غالىب بارات ئەرك چاقىلىق ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقى جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان ، جەنۇبتا شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن ؛ غەربتە چەرچەن ناھىيىسى بىلەن؛ شىمالدا لوپنۇر ناھىيىسى ، تۇرپان ، قۇمۇل ۋىلايەتلىرى بىلەن ؛ شەرقتە گەنسۇ، چىڭخەي ئۆلكىلىرى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ناھىيەنىڭ زېمىنى شەرقتىن غەربكە 570 كىلومېتىر ، جەنۇبتىن شىمالغا 580 كىلومېتىر ، ئومۇمىي يەر مەيدانى 202 مىڭ 298.78 كۇۋادىرات كىلومېتر . چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىىم بولۇپ قەدىمدە يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنىگە ئايلانغان . قەدىمكى زاماندا شەرق ۋە غەربنىڭ سودا ۋە مەدەنىيەت يولى بولغان يىپەك يولىنىڭ بىر قانچە تارمىقى مۇشۇ زېمىندىن ئۆتكەنلىكتىن ، ئۇچۇر ئالاقە ئىشلىرىدا ئوينىغان رولىمۇ ناھايىتى چوڭ بولغان . ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغاندەك ، ئات – ئۇلاق بىلەن خەۋەر يەتكۈزۈش ئەينى دەۋرنىڭ بىردىن بىر خەۋەرلىشىش ۋاستىسى ئىدى. ئەمما ، بۇ خىل خەۋەرلىشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىقى ئەينى ۋاقىت كىشىلىرىنى ئىزدىنىشكە مەجبۇرلاپ ، تۇرلار ئارقىلىق خەۋەرلىشىش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلىشىغا سەۋەبچى بولغان . چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەسىدە ھازىر تىم مەھەللىسىدىكى تىم ساقلىنىپ قالغان ، بۇلاردىن باشقا يېقىنقى ۋاقىتلارغىچە ئۇتام يېزىسىدا بىر قانچە يەردە ، ھازىرقى خەلق مەيدانىنىڭ ئورنى ( بۇرۇنقى 1 – باشلانغۇچ مەكتەپ ئىچى ) ، سايباغ مەھەللىسىدىكى قەبرىستانلىقنىڭ غەربىي شىمالى قاتارلىق جايلاردا تاكى يېقىنغىچە تۇرلار بولغان . مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ‹‹ دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك – تۈركىي تىللار دىۋانى ›› ناملىق ئەسىرىدە ، ‹‹ قارغۇي – تۇر ، تاغنىڭ تۆپىسىگە ياكى ئىگىز يەرگە مۇنار شەكلىدە ياسالغان تۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوت يېقىپ ، دۈشمەننىڭ كەلگەنلىگىدىن خەۋەر بېرىلىدۇ . شۇنىڭغا قاراپ كىشىلەر تەييارلىق قىلىدۇ ›› ( شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1984 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 3 – توم 332 – بەت ) دەپ يازغان . دۈشمەندىن ياكى چوڭ بىرەر سودا كارۋىنىدىن ئۇچۇر بولغان ھامان ، جاي – جايلاردىكى تۇرلارغا ئوت يېقىلىپ خەۋەر يەتكۈزۈلگەن . بۇ خىل ئۇسۇل ناھايىتىمۇ قەدىمىي بولۇپ كروران قەدىمكى شەھىرىنىڭ بەش كىلومېتىر غەربىي شىمالىدىكى تۇردىن تېپىلغان ياغاچنى خېمىيىلىك ئانالىز قىلغاندىكى يىل دەۋرى مۇندىن 4680 يىل بۇرۇن بولۇپ چىققان. مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا بۇ خىل خەۋەرلىشىش ئۇسۇلى ، چاقىلىق ناھىيىسىدە مۇندىن 5000 يىللار بۇرۇنلا قوللىنىلغان بولىشى مۈمكىن. ئات – ئۇلاق ئارقىلىق خەۋەر يەتكۈزۈشمۇ ناھايىتى قەدىمدىن كەلگەن بولۇپ بۇ ھەقتە مەھمۇد كاشغەرىي كۆپ ئۇچۇر قالدۇرغان. ‹‹ يۈگۈرگەن – خەۋەرچى ، پوچتىچى ، چىن سودىگەرلىرىنىڭ مۇسۇلمان شەھىرىگە كېلىۋاتقان كارۋانلىرىنىڭ خەت – خەۋەرلىرىنى ئالدىن يەتكۈزىدىغان خەۋەرچى ›› ( 3- توم ، 73 – بەت) . ‹‹ ساۋ – خەت ، خەت –چەك ، خەۋەرلەر ، رىۋايەتلەر . تامغالىدى – ئۇ خەت تامغىلىدى ، يەنى خەتكە خاننىڭ تامغىسىنى باستى ›› ( 3 – توم ، 211 - ، 482 – بەتلەر) . ‹‹ ئارقىش – خەۋەرچى . يۇرتىدىن يىراققا