يۈسۈپ ئىگەمبەردى 1. « كرورەن » ئېلىنىڭ خاراب بولۇشى كرورەن ----- بەش – ئالتە مىڭ يىللىق ئاھالىلەر ياشىغانلىق ئىزنالىرى مەۋجۇت بولغان[1] ھازىرقى ش ئۇ ئا ر لوپنۇر كۆلىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى شەرقىي مېرىدىئان // 2 55 89 ، شىمالى پاراللېل // 55 29 40 كە توغرا كېلىدىغان خارابىنى بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن قەدىمىي دۆلەت نامى ، مەزكۇر خارابىدىن تېپىلغان قارۇشتى يېزىقىدىكى پۈتۈكلەردە مەزكۇر ئەلنىڭ نامى « krorain» مەزكۇر ئەلنىڭ ۋەيران بولغان ۋاقتى خەنزۇچە تارىخىي يازمىلاردا مىلادىيە 4- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن باشلانغان دېيىلىۋاتىدۇ. لېكىن ئاخىرقى قېتىم پۈتۈنلەي تاشلاندۇققا ئايلىنىپ قالغانلىقى ياكى پۈتۈنلەي خاراب بولغانلىقى ھەققىدە جۇڭگولۇق ، چەتئەللىك تەتقىقاتچىلار ھەرخىل قىياسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان بولۇپ، ئاساسلىقى ئالتە خىل بار.ئۇلار: 1.ستەيىن: كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى؛ 2.خوشەن: سۇ يولىنڭ ئۆزگىرىشى ؛3.خۇاڭ ۋىنبى(黄文弻): يىپەك يولىنىڭ ئۆز يولىنى ئۆزگەرتىشى ؛ 4.ۋاڭ بىڭخۇا(王炳华): ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلۇشى ؛ 5.لىن مېيسۈن(林梅村): ياتلارنىڭ تاجاۋۇزى ؛ 6. مەلۇم بىر كىشى: يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ تارقىلىشى[2]بۇ ئالتە خىل قاراش ئىچىدە يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ تارقىلىشى بىلەن خاراب بولغان دېگەن قاراش «سېھرىي رايون قۇرىغار: ش ئۇ ئا ر ھەققىدە ئويلىنىش ۋە رومانتىكلار »ناملىق كىتابنى يازغان جاڭ خۇينىڭ ئۆز قارىشى بولۇشى مۇمكىن: بۇ ئالتە خىل قاراش ئىچىدە پۇت تىرەپ تۇرالايدىغىنى خۇاڭ ۋىنبى ئوتتۇرىغا قويغان يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشى ۋە يىپەك يولىنىڭ ئۆز يولىنى ئۆزگەرتىشى ۋە لىن مېيسۈن ئوتتۇرىغا قويغانياتلارنىڭ تاجاۋۇزىدۇر. كرورەن ئېلىدىكىلەر سوپىسلارنىڭ موداخىلىلىرىگە ئۇچرىغان ، ۋەيران بولۇش ئالدىدا باشقىلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. قوشنىلارنىڭ موداخىلىسىمۇ كرورەن ئېلىدىكىلەرنىڭ خاراب بولۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولالايدۇ.يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشىدىن بۇرۇن پارلاق مەدەنىيەت، يۇقىرى ئىگىلىك ياراتقان كرورەنلىقلار ئۆزلىرىنىڭ يىراق ۋە يېقىندىكى شەرق ،غەرب قوشنىلىرى ياراتقان ئىگىلىكنىڭ ئىستېمالچىسىغا، مەھسۇلاتلىرىنىڭ توشۇمچىسى، ھايانكەش سودىگەرلىرىگە ئايلانغان .