新疆若羌
中文版 بايىنغۇلىن ئوبلاسلىق ھۆكۈمەت تورى شىنجاڭ ھۆكۈمەت تورى مەركەز ھۆكۈمەت تورى ساقلىۋېلىڭ باش بەت قىلىۋېلىڭ
بۈگۈن:
    ھازىرقى ئورنىڭىز:باش بەت > چاقىلىققا نەزەر > ھەرقايسى ناھىيىلەر
           
 

يوپۇرغا ناھىيىسى

 
     〖 〗   

------

   

يوپۇرغا ناھىيىسى تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي قىسمىغا، گەز دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى مارالبېشى ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى يەكەن ناھىيىسى بىلەن، غەرب ۋە غەربىي جەنۇب تەرىپى يېڭىسار ناھىيىسى، يېڭىشەھەر ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى پەيزىۋات ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان، ئۇزۇنلۇقى  93 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى  56 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى  2688.3 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدا بىر بازار،  8 يېزا،  86  كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، يېزا ئىگىلىك 3 - شىسىنىڭ بىر تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى  1545  كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى  122 مىڭ  400 بولۇپ، ئۇيغۇرلار  94.04% نى، خەنزۇلار  5.96% نى تەشكىل قىلىدۇ.
  يوپۇرغا خەن سۇلالىسى دەۋرىدە سۇلى دۆلىتىنىڭ يېرى بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سۇلى تۇتۇق مەھكىمىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سۇلى مەھكىمسىگە قارىغان. مىنگو  29  - يىلى (1940 - يىلى) قەشقەر يېڭىشەھەر، يېڭىسار، پەيزىۋاتنىڭ بىر قىسىم يېرىنى ئايرىپ چىقىپ يوپۇرغا باشقۇرۇش ئىدارىسى قۇرۇلغان. مىنگو  32 - يىلى (1943 - يىلى) باشقۇرۇش ئىدارىسى ناھىيە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ، قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسىگە، جەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرىي رايونىغا، قەشقەر ۋىلايىتىگە قارىغان.
  يەر تۈزۈلۈشى: غەرب تەرىپى ئېگىز، شەرق تەرىپى پەس، تۈزلەڭلىك  86.7% نى، قۇملۇق  13.3% نى ئىگىلەيدۇ. يەر سۇغىرىشتا ئاساسلىقى گەز دەرياسىنىڭ سۈيى بىلەن زەرەپشان دەرياسىنىڭ سۈيىگە تايىنىدۇ. يىللىق ئېقىن مىقدارى  420 - 460 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنىڭ يەر ئاستى سۇ زاپىسى 382 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ئاق بوغۇز بۆكەن، ياۋا توڭگۇز، تارىم توشقىنى قاتارلىقلار بار. ياۋايى دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، توشقان زەدىكى، ئالقات قاتارلىقلار بار.
  يوپۇرغا ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.7℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى  41.8℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 23.4℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى  2800.3 سائەت.  10℃ جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى 4359.2℃،  قىروسىز مەزگىلى  241 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  47.8 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىلىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2656.9 مىللىمېتىر.
  بۇ ناھىيىدە دېھقانچىلىق ئاساس قىلىنىدۇ. ھازىر  18 مىڭ  800 گېكتار ( 282 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر،  9000 گېكتار ( 134 مىڭ  500  مو) ئورمان، 62 مىڭ گېكتار (930 مىڭ مو) ئوتلاق،  53 مىڭ  300  گېكتار (800 مىڭ مو، دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان بۇيەر،  66  مىڭ 700 گېكتار ( 1 مىليون مو) ئورمانچىلىققا باب كېلىدىغان بوزيەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، ئاپىبەدىيان، ئاپتاپپەرەس، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي، ئېشەك ئاساس قىلىنىدۇ. سانائىتىدىن ئېلېكتر قۇۋۋىتى، كۆمۈر، پاختا چىقىرىش، ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.
  يوپۇرغا ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولى  213 -، 310 -  لىنىيىسى ناھىيە تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. يېزا، كەنت يوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان. 1000 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خەۋەرلىشىش بىرلەشمە تورىغا كىرگۈزۈلدى.

«شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان» دىن

   
无标题文档
     
  باشقۇرغۇچى ئورۇن :شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك خەلىق ھۆكۈمىتى

ئۈستىگە ئالغۇچى ئورۇن:شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى

(ئالاقىلىشىڭ :7102165 (0996