كەتكەن كىشىگە ئەۋەتىلىدىغان ئادەم ، بۇ سۆز خەت ، مەكتۇپ مەنىسىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ ›› ( 1- توم 147 – بەت ) . ‹‹ ئۇلاغ – بەگنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تېز يۈرۈدىغان پوچتىچىنىڭ بېكەتلەردە يەڭگۈشلەپ مېنىدىغان ئېتى ›› ( 1 – توم 164 – بەت ) . ‹‹ بۇت . بىر خخل قىممەتلىك يېشىل چەش بولۇپ ، ئۇلۇغلارنىڭ ئوغۇل قىزلىرى ماڭلىيىغا تاقايدۇ ... ئۇلۇغلارنىڭ سوۋغىسىنى ئېلىپ كەلگەن كىشىگە بېرىلىدىغان ئىنئام ( بۇت) ، مۇكاپات. بىر كىشىنىڭ سوۋغا قىلىپ ئەۋەتكەن ئېتىنى ئېلىپ كەلگەن كىشىگە بېرىلىدىغان تىللا ياكى قويغا ئوخشاش نەرسىلەرمۇ ‹ بۇت › دېيىلىدۇ›› ( 3 – توم 166 – بەت) . كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى ، ئەينى چاقىتتىكى خەۋەرلىشىش ئىشلىرى زامان تەلىۋى بويىچە ھەر خىل شەكىلدە ، ئۇسۇلدا يەتكۈزۈلگەن . ئەينى تارىخىي دەۋردىمۇ خەۋەرلىشىش ئىشلىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن . مۇتەپەككۈر يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ ‹‹ قۇتادغۇبىلىك ››نىڭ 2701 – بېيىتىدە ‹‹ كىشى ئەلدىن ئەلگە ئەۋەتۇر خەۋەر ، يازۇ بولمىسا سۆز نىچۈك سۆزلىنەر ›› دەپ يازغان . موڭغۇللار ھاكىمىيىتى دەۋرىدە لوپ ، كىتىك ( چاقىلىق تەۋەسىدىكى ئوتتۇرا ئەسىر شەھەرلىرى) قاتارلىق شەھەرلەردە دە رابات تەسىس قىلىنغانلىقى يېزىلغان. كۆپ سۆزلەش بىھاجەت ، چۈنكى قەدىمدىن بېرى خەۋەرلىشىش ئىشلىرى ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن داۋام قىلىپ كەلمەكتە. چاقىلىقنىڭ ئۇچۇرچىلىق تارىخىدىن ئېيتقاندا ، زامانىۋىي تېخنىكىلار – ئېلىكتىرونلۇق خەۋەلىشىش 20 – ئەسىرنىڭ 40 – يىللىرىدىن باشلانغان . جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلىشتىن بۇرۇن ، گومىنداڭ دەۋرىدە سىمسىز تېلىگىرامما ئاپىراتى بولغان بولسىمۇ ، ھەبىي ۋە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئىشلىتىشىدە بولغان . ئاۋام بۇ خىل زامانىۋىي تېخنىكىدىن پايدىلىنىش ئىماكانىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن . 1950 – يىلى چاقىلىق ناھىيىسىدە تېلىگىراف ئىدارىسى قۇرۇلغان ، بۇ ئىدارە قۇرۇلغاندىن كېيىن پوچتا كەسپىنى قوشۇمچە بېجىرگەن. 1952 – يىلى 6 – ئاينىڭ 1 – كۈنى پوچتا – تېلىگىراف ئىدارىسى قۇرۇلۇپ پوچتا – تېلىگىراف كەسپلىرى يولغا قويۇلغان. 1952 – يىلى 12- ئاينىڭ 1 – كۈنى ئۇيغۇرچە تېلىگىرامما كەسپى يولغا قويۇلۇپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تېلىگىرامما كەسپىدىن پايدىلىنىغا قولايلىق يارىتىلغان. جۇمھۇرىيەتنىڭ 1 – بەش يىللىق پىلانىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا ، كورلا بىلەن چاقىلىق ئارىسىغا سىمسىز ئۇزۇن يوللۇق تېلىفۇن ئالاقىسى كەسپى يولغا قويۇلۇپ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەتلىرىگە قولايلىق يارىتىلغان. 1958 – يىلىدىن باشلاپ يېزا – كەنتلەرگە تېلىفۇن سىمى تارتىلغان ۋە شۇ ۋاقىتتىكى بىر قىسىم كوممۇنا ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەترەتلىرىگە تېلىفۇن ئۇلانغان. 1960 – يىلى پوچتا – تېلىگىراف خادىملىرى تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ، چاقىلىقتىن مىرەن يېزىسىغا 76 كىلومېتىرلىق سىم لېنىيىسىنى تارتىپ چىققان. 1960 – يىلى 3 – ئايدا كورلا – چاقىلىق – چەرچەن ئۇزۇن يوللۇق تېلىفۇن سىمى لېنىيىسى قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ ، چاقىلىقتىن كورلا ۋە چەرچەن يۆنۈلۈشىدە سىملىق تېلىگىرامما ۋە ئۇزۇن يوللۇق تېلىفۇن كەسپلىرى ئېچىلىپ ، خەلقنىڭ خەۋەرلىشىشكە بولغان ئېھتىياجى قامدالغان. 