سۋېن ھېدىن(1952-1865)كرورەن خارابىسىنىڭ 13 يېرىنى قېزىپ بۇ خارابىلەرنىڭ بەزىلىرىدىن خەن،ۋىي سۇلالىسى ۋە قەدىمكى يۇناننىڭ پۇللىرىنى تاپقانلىقى پىكىرىمىزنىڭ دەسلەپكى ئىسپاتى بولالىسا ،تېخى قېزىپ،تەتقىق قىلىنىپ بولالمىغان ماددىي بۇيۇملارنىڭ قېزىلىشى،تەتقىق قىلىنىشى مەزكۇر پىكىرىمىزنى تېخىمۇ ئېنىق يەكۈنگە ئىگە قىلىدۇ. ئىلگىرىكى تەتقىقاتچىلار قىياس قىلغاندەك يىپەك يولى ئۆز لىنىيىسىنى ئۆزگەرتكەندە ياتلارنىڭ ئىگىلىكى ئاسارىتىدە ياشاۋاتقان كرورەنلىقلار كرورەن گۈزىلى دەۋرىدىكى ئۆزئىگىلىكىنى تىكلەشكە،پارلاق مەدەنىيىتىنى قايتا يارىتىشقا قادىر بولالمىغان. بۇنىڭغا يەنە ياتلارنىڭ موداخىلىسى قوشۇلۇشى بىلەن كرورەنلىقلار ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۆت ئەتراپقا كۆچۈشكە باشلىغان.«كرورەن » دۆلىتى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 77-يىلى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە قوماندان خوگۇاڭ (霍光) [3]ئۆلۈتچى فۇجىيېزىنىڭ (傅介子)ھەمراھلىرى بىلەن كرورەن خاقانى ئامگوكانى خەنجەر بىلەن ئۆلتۈرىدۇ. [4] ھەمدە فۇجىيېزى ئامگوكانىڭ ئىنىسى ۋېتىگوتنىڭ خان بولىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ. ئەنگوكانىڭ ئىنىسى ۋېتىگوت بۇ ۋاقىتتا تېخى خەن سۇلالىسىنىڭ ئوردىسى چاڭئەندە ئىدى(بارىمتاي ئىدى --مۇئەللىپتىن). پادىشاھ خەن جاۋدى كرورەننىڭ پايتەختىنى جەنۇبقا يۆتكەپ دۆلەت نامىنى پىشامشانغا ئۆزگەرتىشنى بەلگىلەيدۇ. ۋېتىگوت چاڭئەندىن يولغا چىقىشتىن ئاۋۋال خەن سۇلالىسى ئوردىسى ئۇنىڭغا تامغا ئويۇپ بېرىدۇ. ئۇ يولغا چىققاندىن كېيىن خەن ئوردىسىنىڭ نەچچە يۈز ۋەزىر، سانغۇنى شەھەر دەرۋازىسىغىچە ئۇزىتىپ قويىدۇ. ۋېتىگوت كرورەنغا كەلگەندىن كېيىن ئەسلىدىكى كروران خانى تەرەپدارلىرىنىڭ كونتروللۇقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن پۇقرالىرىنى ئەگەشتۈرۈپ جەنۇبقا كۆچۈپ كېتىدۇ.[5]. لېكىن يەنە بەزى خەلقى ئاز سانداباربولۇشى مۇمكىن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن خاراب بولۇشقا باشلىغان ھەمدە لوياڭ دەۋرىگە كەلگەندە تارىخىي يازمىشلاردا كۆرۈلمەي قالغان. قالغان بەش خىل قىياسنى ئاساسەن ئانچە مۇھىم بولمىغان قىياس دېيەلەيمىز. چۈنكى قالغان بەش خىل قىياس بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەبىئىي ، ئىجتىمائىي ھادىسىلەر دىيارىمىزنىڭ باشقا يەرلىرىدىنمۇ تالاي قېتىم يۈز بەرگەن . 2. «كرورەن » ۋە «كلوران » «كرورەن »نىڭ خەنزۇچە楼兰 نامى جۇڭگونىڭ قەدىمكى يازمىشلىرىدىن «تارىخىي خاتىرىلەر»دە باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى176-يىلى خەن سۇلالىسى خانى خەن ۋۇدىغا يازغان مەكتۇپىدا «روران،ئۇيسۇن ،ئوغۇز ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى 26ئەل تىنجىتىلىدى ، ھەممىسى ھونلارغا تەۋە بولدى، بارچە ئوقيا تۇتقان خەلق بىر ئائىلە بولۇپ ئۇيۇشتى »[6] دېگەن بايان بىلەن ئۇچرايدۇ. چۈنكى«كرورەن » ھونلارنىڭ دىيارىمىزدىكى ئاشلىق يازمىلىرىنىڭ بىرى ئىدى.غەربنىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرىدىن بىز جۇڭگونىڭ قەدىمكى يازمىشلىرىگە ئوخشاشلا «كرورەن » گە مۇناسىۋەتلىك يازمىشلارنى تاپالايمىز. مىلادىيە 2- ئەسىردە ياشىغان يۇنانلىق جۇراپىيون پتولېمى(تەخمىنەن 90-168) «جۇغراپىيە » ناملىق ئەسەردە" كرورەننى khauranai دەپ خاتىرىلەنگەن .پتولېمىيىنىڭ يازمىشىغا بۇ نام يىپەك يولىدا سودا قىلىدىغان سوغداقلارنىڭ يۇنانغىچە بارغانلىقىدىن كەلگەن دېيىلىۋاتىدۇ. ستەيىن «كرورەن » بۇ نامنى بىرەر خاقاننىڭ نامى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان. كرورەندىن تېپىلغان قارۇشتىچە ۋەسىقىلەردە دائىما kroraina ھالىتىدە ئۇچرىغان بۇ سۆز جۇڭگونىڭ 24 تارىخىدا 楼兰 دەپ خاتىرىلەنگەن بولۇپ كرورەننىڭ قەدىمكى ئاھالىسىنىڭ قەدىمكى توخرى (ياۋچى) دىئالېكتىدا سۆزلەيدىغانلىقىدىن كەلگەن دېگەن قاراشلار ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. خەتتات موللا مىرسالىھ كاشغەرىي(18-ىەسۈر) كۆچۈرگەن «چىڭگىزنامە» ناملىق ئەسەردە «چىڭگىزخان تامامى موغۇلىستان ، قارا قۇرۇم ۋە كلورانكى پايتەختى موغۇلىستان ئىدى»[7]، « ئۆزىنىڭ تەختىگاھى قاراقۇرۇم كلوراننى ئوكتايخانغە بەردى» دەپ يېزىلغان بولسا، موللا مۇسا سايرامىي(1836--1917) چىڭگىزخان ھەققىدە توختىلىپ « چىڭگىزخان تارىخنىڭ 598- يىلى ( مىلادىيە 1201--1202 ) پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇردى پايتەختى قارا قۇرۇمدىكى « كۇرۇلۇن » دېگەن يەردە ئىدى[8]. « ئۇنىڭ پايتەختى قارا قۇرۇم دېگەن جايدىكى «كلوران » دەرياسىنىڭ بويىدا ئىدى. ھازىر بۇ جاينىڭ ئېنىق نىشان ۋە ئورنى قالماقلاردىن باشقىلارغا مەلۇم ئەمەس »[9]. ھالبۇكى ،ئۇيغۇر خەتتاتى موللا مىرسالىھ كاشغەرىي كۆچۈرگەن «چىڭگىزنامە » دە، موللا مۇسا سايرامىي «تارىخى ھەمىدىي » دە بۇ يەر نامىنى «كلوران » دەپ تىۋىشلىما قىلغان يەر نامى دىيارىمىزدىكى «كرورەن » ئەمەس . «كلوران » ھەققىدە موڭغۇللار ھەققىدە يېزىلغان ئەدەبىي ئەسەرلەردىن مىسال ئېلىشقا بولىدۇ:مىسال: ئەستە تۇرسۇن، موڭغۇل ئېلى،سەھرالار. ئالتۇن ئونون،كېرولاندەك دەريالار، ئەستە تۇرسۇن، توقسان ئاسىي قەبىلە، چەيلەپ ئۆتتۈك، بولدى راسا رەسۋالار. [10] روشەنكى «كلوران » دېگەن نام «كرورەن » سۆزىنىڭ تاۋۇش ئۆزگىرىشىدىن كەلگەن دېيىش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، گەرچە بۇنداق «ر » بىلەن « ل » نىڭ ئالمىشىشى قەدىمكى كروانلىقلار تىلىدا ،خاقانىيە ئۇيغۇر تىلى ۋە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەۋرىدىن ھازىرقى ئۇيغۇر تىلىغا كۆچۈش دەۋرىگىچە تىلىمىزدا ئىزچىل يۈزبەرگەن فونېتىكىلىق ھادىسە بولۇپ ، قانۇنىيەتلىك