ناھىلىك نۇپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومۇتىتى 2010-يىلى 2-ئاينىڭ1-كۈنى ناھىلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ (2010)02-نۇمۇرلۇق ھوججىتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن كومۇتىتىمىز رەھبەرلىرى بۇ خىزمەتكە جىددى قاراپ مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ بۇ يىلقى ئاياللار بايرىمىنىڭ داغدۇغۇلۇق،مەنىلىك ئۆتكۈزىلىشى ئۈچۈن ناھىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى بىلەن پائال ماسلىشىپ كومۇتىتىمىزنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا ئۇيغۇن بولغان ”يېڭى ئەسىردىكى ئەڭ ئوماق كىشىلەردىن بۇلايلى “ تېمىسىدىكى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى،ئارقان تارتىشىش،تەپكۈچ تېپىش،ئارغامچادىن سەكرەش قاتارلىق پالىيەتلەرگە قاتنىشىش بىلەن بىرگە ناھىلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ۋاقىتلىق خادىم كەمچىل بۇلۇش مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كومۇتىتىمىز 3-ئينىڭ1-كۇنىدىن 5-كۈنىگىچە يەنى پالىيەت ئاخىرلاشقۇچە 2 نەپەر خادىم ئاجرىتىپ بۇ يىلقى ئاياللار بايرىمىنىڭ داغدۇغۇلۇق ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزىلىشى ئۈچۈن ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى. |