1967 – يىلى دۆلەتنىڭ ئۇزۇن يوللۇق سىملىق 311 ئېلىكتىرون لامپىلىق يۈكلىمە دولقۇن كەسپى قۇرۇلۇشى باشلانغان . بۇ قۇرۇلۇش لېنىيىسى كورلا – چاقىلىق – چىڭخەي لېڭخۇ ؛ كورلا – چاقىلىق – چەرچەن يۆنۈلۈشىدە بولغان . چاقىلىق ناھىيىسى خەۋەرلىشىشنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولغانلىقتىن ، بۇ قۇرۇلۇشتا مۇھىم ئۇرۇندا تۇرغان . خەۋەرلىشىش ئاچىماق لېنىييىسىنىڭ تۈگۈنى بولغان چاقىلىقتا ئاپىرات پونكىتى تەسىس قىلىنغان ( ئورنى ھازىرقى جۇڭگو تېلىگىراف پاي ھەسسىدارلىق شېركىتى چاقىلىق سىملىق يوللاش تارماق ئىدارىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا ، چىلانزار ئولتۇراق رايونى - بىنانىڭ ئورنىدا ئىدى . ئەينى ۋاقىتتىكى خەلقارا ۋەزىيەت ۋە خەۋەرلىشىشنىڭ بىخەتەرلىك ئېھتىياجىدىن بىتوندىن ناھايىتى مەزمۇت قىلىپ يېرىم يەر ئاستىغا قۇرۇلغان . چىلانزار ئولتۇراق رايونى سېلىنغاندا چېقىۋېتىلدى) . 1968 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا چاقىلىق پوچتا تېلىگىراف ئىدارىسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى چاقىلىق يۈكلىمە دولقۇن ئاپىرات پونكىتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ ، شىنجاڭدىن ئىچكىرىگە ماڭىدىغان 2 – خەۋەر لېنىييىسى ئېغىزى ۋە قەشقەر – خوتەن – چەرچەن – چاقىلىق – كورلا – ئۈرۈمچى لېنىيىسىنىڭ مۇھىم تۈگىنى بولدى . 1990 – يىلىغا كەلگەندە ، چاقىلىقنىڭ خەۋەرلىشىش ئىشلىرىدىن ئېيتقاندا ، تېلىگىرامما لېنىيىسى بەش ، ئۇزۇن يوللۇق تېلىفۇن لېنىيىسى 9 ، يېزا تېلىفۇنى ئۇلاپ بەرگۈچىسى 80 توچكا ، شەھەر ئىچى ئۇلاپ بېرىش توچكىسى 200 گە يەتكەن . بۇ ۋاقىتلاردا پەقەت يېزا ، كەنت ، ئىدارە ئورگان ۋە مۇھىم رەھبىرى كادىرلارنىڭ ئۆيلىرىدە تېلىفۇن بولغان . بۇ ۋاقىتتا تېلىفۇنىست مۇلازىمەت قىلىپ تەلەپ بويىچە ئۇلاپ بېرەتتى ، چۆرىگۈچلۈك تېلىفۇن ئىشلىتىلەتتى. بۇ ۋاقىتتا چاقىلىقنىڭ تېلىگىراف ئىشلىرى ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا بولۇپ ، ئىچكىرىگە ۋە كورلا ، چەرچەن لېنىيىلىرىگە بارىدىغان ئالاقە تورىنىڭ بىخەتەرلىگى ، نورمال ئىشلىشىگە مەسئۇل ئىدى . خەۋەرلىشىشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېلىگىراف ئىدارىسىنىڭ تېخنىك خادىملىرى ئارغان كۈچەيتىش پونكىتى ۋە قىزىل قوغدىغۇچى ( مىرەندىن ئىچكىرىگە ماڭغان چاقىلىق – چىڭخەي كونا تاش يولىدا ، چاقىلىق بىلەن بولغان ئارىلىقى 140 كىلومېتىر ئىدى) كۈچەيتىش پونكىتلىرىنى ئاسرايتتى . چاقىلىق سىميول ئاسراش ئىدارىسى سىم لېنىيىسىنى ئاسراش قوغداش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدى. 1994 – يىلى چاقىلىق ناھىيىسى پوچتا تېلىگىراف ئىدارىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىناسى پۈتتى . شۇ يىلى 12 – ئاينىڭ 26 – كۈنى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغانHJD04 تىپلىق (مىڭ توچكىلىق) پېروگىراممىلىق كومىتاتۇر ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى . يېزا – كەنتلەرگىچە كابېل تارتىلىپ ، تېلىفۇن سىملىرى ئائىلىلەرگە كىرىشكە باشلىدى . بۇ ۋاقىتتا ئۇزۇن يوللۇق خەۋەرلىشىش لېنىيىسى يۈكلىمە دولقۇن ئاپىراتى بىلەن بولغانلىقى ، لېنىيە پەقەت 12 يول بولغانلىقتىن ، قاتناش قولايسىز ، چەت ياقا يۇرتىمىزنىڭ خەۋەرلىشىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىدى . تېلىگىراف تېخنىك خادىملىرىنىڭ كۆپ قېتىم يۇقۇرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى ئورۇنلارغا