چاقىلىق ناھىيىسى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونۇم ئوبلاستىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا ،تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شەرقىي جەنۇب گىرۋىكىگە جايلاشقان،شەرقىي مېردىئان 86گىرادۇس 45 مىنۇتتىن 93گىرادۇس 45 مىنۇتقىچە،شىمالىي پارالىل 36گرادۇستىن 41 گرادۇس 23 مىنۇتقىچە بولغان دائىرىگە جايلاشقان.غەربتە چەرچەن ناھىيىسى بىلەن،شىمالدا لوپنۇر ناھىيىسى ۋە پىچان ناھىيىسى،قۇمۇل شەھىرى بىلەن،شەرقتە گەنسۇ ،چىڭخەي ئۆلكىسى بىلەن،جەنۇپتا شىزاڭئاپتونۇم رايونى بىلەن چېگرىلىنىدۇ.ئومۇمىي كۆلىمى 202مىڭ 300كۋادىرات كلومېتر،مەملىكىتىمىز بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ناھىيە.ناھىيە بازىرىدىن ئوبلاست مەركىزى -كورلىغىچە بولغان ئومۇمىي ئارىلىق 444كلومېتر.پۇتكۈل ناھىيە ئۈچ بازار(چاقىلىق بازىرى،يېتىمبۇلاق بازىرى،لوپ كۆلى بازىرى)،بەش يېزا(تىكەنلىك يېزىسى،ئۇتام يېزىسى،ۋاششەرى يېزىسى،تۆمۈرلۈك يېزىسى،چىمەنتاغ يېزىسى)بىر ئىشلەپچىقىرىش بىڭتۈەنى(يېزا ئىگىلىك 2-دىۋىزىيىسى 36-تۈەن)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئومۇمىي نوپۇس 3تۈمەن 600،ئۇيغۇر،خەنزۇ،خۇيزۇ،دوڭشىياڭ مىلىتى... قاتارلىق 15مىللەت بار.بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %40ىنى ئىگىلەيدۇ.چاقىلىق ناھىيىسى دائىرىسىدە ئېگىز تاغ -ئويمانلىقلار بىرلىشىپ ،خىلمۇ-خىل يەر شەكلىنى شەكىللەندۈرگەن،شىمالىدا تارىم ئويمانلىقى ھەمدە شەرقىي تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي تاغ بۆلىكى،شەرقىي جەنۇبى ھەم جەنۇبىدا كۇئىنلۇن تېغىنىڭ -ئالتۇنتاغ تاغ تىزمىسى بار،ئالتۇنتاغ ئاسمانپەلەك ھەيۋەتلىك،تىك قىيالىق تاغ،كوئېنلۇن تېغى -چىڭخەي -شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ بىر بۆلىكى. چاقىلىق ناھىيىسى قىشتا سوغۇق،يازدا ئىسسىق،ھۆل-يېغىن ئاز،شامال قاتتىق،چاڭ-توزانلىق كۈنلەر كۆپ،كېچە كۈندۈز تېمپۇراتۇرا پەرقىي چوڭ،تىپىك چوڭ قۇرۇقلۇق مۆتىدىل بەلبېغىنىڭ قۇرغاق،يېرىم قۇرغاق كېلىمات رايونىغا تەۋە.چاقىلىق ناھىيىسىدىكى تاغ-ئېدىرلىقنىڭ كۆلىمى 59200كىۋادىرات كلومېتر،تۈزلەڭلىك 87500كۋادىرات كلومېتر،قۇملۇق55600كۋادىرات كلومېتر،چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى قۇررغاق،ھۆل-يېغىن ئاز،قاقاس تاغ كۆپ قىسىمنى ئىگىلەيدۇ.ئورمان كۆلىمى 1،777،000(بىر مىليون 777مىڭ مو)مو،ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %0.58،ناھىيىنىڭ ئومۇمىي تېرىلغۇ،چارۋىچىلىق،ئورمان كۆلىمى18،900،000(18مىليون900مىڭ مو)مو،ناھىيە كۆلىمىنىڭ% 6.2ىنى،قۇرۇلۇش يەر كۆلىمى 84مىڭ مو،ناھىيە ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ% 0.03ىنى،تېخى ئىشلىتىلمىگەن يەر 2،844،666،000(2مىليارد844مىليون666مىڭ مو)مو،ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ %93.7ىنى ئىگىلەيدۇ.چاقىلىق كان بايلىقى تۈرلىرى كۆپ،يوشۇرۇن مەنبەسى مول،ئېچىش ئىستىقبالى پارلاق،بۇندىن باشقا يەنە مول ياۋايى ھايۋان ،ئۆسۈلۈك بايلىقى،ئۆزگىچە تاغ-دەريا،قەدىمقى يىپەك يولى مەدەنىيەت ئىزلىرى،مەنزىرىسى،مىلىلىي ئۆرپ -ئادەت قاتارلىق ساياھەت مەنبەسى بار. چاقىلىق ناھىيى قەدىمدىن تارتىپ ئىچكىرى ئۆلكىلەرنى ئوتتۇرا ئاسىياغا،شىنجاڭنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگەتۇتاشتۇرىدىغان2-ستراتىگىيىلىك قانال.