مىساللار تۆۋەندىكىچە بولسىمۇ ؛ قەدىمكى تىلىمىزدىن ھازىرقى تىلىمىزغىچە «ر » نىڭ « ل » ئالمىشىش ھادىسىسىگە مىساللار ، (چاغداشلىق بويىچە)؛ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا ئىربىس يىلپىز كۈر كۈل( شانۇ -شەۋكەتلۈك) قەدىمكى تىلىمىزدىن ھازىرقى تىلىمىزغىچە «ر » نىڭ « ل »غا ئالمىشىشىغا مىساللار، (ئۆتكۈنلۈك بويىچە)؛ خاقانىيە ئۇيغۇر تىلىدا ھازىرقى ئۇيغۇر تىلىدا تىراس ( يەرنامى ) تالاس كرورەن ۋەسىقلىرى تىلىدا ھازىرقى ئۇيغۇر تىلىدا Kara~kala قارا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «بۆرە » سۆزىمۇ ئەسلى ئىپتىدائىي ئۇگىر -فىنچە بولۇپ werkas تەلەپپۇز قىلىنغان[11].قەدىمكى تاۋۈشتا تىلىداvehrka،قەدىمكى فارس تۈلۈداvrkana،ىۈدۈن–ساك تىلىداbirgga،ىوسەيت تىلىداberär birarبولغان. قەدىكى ئۇيغۇر تىلدىكى «بۆرى» سۆزى ئىپتىدائىي ئۇگىر -فىنچە تىلدىكىwerkasھالىتىدىن سوغدى تىلىغا wyrk بولغان [12]. سلاۋىيان تىللىرىغا «BOлK » ھالىتىدە ئۆزلەشكەن. بۇ سۆزنىڭ رۇس تىلىغا كىرگەندىكى ھالىتىدىمۇ «ر»نىڭ «ل» غا ئالمىشىش ھادىسسى يۈزبەرگەن . چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا، (چاغداشلۈق بويىچە)؛ قارتاق قالتاق[13] بارۈكۆل بالەكۆل[14] چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىداۋە ھازىرقى ئۇيغۇر تىلىدا (ئۆتكۈنلۈك بويىچە)؛ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا ھازىرقى ئۇيغۇر تىلىدا دانىيار دانىيال سەير سەيلە تۇران دولان قارار قەرەل تەفسىرات تەپسىلات تار تال چىرلا- چىللا- بۇندىن سىرت ش ئۇ ئا ر يەر نامىلىرىدىن مىسال ئالساق ، قەشقەرشەھرىنىڭ شىمالىدىكى «ئۈچ بۇرخان» بۇددا خارابىسى جايلاشقان تاغ قەدىمدە «قۇمارتاغ »دېيىلىدىغان بولۇپ ھازىر«قۇمالتاغ »دېيىلىۋاتىدۇ. «ر»نىڭ،«ل»غا نۆۋەتلىشىش ھادىسىسى تىلىمىزدا يەنە شېۋە ، يەرلىك تەلەپپۇزلاردىمۇ ئۇچرايدۇ .چاغداشلىق بويىچە ھازىرقى قەشقەر تەلەپپۇزدىن مىسال ئېلىپ كۆرەيلى : ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلدا قەشقەر تەلەپپۇزدا ئۇچراپ ئۇچلاپ سەكرەپ سەكلەپ چاچراپ چاچلاپ ئۇزارتماق ئۇزالتماق چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى ئورتاق ئىشلەتكەن ئۆزبېك ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھازىرقى ئورتاق سۆزلىرىدىمۇ ، «ر» بىلەن ، «ل»نىڭ ئالمىشىش ھادىسىسى ئۇچرايدۇ. مەسىلەن : ئۆزبېك تىلدىكى «كوكىمتىر، قارامتىر »سۆزلىرى ھازىرقى ئۇيغۇر تىلدا «كۆكۈمتۈل،قارامتۇل »تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. «چىڭگىزنامە » ،«تارىخى ئەمىنىيە »،«تارىخى ھەمىدىي »دە تىلغا ئېلىنغان ، «كلوران»دېگەن يەر دىيارىمىزدىكى «كرورەن »نامىنىڭ «ر»نىڭ «ل»غا ئۆزگىرىشى بىلەن پەيدا بولغان نام ئەمەس،«كلوران»بولسا موڭغۇل تىلىدا «قارا كېرۇلېن »بولۇپ «موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى»،«ساناڭچىجېن پۈتۈكى»(萨囊彻辰书) دە ئېنىق بايانلار بىلەن ئۇچرايدۇ.