ئىلتىماس قىلىشى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ VSAT خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھ ئۈسكىنىسى كىرگۈزۈلدى ۋە 1996 - يىلى 9 – ئاينىڭ 23 – كۈنى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. سۈنئىي ھەمراھ ئۇزۇن يوللۇق يەتكۈزۈش سېستىمىسى ( سىرتقا چىقىش 15 لېنىيە ، كىرىش 15 لېنىيە ) ۋە يۈكلىمە دولقۇن ئۇزۇن يوللۇق يەتكۈزۈش سېستىمىسى ( سىرتقا چىقىش 9 لېنىيە ، كىرىش 10 لېنىيە) بىرلەشۈتۈرلۈپ قوللىنىپ ، ئۇزۇن يوللۇق تېلىفۇن لېنىيىسى كەمچىل بولۇش بېسىمى زور دەرىجىدە يېنىكلىتىلدى. تېلىگىراف خەۋەرلىشىش خادىملىرى چاقىلىقنىڭ ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ، يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورگانلارغا مەبلەغ ئىلتىماس قىلىپ ، جاپا چېكىشتىن قورقماستىن مۇشەققەتلىك ئىشلەپ، يېزا بازارلارنى تېلىفۇن تورىغا كىرگۈزۈش ئىشىغا ئاتلاندى. 1995- يىلى 8 – ئاينىڭ 2 – كۈنى مىرەن (36 – تۇەن)دە 256 توچكىلىق پېروگىراممىلىق كومىتاتۇر ئېچىلدى . شۇ يىلى يەنە يىتىمبۇلاق بازىرى ( چاقىلىق تاشپاختا كان رايونى)دا 128 توچكىلىق پېروگىراممىلىق كومىتاتۇر ئېچىلدى . شۇنداق قىلىپ 1995 – يىلىنىڭ ئاخىرى چاقىلىق ناھىيىسىدە ۋاششەھىرى يېزىسى ، تۆمۈرلۈك ، چىمەنتاغ يېزىلىرىدىن باشقا بارلىق مەمۇرىي يېزا – كەنتلەردە تېلىفۇن قاتناپ خەۋەرلىشىش قولايلاشتى. شۇ يىلى ناھىيە بويىچە تېلىفۇن ئومۇمىي سانى 870 كە يېتىپ ھەر مىللەت ئاممىسى تېلىفۇن ئىشلىتەلەيدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. 1995 – يىلى يەنە يىتىمبۇلاق بازىرى بىلەن بايىنغۇلىن تاش پاختا كان رايونى ( 36 – تۇەن كېنى ) يۇقۇرىي چاستوتىلىق ئاپرات ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلدى ، گەرچە تېلىفۇنلىشىش سۈپىتى تازا يۇقىرى بولمىسىمۇ، ئۇزۇن يوللۇق تېلىفۇننى بىۋاستە ئۇرالايدىغان بولدى. 1996 – يىلى 11- ئاينىڭ 9 – كۈنى چاقىلىق ناھىيە بازىرىدا سىمسىز چاقىرغۇ ئىستانسىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى ، چاقىلىقتىكى ھەر مىللەت ئاممىسى چاقىرغۇ ئىشىتىشكە باشلىدى. 1996 – يىلى 12 – ئاينىڭ 30 كۈنى ۋاششەھىرى يېزىسىدا HJD04RM پېروگىراممىلىق كومىتاتۇر قۇراشتۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، شۇنىڭ بىلەن ۋاششەھىرى يېزىسىنىڭ خەۋەرلىشىش ئىشلىرى زامانىۋىيلىشىش دەۋرىگە قەدەم قويدى . 1997 – يىلى شەھەر مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈش ، خەۋەرلىشىش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن 2 مىليون 735 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ يەر ئاستى كابېل لېنىيىسى قۇرۇلىشى قىلىندى . 4.5 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا يەر ئاستى كابىل لېنىيىسى قۇرۇلۇشى مۇشۇ يىلى تاماملاندى. شۇ يىلى 10 – ئايدا 700 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان مىرەن پوچتا – تېلىگىراف بىناسىنىڭ قۇرۇلۇشى پۈتتى. پوچتا – تېلىگىراف خادىملىرىنىڭ تىرىشىپ ئىشلىشى كەڭ خەلق ئامىسىنىڭ قوللىشى بىلەن خەۋەرلىشىش ئىشلىرى خېلى تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى . 1997 – يىلى دۆلەتنىڭ شىنجاڭدىن چىقىدىغان 2 – لېنىيە غول نۇر كابىلى قۇرۇلۇشى باشلاندى. بۇ يىلدىن باشلاپ چاقىلىقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان خەۋەرلىشىش ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ، زور مەبلەغ بىلەن تېخنىكا يېڭىلاش ، ئۈسكىنىلەرنى ئالماشتۇرۇش ئىشى باشلاندى. دەستلەپكى قەدەمدە چاقىلىق ناھىيە بازىرىغا گېرمانىيەنىڭ 3400 توچكىلىق EWSD ئاپىراتى قوراشتۇرۇلدى . ئارقىدىنلا مىرەن ، يىتىمبۇلاق بازىرى ، بايىنغولىن تاش پاختا كېنى قاتارلىق جايلارغا مۇشۇ تىپتىكى 944 توچكىلىق ئاپىرات قۇراشتۇرۇلدى. . 