەن ياشلارنىڭ ياشلىق جاسارىتىنى ئويغاتسا ، پىشقەدەم ئەدىپلەرنى ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەرگە باشلىدى . ... كەچكى زىياپەت شۇنداق قىزغىن داۋام قىلىۋاتاتتى . كورلىدىن چاقىلىق مەدەنىيەت ئىدارىسىگە ياردەمگە كەلگەن ئابدۇۋەلى ئىسىملىك بىر يىگىت ئىگىز بويلۇق بىر كىشىنى باشلاپ كەلگەن ئىدى ، سورۇن بىردەمدىلا يەنە بىر يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى . يازغۇچى ئەختەم ئۆمەر بۇ كىشىنى تۇنۇشتۇردى : - بۇ كىشى شىنجاڭ ئارخىئولوگىيە تەتىقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ئىدرىس ئابدۇرۇسۇل دىگەن ئالىم بولىدۇ . جوڭگۇ ۋە چەتئەللەرگە داڭلىق ئالىم . يۇرتىمىزنى خەلقىمىزنى دۇنياغا تۇنۇتىۋاتقان ئالىم . ئۇ دىيارىمىزنىڭ تاش قۇراللىرى ئۈستىدە كۆپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ 8 – 10 مىڭ يىللار بۇرۇنقى تارىخىمىزنى يۇرتقان . كروران ئارخىئولوگىيىسىگە كۆپ قېتىم قاتناشقان ياكى رەھبەرلىك قىلغان . بىز چۈشتە كۆرگەن مومىيالار ‹‹ ئۆردەك قەبرىستانلىقى ››دىن ئالىمنىڭ باشچىلىقىدا قېزىپ چىقىرىلغان . ھازىر ‹‹ ئۆردەك قەبرىستانلىقى ››نى قېزىۋاتقان يەردىن چاقىلىققا ھېلىلا كېلىشى ئىكەن . ئالىمنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن چېلىنغان چاۋاك ئالىمنى ھاياجانلاندۇرۇدى ، ئالىم بۇرۇن كۆپۈنچە ئۆلۈك ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئىجتىمائى ئالاقىلەردە ئاز بولغانلىقتىن تىرىك ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرسەتكەن ھۆرمىتى ئالىمنى قاتتىق ھاياجاندۇرغان ئىدى . ئالىم دۇدۇقلاپ تەسلىكتە ئۆزىنىڭ ھاياجىنىنى ، رەھمىتىنى بىلدۈردى يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ خەنزۇچە بولسىمۇ سۆزلەۋېرىش تەكلىبىنى رەت قىلىپ ئۇيغۇر تۇرۇپ ئۇيغۇرلار يىغىلغان سورۇندا خەنزۇچە سۆزلەشنى راۋا كۆرمىدى . شۇ ئارىلىقتا كىمدۇر بىرى خەلقىمىزنىڭ ئۆتمۈش تارىخى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان بۇ ئالىمغا ئۇيغۇر بۆكىنى كىيدۈرۈپ ئۈلگۈرگەن ئىدى . ھەش – پەش دىگۈچە سائەت ئىستىرىلكىسىنىڭ ئۈرۈمچى ۋاقتى 11 نى كۆرسەتكەنلىگى مەلۇم بولدى ، سۇلايمان ئابدۇرېھىم ئاكا مېھمانلارنىڭ ئۆزىگە كۆرسەتكەن ھۆرمىتىگە ھەمدە ئۇزۇن مۇساپىلەرنى يۈرۈپ يېتىپ كەلگەنلىگىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتتى . شۇندىن كېيىن ئازراق ۋاقىت داۋام قىلغان قىزغىن كەيپىيات ئەتە ماڭىدىغان 440 كېلومېتىدىن ئارتۇق يول ئازاۋىنىڭ ۋەھىمىسىدىن تارقىلىشقا مەجبۇر بولدى . * * * 2004 – يىلى 25 – ئۆكتەبىر ( دۈشەنبە ) ھېچكىشىنىڭ قايتقۇسى يوق ، چاقىلىق ناھىيىسىدە ئۇزاقراق تۇرۇپ جوڭگۇ بۇيىچە ئەڭ چوڭ ناھىيىنى يەنىمۇ چۈشەنگۈسى بار . بۇ ناھىيدىكى قەدىمكى تارىخى ئىزلار كروران شەھرى ، مىرەن كونا شەھرى ، لوپ كونا شەھرى ئىزلىرىنى كۆرگۈسى ، لوپ كۆلى ، ئۆردەك قەبرىستانلىغىنى ئېكىسپىدىتسىيە قىلغۇسى ، قۇم ئاستىغا كۆمۈلۈپ كەتكەن شەھرى كىتىكنى ئىزدۈگۈسى كەلسىمۇ ، ئالتۇنتاغ تەبىئى مۇھاپىزەت رايۇنى ، لوپنۇر كۆلى ياۋا تۆگە مۇھاپىزەت رايۇنىغا بېرىپ تەبىئى دۇنيادىن ھوزۇر ئالغۇسى كەلسىمۇ ، ئاتاقلىق يازغۇچى خالىدە ئىسرائىلغا ئوخشاش تارىم دەرياىسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىغا بېرىپ توغراقلارنى كۆرۈپ تەبىئى ئېكىلوگىيە ھەققىدە چۈشەنچە ھاسىل قىلغۇسى بولسىمۇ ھەر تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلى قايتىشقا مەجبۇر . ئامال قانچە ئۇلار يەنە ئاپتۇبۇسقا چىقىپ ئاتلاندى ، ئۇنتۇلماس خاتىرىلەر ھەممىنىڭ قەلبىگە ئورناپ كەتتى . ئاپتۇبۇس چاپماقتا ... شائىر ئابلىمىت ئاقيۇلى ئۆزىنىڭ 13 يىللار بۇرۇن كەلگەن ۋاقتىدىكى چاقىلىقنى ئەسلەپ ‹‹ 13 يىل بۇرۇنقىدىن يۈز پىرسەنت ئۆزگۈرۈپتۇ ›› دەۋەتتى چاقىلىقنىڭ قارا كۆرۈنۈش ئورمانلىرىغا نەزەر سالغىنىچە . ... ئاپتۇبۇس چاپماقتا ... قىزغىن سۇئال _ جاۋاپلار ، كۈلكىلەر ئاپتۇبۇسنى بىر ئالغان . كېلىشتە كۆرۈشكە ئۈلگۈرەلمىگەن خىش يول ، رەسىمگە چۈشۈشكە ئۈلگۈرمىگەن ئالتۇن كۈزنىڭ ساپ سېرىق توغراقلىرى ئەدىپلەرنى كەڭ قۇچاق ئېچىپ قىزغىن قارشى ئالدى ۋە بىرگە سۈرەتكە چۈشۈپ ئۆچمەس خاتىرىلىرىنى قالدۇردى .... نىشان كورلا ... ئاپتۇبۇس چاپماقتا ... قىزغىن كەيپىيات ، سىمنارىيىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بۇ مۇھاكىمە يىغىنى ئىككى كۈنگىچە كورلا دىيارىدا داۋام قىلدى ....

   
无标题文档
     
  باشقۇرغۇچى ئورۇن :شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك خەلىق ھۆكۈمىتى

ئۈستىگە ئالغۇچى ئورۇن:شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى

(ئالاقىلىشىڭ :7102165 (0996