ئىلگىرى قەدىمقىي يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولغان،جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىكى ئالاھىدە،ستراتىگىيىلىك ئورنى ناھايىتى مۇھىم،چاقىلىق 315دۆلەت تاشيولىنىڭ شىنجاڭغا كىرىش ئېغىزى،218،315-دۆلەت تاشيوللىرى ناھىيىدە كېسىشىدۇ.218-دۆلەت تاشيولى شىمالدا جەنۇبىي شىنجاڭ مۇھىم تۈگۈنى بولغان كورلىدىن،شۇنداقلا غۇلجىدىن ئۆتۈپ قورغاس چېگرىسىغىچە يېتىپ بارىدۇ،315-دۆلەت تاشيولى غەربتە چەرچەندىن ئۆتۈپ،قەشقەرغىچە،شەرقتە چىڭخەي ،سىچۈەندىن ئۆتۈپ گۇاڭشى چۇخەيغىچە تۇتىشىدۇ.218-دۆلەت تاشيولى 2002-يىلى 10-ئايدا ياساپ پۈتكۈزۈلدى،315-دۆلەت تاشيولى پۈتۈن لىنىيە قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاندى.ئۆلكە دەرىجىلىك تاشيول قۇمۇل،-لوپ كۆلى بازىرى بۆلىكى پۈتۈپ، ئاللىقاچان قاتناش باشلاندى.چىڭخەي-شىنجاڭ تۆمۈريولى --كورلا،چاقىلىقتىن ئۆتۈپ،(چىڭخەي)گارمۇنغا تۇتىشىدىغان تۆمۈريول قۇرۇلۇشى دۆلەت قۇرۇلۇش پىلانىغا كىرگۈزۈلدى.دۆلەت تاشيوللىرىنى ئۇلاپ ياساش ھەمدە،چىڭخەي-شىزاڭ تۆمۈريول قۇرۇلۇشىغا ئەگخشىپ،چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ شەرق-غەرب تۇتىشىشى،تارىم ئويمانلىقى شەرقىدىكى مۇھىم تۈگۈنلۈك ئورنى كۈنسىرى گەۋدىلىنىشكە باشلىدى. يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان،چاقىلىق ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ناھىيىدىكى ھەرمىللىت خەلق بىلەن زىچ ئىتتىپاقلىشىپ ھەم ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ،16-قۇرۇلتاي روھى ھەم <ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش>مۇھىم ئىدىيىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ،غەربىي قىسىمنى ئېچىشتەك ئۇلۇغۋار تارىخى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ،،تەرەققىي قىلىشنى پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ ،دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ،ئادەمنى ئاساس قىلىش،ئومۇميۈزلۈك سىجخل تەرەققىيات كۆز-قارىشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،بىر تۇتاش پىلانلاپ،يېزا-بازار،رايون ئىقتىسادىنى،جەمئىيەت،ئادەم،تەبىئەت،<ئۈچتە مەدەنىيەتلىك >تەڭ راۋاجلاندۇرۇپ،<ساداقەتتە ئىتتىپاقلىشىپ،يېڭىلىق يارىتىش،جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ،قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرلەش >تەك چاقىلىق روھىنى تىكلەپ ھەم جارىي قىلدۇرۇپ،يېشىللىق ئېكولوگىيىسىنى تەكىتلەپ،سۇ،توك،قاتناشنى چىڭ تۇتۇپ،كانچىلىق،ساياھەت تۈرلىرىنى ئېچىپ ،تەڭ تەررەققىي قىلدۇرۇپ،<خەلىقنى بېيىتىپ،ناھىيىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش >ئومۇمىي ئىدىيىسىنى تۇرغۇزۇپ،<ئكولوگىيىلىك ناھىيە،يېزا -ئىگىلىك مۇقىم ناھىيە،كانچىلىق قۇدرەت تاپقان ئائىلە،پەن-تېخنىكا،مائارىپ گۈللەنگەن ناھىيە>بەرپا قىلىش يولىدا قىلچە تەۋرەنمەي مېڭىپ،<ئىككى چوڭ ستراتىگىيە>،<ئۈچ چوڭ ئېچىش>نى مەزمۇت ئىلگىرى سۈرۈپ،چاقىلىقنىڭ ئىقتىسادىنى ھەم جەمئىيەتنى ئىزچىل،تېز سۈرئەتتە ،ساغلام تەرەققىي قىلدۇرماقتا.
|