1998 – يىلى شىنجاڭدىن چىقىدىغان 2 – لېنىيە نۇر كابىلى ئىشقا چۈشكەن ھامان يۇقارقى ئاپىراتلارمۇ ئىشقا چۈشۈرۈلۈپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تېلىفۇن ئورنىتىشىغا قولايلىق يارىتىلىپ ، زور ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىلدى . گوۋۇيۈەننىڭ پوچتا بىلەن تېلىگىراف كەسپىنى ئايرىش قارارى بويىچە، 1998 – يىلى 10 ئاينىڭ 1- كۈنى پوچتا بىلەن تېلىگىراف كەسپلىرى ئايرىلدى، يېڭى ئىسلاھات بويىچە چاقىلىق ناھىيىلىك تېلىگىراف ئىدارىسى قۇرۇلدى .1998 – يىلى 12 – ئاينىڭ 24 – كۈنى بايىنغولىن تاشپاختا كان رايونىدا HJD04RM پېروگىراممىلىق كومىتاتور ( 256 توچكىلىق) ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى ، مەملىكەت بويىچە بۇ چوڭ تاشپاختا كان بازىسىمۇ بۇ زامانىۋىي ئۇچۇرچىلىق دەۋرىگە قەدەم قويدى. 1998 – يىلى 8 – ئايدىكى تېلىفۇن ئومۇملىشىش يېزىلاردا ھەر يۈز ئادەمگە 7.49دىن ، بازارلاردا 13.07دىن توغرا كەلدى. 1998 – يىلى 12- ئاينىڭ 19 –كۈنى گېرمانىيىدىن كىرگۈزۈلگەن EWSD پېروگىراممىلىق كومىتاتور ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى . بۇ ئاپىرات ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن سىغىمى 3000 توچكىدىن ئېشىپ ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ خەۋەرلىشىشكە بولغان ئېھتىياجىنى قامداشقا شارائىت ھازىرلاندى. 1998 – يىلى 12 – ئاينىڭ 19 – كۈنى شىنجاڭدىن چىقىدىغان 2 – لېنىيە نۇر كابىل قۇرۇلىشى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى . چاقىلىق ناھىيىسىدىكى تېلىگىراف ئۈسكۈنىلىرى سىملىق يوللاش ، سۈنىئىي ھەمراھ ئارقىلىق يوللاشتىن ئىشلىرىغا خاتىمە بېرىلىپ ، سۈپىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان نۇر كابىللىق يوللاش دەۋرىگە قەدەم قويدى. 1999 – يىلى 4 – ئايدىن باشلاپ چاقىلىق ناھىيىلىك تېلىگىراف پوچتا تېلىگىراف ئىدارىسى يۇقىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ ، يانفۇن كەسپىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن ئاپىرات ئورنىتىش بىلەن بىرگە تەييارلىق خىزمىتىنى پۇختا ئىشلىدى .7 – ئاينىڭ 30 – كۈنى چاقىلىق ناھىيىسىدە يانفۇن قاتنىدى ، بۇ يانفۇن ئاپىراتىنى چاقىلىق تېلىگىراف ئىدارىسى ئىشقا كىرىشتۈرگەن ، لېكىن گوۋۇيۈەننىڭ ئىسلاھات لاھىيىسىگە بىنائەن بىر ئايدىن كېيىن يېڭىدىن قۇرۇلغان جۇڭگو كۆچمە خەۋەلىشىش شېركىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى . يانفۇن ئاپراتلىرى چاقىلىق تېلىگىراف ئىدارىسى ئاپىرات بۆلىمىدە قويۇلۇپ ئۈچ يىلغىچە تېلىگىراف ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى ئاسرىدى. 1999 – يىلى جەنۇبنى قاپلاش نۇر كابىل لېنىيىسى قۇرۇلدى ، ۋاششەھىرى يېزىسىدا 944 توچكىلىق EWSD ئاپىراتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مىرەن ، يىتىمبۇلاق ، بايىنغولىن تاشپاختا كېنى قاتارلىق جايلاردىمۇ 944 توچكىلىق ئوخشاش ئاپىرات ئورنىتىلىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى . 2000 – يىلى يىراق يېزا قىشلاقلاردىكى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ خەۋەرلىشىش ئېتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ، چاقىلىق تېلىگىراف ئىدارىسى ناھىيە بازىرى ۋە ۋاششەھرى يېزىسىدا سىمسىز خەۋەرلىشىش ETS ئاپىراتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. شۇ يىلى تۆمۈرلۈك ۋە چىمەنتاغ يېزىلىرىنىڭ خەۋەرلىشىش ئىشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ، ئىسرائىلىيەنىڭ vsat ئاپىراتى كىرگۈزۈلۈپ قۇراشتۇرۇلدى ، شۇنىڭ بىلەن چاقىلىقنىڭ ئەڭ يىراق يېزىلىسى چىمەنتاغدىن تارتىپ بارلىق يېزا قىشلاقلىرىغىچە تېلىفۇن ئومۇملاشتى. چاقىلىق تېلىگىراف تارماق شېركىتى كەسكىن ۋە رەھىمسىز رىقابەت ئالدىدا ، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئارقىلىق ۋە قىسمەن يېڭى كەسپلەرنى يولغا قويۇپ ھاياتى كۈچىنى ساقلاپ كەلدى . دۇنيا تورلىشىپ كىچىككىنە كەنتكە ئوخشاپ قېلىۋاتقان مۇشۇ دەۋردە ، چاقىلىق خەلقىنىڭ دۇنياۋىي تور ئالاقەسىگە ماسلىشىشى ئۈچۈن ، ئاۋۋال تار بەلباغلىق تورغا چىقىش كەسپىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن ISDN ئارقىلىق تورغا چىقىشنى يولغا قويغان بولسا ، 2003 – يىلى 2 – ئاينىڭ 13 – كۈنى كەڭ بەلباغلىق تور ئۈسكىنىسى قۇراشتۇرۇشقا باشلىنىپ ، بىر ھەپتىدىن كېيىن رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، كەڭ بەلباغلىق تور كەسپىنى 2 – ئاينىڭ 21 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى . 2004 – يىلى كۈزدە ADSL كەڭ بەلباغلىق تور ئۈسكىنىسى ۋاششەھىرى ، مىرەن ، يىتىمبۇلاق بازىرى ، بايىنغولىن تاش پاختا كان رايونى قاتارلىق جايلاردىمۇ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. چاقىلىق تېلىگىراف شېركىتى چەت يېزا – قىشلاقلارنىڭ خەۋەرلىشى سۈپۈتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ، 2004 – يىلى 6 – ئاينىڭ 7 – كۈنى چاقىلىق ناھىيە بازىرى ۋە ۋاششەھىرى يېزىسىدا ETS ئاپىراتى ئىشقا كېرىشتۈرۈلدى. 2005 – يىلى يازدا چاقىلىق بازىرى ، ۋاششەھىرى يېزىلىرىدا 450D سىمسىز رەقەملىك خەۋەرلىشىش ئۈسكىنىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ ، ETS ئاپىراتىنىڭ ئورنىغا دەسسەتتى . ئۇتام يېزىسىنىڭ يىراق مەھەللىرىنىڭ خەۋەرلىشىش سۈپۈتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 2004– يىلى 6 – ئاينىڭ 7 – كۈنى ئۇتام يېزىسىدا ئاپىرات قۇراشتۇرۇلۇپ ئوڭشۇق ھالدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى . بۇ يەردىمۇ ھەر خىل سۈپەتلىك ئۈسكىنىلەر قۇراشتۇرۇلۇپ خەۋەرلىشىش سۈپىتى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى. خەۋەرلىشىش ئىشلىرىنىڭ بازارلىشىشى ۋە سوتسىيالىستىك بازار ئىقتىسادىغا ماسلىشىش ئۈچۈن ، 2004– يىلى 7 – ئاينىڭ 18 – كۈنى جۇڭگو تېلىگىرافى گۇروھ شېركىتى شىنجاڭ تېلىگىراف چەكلىك شېركىتى قۇرۇلدى . 2004 – يىلى گوۋۇيۈەننىڭ ئىسلاھاتى بويىچە ، سىمسىز چاقىرغۇ كەسپى جۇڭگو تېلىگىرافىدىن جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شېركىتىگە ئايرىپ بېرىلدى . شېركەت قۇرۇلغاندىن كېيىن ، شېركەت تۈزۈلمىسى يولغا قۇيۇلۇپ ئىسلاھات تەدبىرلىرى كۈچەيتىلدى . بىرلا تېلىگىراف شېركىتى مۇلازىمەت قىلىشتەك مونوپوللۇق بۇزۇپ تاشلاندى ، جۈملىدىن نوپۇسى 30 مىڭدىن ئاشمايدىغان بۇ كىچىككىنە ناھىيىدە جۇڭگو تېلىگىرافى شېركىتى ، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شېركىتى ، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى شېركىتى قاتارلىق ئۈچ شېركەت رىقابەتلىشىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى . يانفۇن باھاسىنىڭ چۈشىشى ، ئىشلىتىشتە قولايلىق بولىشى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن تەدىرىجىي ھالدا يانفون ئومۇملىشىشقا قاراپ يۈزلەندى . جۇڭگو تېلىگىرافى تىجارەت دائىرىسىدە يانفۇن كەسپى بولمىغانلىقتىن ، مۇقىم تېلىفۇن كەسپى بىلەن يانفۇن كەسپىگە رىقابەتكە چۈشتى . 