«يۈەن سۇلالىسى تارىخى»دا«怯绿连» دېيىلگەن.كېيىن خەنزۇچىدە 哈拉和林 ۋە 和林 يېزىلغان. ئوكتاينىڭ 9- يىلى يەنى مىلادىيە 1235- يىلى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغان. ئوكتاي مەركەزنى جەنۇبقا كۆچۈرگەندە قاراقۇرۇلۇندا ئايغاقچى (ھۆدەيچى) مەھكىمىسى ئەمىرلەشكەرگاھى قۇرغان، كېيىن قاراقۇرۇلۇن يول باشقۇرۇش باش مەھكىمىسىنى تەھسىىس قىلغان.يۈەن سۇلالىسى دادېخان(大德)نىڭ 11- يىلى يەنى مىلادىيە 1307-يىلدىن كېيىن چۆللۈكنىڭ شىمالى (岭北) ۋاقىتلىق دىۋان ۋازارىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. يۈەن سۇلالىسى خاراب بولغاندىن كېيىن شىمالىي يۈەن سۇلالىسى كۈچلىرىنىڭ سىياسىي پائالىيەت مەركىزى بولغان. 1948- 1949- يىلى خارابىسى سابىق س س س ر لىك ،موڭغۇلىيىلىك ئارخېئولوگلارتەرىپىدىن قېزىلغان . «قارا قۇرۇلۇن »نىڭ «كىلوران »غا ئۆزگىرىپ قىلىش ھادىسىسى ھازىرچە بىزگە «چىڭگىزنامە » ، «تارىخى ئەمىنىيە »، «تارىخى ھەمىدى »دىن بۇرۇن خۋاجە راشىدىن فەزلۇللاھ(1247-1318 )نىڭ « جەمئىيئۇل تەۋارىخ»دە «كېلوران »،«كېلورەن »ھالىتىدە ئۇچراش بىلەن مەلۇم بولىدۇ. 3. «كرورەن » سۆزىنىڭ مەنىسى ھەققىدە «كرورەن » سۆزى بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشى بويىچە قارۇشتىچە يېزىقتا خاتىرىلەنگەن بولۇپ «تۇپراق، يەر، زېمىن »[15]دېگەن مەنانى بېرىدۇ.بۇ نامنى ھىندىستانلىقلار قويغان ئىمىش. بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىدا «بالىق ، شەھەر »دېگەن مەنانى بېرىدۇ. [16] دېيىلگەن. بىز سىتەيىن(1862-1942)نىڭ «كرورەن »سۆزى پادىشاھنىڭ ئىسمى بولۇش مۇمكىن دېگەن قىياسى ھەققىدە يۇقىرىدا قەيت قىلدۇق.تەتقىقاتچى فېڭ چېڭجۈن(冯承均) بولسا «كرورەن » دېگەن سۆزنىڭ قەدىمكى خەنزۇ تىلىدىكى楼兰 نامىنىڭ لوپنۇر كۆلىنىڭ قەدىمكى خەنزۇ تىلىدىكى نامىنىڭ牢兰海 بولۇشىدىن كەلگەن دەپ قارايدۇ. فېڭ چېڭجۈن(冯承均)نىڭ قارىشىچە بولغاندا «كرورەن »دېگەن سۆز ھازىرقى تارىم دەرياسىنى «ئۇيغۇر»دەرياسى دەپ قەيت قىلغان يۇنان جۇراپىيونى پتولېمى(تەخمىنەن 90-168)نىڭ مەلۇماتىغا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. دېمەك ،تەتقىقاتچىلارنىڭ «كرورەن »نامىنىڭ بىلدۈرگەن مەنىسى ھەققىدىكى قارىشى ھازىرغىچە تۆت خىل ، بىرلىككە كەلمىگەن. «كرورەن »نامى تا ھازىرغىچە توخرى يېزىقىدىكى ساكچە سۆز دېيىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بىز تېزرەك بىرلىككە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. كرورەنلىقلارنىڭ كرورەن خارابىسىدىن تېپىلغان شۇ يەرلىك قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ تىلىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەسىقلەردىمۇ «ك »بىلەن «ق »نىڭ ئالمىشىش ھادىسىسى بار. ئۇيغۇر تىلىدىكى رەڭ نامى «قارا» كرورەن خارابىسىدىن تېپىلغان ۋەسىقلەردە khara,(ara?)