新疆若羌
中文版 بايىنغۇلىن ئوبلاسلىق ھۆكۈمەت تورى شىنجاڭ ھۆكۈمەت تورى مەركەز ھۆكۈمەت تورى ساقلىۋېلىڭ باش بەت قىلىۋېلىڭ
بۈگۈن:
    ھازىرقى ئورنىڭىز:باش بەت > چاقىلىققا نەزەر > چاقىلىققا نەزەر
           
 

كىروران قەدىمي شەھىرى

 
     〖 〗   

---ماقالە ئاپتورى: يۈسۈپ يۈسەن---

   

       كىروران قەدىمىي شەھىرى(كىروران دۆلىتى -يەنى كۇن ئىمپېرىيىسى ) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنڭ چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەسىدىكى لوپنۇر كۆلىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان.قەدىمدە ھاۋاسى مۆتىدىل ،سۇيى مول ،مۇھىتى بوستانلىق ،يەرلىرى مۇنبەت بۇلۇپ بوغداي تېرىللاتتى .چارۋابېقىلاتتى ،كىگىز،گىلەم ئىشلەپ چىقىرلاتتى .يۇڭ رەخت تۇقۇلاتتى ،تېرە ئاشلاپ كۆن -خۇرۇم ئىشلىنەتتى .ئاھالىلىرى كۇن ئىلاھىغا چوقۇناتتى .ئۇستىگە كۇننىڭ سۇرىتى چۇشۇرۇلگەن جەڭ بايرىقى تۇتاتتى .يۇڭدىن تۇقۇلغان كىيىم ۋەقۇش پەيلىرى قادالغان ئۇچلۇق توماق كېيەتتى .كىروران قەدىمىي شەھىرى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربى رايونغا بېرىشتىكى مۇھىم ئۆتەڭ بۇلۇپ ،شەرىق-غەرپ مەدەنىيەت ئالاقىسى تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان ،كىيىنچە  قۇرۇپ كېتىش سەۋەبىدىن غايىپ بولغان.تارىخىي ھۆججەت ۋە ماتىرىياللار دا      كىروران قەدىمىي شەھىرىنىڭ ئورنى ھەققىدە ئېنىق خاتىرە بولمىغاچقا ،كىشىلار نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان  كىروران قەدىمىي شەھىرىنىڭ  سىرىنى ئېچىشنىڭ ئامالىنى تاپالماي ،تارىختىكى سىرلىق تېپىشماققا ئايلانغان.

       1 190-يىلى شىۋېتسىيىلىك ئېكىسپېدتسىيىچى سېۋېن ھېدىن لوپنۇر كۆلىنىڭ غەربى قىسمىنى تەكشۇرۇش جەريانىدا ،غايەت زور بۇددا مۇنارى ۋە زىچ جايلاشقان ئاھالىلار ئولتۇراق ئۆي خارابىلىرىنى بايقىغان،كىيىنچە ئارخېئولوگىيلىك قېزىش ئارقىلىق بۇ  جايىنىڭ نەچچەمىڭ يىلنىڭ ئالدىدا يوقاپ كەتكەن كىروران قەدىمىي شەھىرى ئىكەنلىكنى دەلىللىگەن . 

          كىروران قەدىمىي شەھىرى قائىدىسىز چاسا شەكىلدە سېلىنغان بۇلۇپ ،شەرقىي شەھەر سېپىلىنىڭ ئۇزۇنلىقى 333مېتىر ،جەنۇبىي شەھەر سېپىلىنىڭ ئۇزۇنلىقى 329مېتىر ،غەربىي ۋە شىمالىي شەھەر سېپىلىنىڭ ئۇزۇنلىقى 327مېتىر ،شەھەر سېپىلىنىڭ ھەممىسى سوقما تام بىلەن قۇپۇرۇلغان .جەنۇبىي ۋە غەربىي شىمالىي  شەھەر سېپىلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىردىن يوچۇق قۇيۇلغان بۇلۇپ ،جەنۇب ۋە غەربىىي شىمال تەرەپتىكى شەھەر دەرۋازىسى بۇلۇشى مۇمكىن.غەربىي شىمال تەرەپتىكى شەھەر دەرۋازىسىنى ھازىرمۇ ئېنىق پەرىق ئەتكىلى بۇلىدۇ.

         كىروران قەدىمىي شەھىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئىگىز قۇرۇلۇش شەھەرنىڭ شەرقى قىسمىغا جايلاشقان ئىگىزلىگى 10.4مېتىر كىلىدىغان بۇددا مۇنارى ؛ئەڭ ئۆزگىچە قۇرۇلۇش خارابىسى شەھەرنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئۈچ ئېغىز ئۆي خارابىسى ؛شەھەرنىڭ ئەتراپىدا يەنە بەزى ياغاچ ،يۇلغۇن ، قۇمۇچتىن ياسالغان ئاھالىلار ئولتۇراق ئۆيلىرى قاتارلىقلارنىڭ خارابىسى ،تۇر خارابىسى ۋە قەدىمي قەبرىستانلىقلار بار.

   
无标题文档
     
  باشقۇرغۇچى ئورۇن :شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك خەلىق ھۆكۈمىتى

ئۈستىگە ئالغۇچى ئورۇن:شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى

(ئالاقىلىشىڭ :7102165 (0996