2004 – يىلى 9 – ئاينىڭ 24 – كۈنى چاقىلىق ناھىيە بازىرىدا كىچىك زېرەك ئۈسكۈنىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. 2005 – يىلى 36 – تۈەننىڭ كالىيلىق تۇز كېنى ، كۆچمەنلەر ليەنى ۋە چەت ياقا رايونلىرىنىڭ خەۋەرلىشىشىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ETS ئاپىراتى ئېچىلدى . 2007 – يىلى كۈزدە مىرەندە 450D سىمسىز رەقەملىك خەۋەرلىشىش ئۈسكىنىسىنى قۇراشتۇرۇلدى . 2008 -يىلى 3- ئايدا شېركەت نامى جۇڭگو تېلىگىراف پاي ھەسسىدارلىق شېركىتى چاقىلىق شۆبە شېركىتى دەپ ئۆزگەرتىلدى . خەۋەرلىشىش تەرەققىيات كۆرسەتكۈچ جەدۋېلى تېلىفۇن كۆپىيىش ئەھۋالى 2002 – يىلى 1 - ئاي 5963 ( بىر بازار ئىككى يېزىدا 3133 ، ۋاششەھىرىدە 707، بايىنغولىن كاندا 467 ، يىتىمبۇلاق 191 ، مىرەندە 1465 تېلىفۇن بار ئىدى ( ئاممىۋىي تېلىفۇن مۇشۇنىڭ ئىچىدە ) 2003 – يىلى 1 – ئاي 6993 ( بىر بازار ئىككى يېزىدا 3696 ، ۋاششەھىرىدە 950، بايىنغولىن كاندا 462 ، يىتىمبۇلاق 199 ، مىرەندە 1686 تېلىفۇن بار ئىدى ( ئاممىۋىي تېلىفۇن مۇشۇنىڭ ئىچىدە ) 2004–يىلى 1 - ئاي 8456 ( بىر بازار ئىككى يېزىدا 4711 ، ۋاششەھىرىدە 1086، بايىنغولىن كاندا 505 ، يىتىمبۇلاق 189 ، مىرەندە 1965 تېلىفۇن بار ئىدى ( ئاممىۋىي تېلىفۇن مۇشۇنىڭ ئىچىدە ) 2005 – يىلى 1 – ئاي 9075 ( بىر بازار بىر يېزىدا 4390 ، ۋاششەھىرىدە 1146، بايىنغولىن كاندا 530 ، يىتىمبۇلاق 166 ، مىرەندە 2039 ، ئۇتام 804 تېلىفۇن، 590كىچىك زىرەك بار ئىدى ( ئاممىۋىي تېلىفۇن مۇشۇنىڭ ئىچىدە ) 2006 – يىلى 1 – ئاي 9703 ( بىر بازار بىر يېزىدا 4690 ، ۋاششەھىرىدە 1238، بايىنغولىن كاندا 603 ، يىتىمبۇلاق 174 ، مىرەندە 2132 ، ئۇتام 866 تېلىفۇن، 1193كىچىك زىرەك بار ئىدى ( ئاممىۋىي تېلىفۇن مۇشۇنىڭ ئىچىدە ) 2007 – يىلى 1 – ئاي چاقىلىق ناھىيىسىدە تېلىگىراف ئىدارىسى قۇرۇلغىنىغا 58 يىل بولدى ، شۇندىن باشلاپ بۇ كەسپ يوقلىقتىن بارلىققا كېلىپ ، چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى . بۇ جەرياندا جۇڭگو تېلىگىرافىنىڭ ئىككى تارمىقى بولغان چاقىلىق تېلىگىراف شۆبە شېركىتى ۋە چاقىلىق سىملىق يوللاش ئىدارىسىدىكى ھەر مىللەر ئىشچى خىزمەتچىلىرى نۇرغۇن قۇربان بېرىش ھېسابىغا تېلىگىرافنىڭ توغراقتەك يىقىلماس روھىنى نامايەن قىلدى . ‹‹ سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتماسلىق ›› تەمسىلى بويىچە ، ناھىيىمىزنىڭ خەۋەرلىشىش تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۆچمەس تۆھپىلىرىنى ، قەيسىرانە ، پىداكىرانە روھىنى ئەسلەش لازىم . چاقىلىق تېلىگىراف شېركىتىنىڭ ( 1950 – يىلى قۇرۇلغان تېلىگىراف ئىدارىسىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) خادىملىرى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ، خەۋەرلىشىش ئىشلىرىنى بەرپا قىلىپ خەلق ئاممىسى ئۈچۈن بەخت ياراتتى . بولۇپمۇ 1994 – يىلى 12 – ئاينىڭ 16 – كۈنى پېروگىراممىلىق كومىتاتۇر ئېچىلغاندىن بۇيان تەرەققىيات ناھايىتى تېز بولدى ، يۇقۇرىدا كۆرگىنىمىزدەك ، ئۇچۇرچىلىق ھەممە ساھەسىدىكى بوزلۇقلارنى ئاچتى . جاپالىق دەۋرلەردە مۇشەققىتىنى تارتىپ چاقىلىق ناھىيىسىدىكى كەڭ خەلق ئاممىسىنى سۈپەتلىك خەۋەرلىشىش شارائىتى ۋە ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى قاتنىشى قولايسىز ، چەت بىر ناھىيىنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇپ ، ئۇچۇرچىلىق قۇرۇلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ۋە مەنىۋىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ ساغلام ئىلگىرلىشى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ تۆھپىلەرنى قوشتى. تېلىگىراف شېركىتىنىڭ ئۆچمەس تۆھپىلىرىنى ئەسلەش بىلەن بىرگە ، سىملىق يوللاش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئەسلىمەي بولمايدۇ . چاقىلىق سىملىق يوللاش ئىدارىسى خادىملىرى 50 – يىللاردىن باشلاپ چاقىلىق – كورلا ، چاقىلىق – چەرچەن ، چاقىلىق – چىڭخەيگىچە بولغان سىم يول قۇرۇلۇشىنى ئىشلەش ، 90 – يىللارنىڭ ئاخىرىدىكى نۇر كابىل قۇرۇلۇشىنى ئىشلەش، ئاسراش ئىشلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ جاپا مۇشەققەتتىن قورقماس روھىنى نامايەن قىلدى . چاقىلىق سىملىق يوللاش ئىدارىسى شىمالدا ئارغاندىن چاقىلىققىچە ، چاقىلىقتىن ئەندىرگىچە ، چاقىلىقتىن ماڭلايغىچە بولغان سىم يول ۋە نۇر كابېلنى ئاسراپ كەلدى . سىملىق يوللاش ئىدارىسىدىكى تېلىگىراف خادىملىرى مەيلى بوران – چاپقۇن ، قارا يېغىن –كەلكۈن مەزگىلى بولسۇن خەۋەرلىشىشكە كاپالەتلىك قىلىش ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە كۈرەش قىلدى . چاقىلىق ناھىيىسىدىكى بارلىق تېلىگىراف خادىملىرى تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ، چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭلىرىغىچە خەۋەرلىشىش ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزدى . چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ يىراق جايلاردىكى ، قاراڭغۇ تاغلارنىڭ ئىچكىرىلىگىچە تېلىفۇن ئورناتتى . تېلىگىراف سىملىق يوللاش ئىدارىسىنىڭ تېخنىك خادىملىرى ئەڭ چەت ياقىلارغا بېرىپ vsat ئۈسكۈنىسىنى ئورناتتى. چاقىلىق تېلىگىراف شېركىتىنىڭ خادىملىرى نۇر كابىللىق ياكى سىملىق خەۋەرلىشىش ئىمكانىيىتى بارلىكى يەرلەرگە تېلىفۇن ئورناتتى. ئەلۋەتتە جۇڭگو تېلىگىرافىنىڭ يۇقارقىدەك نەتىجىلىرى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ توغدرا رەھبەرلىەى ۋە قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ، ھەر دەرىجىلىك تېلىگىراف شېركەتلىرىنىڭ خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرىشى ، قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ئارقىسىدا بولدى. جۇڭگو تېلىگىرافىنىڭ ئىككى تارمىقى چاقىلىق تېلىگىراف شېركىتى بىلەن چاقىلىق تېلىگىراف سىملىق يوللاش ئىدارىسى چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزچمنەس تۆھپىلەرنى قوشۇپلا قالماستىن ، دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە لېنىيىسى ، دۆلەتنىڭ ئۇچۇر غول لېنىيىسى شىنجاڭدىن چىقىدىغان 2 – لېنىيەنىڭ بىخەتەرلىگى ۋە راۋانلىقىغا كاپالەتلىك ، دۆلەتنىڭ چوڭ – چوڭ ئىشلىرى ۋە بىخەتەرلىگى ئۈچۈنمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشتى . دۆلەتنىڭ ھەر قېتىملىق سۈنئىي ھەمراھ قۇيۇپ بېرىشى ۋە باشقا نۇقتىلىق خىزمەتلىرىگە كاپالەتلىك قىلىپ يۇقۇرى دەرىجىلىك رەھبەرلىكنىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشتى. تارىمنى ئوراش ( جەنۇبىي شىنجاڭنى قاپلاش) سىميول لېنىييىسى ۋە نۇر كابېل لېنىيىسى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيە – خەلقنىڭ خەۋەرلىشسىش ئېھتىياجىنىمۇ قاندۇردى. قىسقىسى ئېيتقاندا، تېلىگىراف خادىملىرى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن خەۋەرلىشىش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ، ئىقتىسادىي ، مەنىۋىي قۇرۇلىشى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشتى ۋە قوشماقتا.
|