~kala [17]ھالىتىدە ، «قاغان »سۆزى khvani~ kuhani [18] khuvanemci ھالىتىدە ئۇچرايدۇ. بۇ مىساللاردىكى «قارا »سۆزىدىكى «ر»نىڭ «ل» ئالمىشىپ kala ھالىتىدە ئۇچرىشىمۇ بىزنىڭ «كرورەن » باشقا نام «كلوران »، «ر»نىڭ «ل» بىلەن ئالمىشىش ھادىسسىنى بىز تۈركىي تىلنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن بولغان دېسەك بولىدۇ. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا سۆزنىڭ بوغۇم بېشىدىكى «ك» بىلەن «ق» نىڭ ئالمىشىش ھادىسىسى بار. مەسىلەن : «كارىز » سۆزىنىڭ يىلتىزى «قاز-» دېگەن سۆز بولۇپ «قازماق » تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. «كېلوران»مۇ «قۇرۇلۇن» ھالۈتۈگە كەلگەن.«كاشغەر» سۆزى «قەشقەر، قاشقا: ، قەشقا: »دېگەن تەلەپپۇزدا چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ئۇچرىغان . «ق»بىلەن «ك »ننىڭ ئالمىشىش ھادىسىسىنى پۈتكۈل ئورال –ئالتاي ،تۈركىي تىللار مەۋقەسىدە تۇرۇپ ئىزدەيدىغان بولساق تېخىمۇ كۆپ مىساللارنى ئۇچرىتالايمىز. مۇشۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا «كرورەن »نى «قروران» دەپ تەلەپپۇز قىلىنغان ئەھۋالمۇ بارمۇ قانداق؟ بۇمۇ ئىزدىنىشكە ئەرزىيدۇ. پايدۈلانماۋەىۈزاھاتلار : [1] ئا.مۇھەممەتئىمىن:«قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا »، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 2002-يىل 3-ئاي ئۇيغۇرچە 1- نەشىر 1- بېسىلىشى، 241- بەت؛ [2] جاڭ خۇي: «سېھرىي رايون قۇرىغار: ش ئۇ ئا ر ھەققىدە ئويلىنىش ۋە رومانتىكلار » ، بېيجىڭ يېڭى دۇنيا نەشرىياتى، 2005- يىل 7-ئاي خەنزۇچە 1- نەشرى 1- بېسىلىشى، 104-، 105-،106- بەتلەر؛ [3]خوگۇاڭ---(霍光)تەخەللۇسى زىمىڭ) (子猛،خەن ۋۇدىنىڭ يۈەنگۇاڭ يىللىرىدا تۇغۇلغان.خەن شۈەندىنىڭ جيې ئېر ئىككىنچى يىلى(مىلادىدىن ئىلگىرىكى 68-يىلى )ئۆلگەن .قەدىمكى خېدوڭ ((东河رايونىنىڭ پىڭياڭ(平阳)يەنى ھازىرقى شەنشى (山西)ئۆلكىسىنىڭ لىن فىن(临汾) شەھرىلىك .ئۇ خەنۋۇدىغا 30يىلغا يېقىن ئەگەشكەن.خەن ۋۇدى زامانىسىدا مۇھىم مەسلىھەتچى ۋەزىر بولغان. خەن ۋۇدى ئۆلگەندىن كېيىن ئۇ پەرمان بىلەن خەن شىياۋدىنىڭ سىياسەت يۈرگۈزۈشىگە ياردەملەشكۈچى ۋەزىرى بولغان ،خەن سۇلالىسىنىڭ ئوردىسىدا 20 يىلغا يېقىن ئەڭ ئالىي مەنسەپدار بولۇپ خەن سۇلالىسى ئوردىسىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان .غەربىي خەن سۇلالىسى تارىخىدىكى مۇھىم ئەرباب بولۇپ قالغان؛ [4]مۇ شۇنيىڭ ،لىياڭيۆ: «كرورەن ---مىڭلىغان يىللار ئاجايىپاتى ۋە مىڭلىغان يىللار تىلسىماتى »،چەتئەل تىل-يېزىقى نەشرىياتى،2005-يىلى 1-ئاي خەنزۇچە 1-نەشرى 1-بېسىلىشى؛ [5]شاۋلۈيەن:«كروران، مىران ، لوپنۇرلۇقلار» ، « يىپەك يولى ساياھىتى » 6- سان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1989-يۈلۈ 4-ىاي خەنزۇچە 1-نەشرى-بېسىلىشى ؛ [6]سۈماچۈيەن: « تارۈخۈي خاتىرىلەر»، شۈنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1987-يىلى ئۇيغۇرچە- نەشرى-بېسىلىشى 407-بەت؛ [7] موللا مىرسالىھ كاشغەرىي كۆچۈرگەن: «چىڭگىزنامە»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1985- يىل ئۇيغۇرچە 1-ئاي 1- نەشرى ، 1986- يىل ،2-ئاي 1-بېسىلىشى ، 37- بەت؛ [8] موللا مۇسا سايرامىي : «تارىخى ئەمىنىيە »، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000- يىل 8- ئاي ئۇيغۇرچە 2- نەشىر، 2000 – يىل 8-ئاي 2- بېسىلىشى ، 8- بەت؛ [9] موللا مۇسا سايرامىي : «تارىخى ھەمىدىي »، مىللەتلەر نەشرىياتى ، 1986- يىل 12- ئاي ئۇيغۇرچە 1- نەشرى ، 1988- يىل 10-ئاي 2- بېسىلىشى ،68- بەت؛ [10] ۋ.گ .يان: «چۈڭگۈزخان » شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1985- يىل 12- ئاي ئۇيغۇرچە 1- نەشرۈ، 1995 – يىل 12-ئاي 4- بېسىلىشى ، 267- بەت؛ [11]ب د ت پەن- مەدەنىيەت ،مائارىپ تەشكىلاتى ،جۇڭگو سىرتقا قارىتا تەرجىمە -نەشىر شىركىتى: «ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت تارىخى » 1-قىسىم ،خەنزۇچە،2002-يىلى 1-ئاي 1-نەشرى 271-بەت؛ [12] س .گ.كلياشتورنۈي : «قەدۈمكۈ تۈرك –رونىڭ يېزىقىدىكى ئابىدىلەر » شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000- يىل 6-ئاي ئۇيغۇرچە1- نەشرى ، 1- بېسىلىشى،(خەنزۇچىدىن ئابدۇبەسىر شۈكۈر تەرجىمىسى) 205- بەت؛ [13]ئابدۇرەھىم نەزارىي: «دەھرۇلنەجاد »(ئابدۇرەشىد ئىسلامىي نەشرگە تەييارلىغان نۇسخا) 19988- يىلى 5-ىاي 1-نەشرى 11-ىاي 1-بېسىلىشى 71-بەت . «ىەي مۇدبۈر قەششاق ۋە ىەي ىاكابۈر قالتاق » دېگەن جۈملە؛ [14] موللا مۇسا سايرامىي : «تارىخى ھەمىدىي »، مىللەتلەر نەشرىياتى ، 1986- يىل 12- ئاي ئۇيغۇرچە 1- نەشرى ، 1988- يىل 10-ئاي 2- بېسىلىشى ، ؛ [15] جاڭ خۇي: «سېھرىي رايون قۇرىغار: ش ئۇ ئا ر ھەققىدە ئويلىنىش ۋە رومانتىكىلار » بېيجىڭ يېڭى دۇنيا نەشرىياتى 2005- يىل 7- ئاي خەنزۇچە 1- نەشرى ، 1- بېسىلىشى ، 90 – بەت؛ [16]ئارپات . ھىرمان[گېرمانىيە ]: «كرورەن » شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2006- يىلى 5-ئاي 1- نەشرى 1- بېسىلىشى، خەنزۇچە باش تۈزگۈچى ياڭ لىيەن ( 杨镰) نىڭ تەقرىزىگە قارالسۇن؛ [17] ،[18]غالىب بارات ئەرك: «كرورەننىڭ سىرى » شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2004- يىلى 12-ئاي ئۇيغۇرچە 1- نەشرى 1- بېسىلىشى،173-174-بەت.
|