1. ئۆزىگە خاس «ماكان» بېرىش كېرەك . ئاتا - ئانىلار بالىنىڭ خاراكتېرى ۋە ئىقتىدارىغا ئاساسەن بالىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئەركىن پائالىيەت مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىشى ھەمدە دوستلىرى بىلەن بىللە ئويناشقا ئىلھاملاندۇرۇشى، بۇ مۇھىتتا ئۆزىگە خوجا بولۇش ئەركىنلىكى بېرىشى كېرەك. 2. ۋاقىتنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ھوقۇق بېرىش كېرەك. نۇرغۇن ئاتا - ئانىلار بالىسىنى تېخى كىچىك، ئۆز ئىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىلمەيدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ توغرا ئەمەس. ئەگەر ئاتا - ئانىلار بالىنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى كونترول قىلىۋېلىپ، بالىغا ۋاقىت ۋە پۇرسەت بەرمىسە، بالىدا مۇستەقىل خاراكتېر يېتىلدۈرگىلى بولمايدۇ. 3. مەسىلىگە ئۆزى جاۋاب تاپسۇن. 4. بەزى قىيىنچىلىقلارنى ئۆزىگە ھەل قىلدۇرۇش كېرەك. ئاتا - ئانىلار كۆپرەك باش قاتۇرۇپ، بالىنىڭ ئالدىغا بەزى قىيىنچىلىقلارنى قويۇپ، بالىنى ئۆزى ھەل قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. بالىلار تۇرمۇشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ھەل قىلىشىغا رىغبەتلەندۈرسە، بالىدا مۇستەقىل ئىش قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. 5. دوستلىرى ئارا ئارازلىقنى بالىنىڭ ئۆزى ھەل قىلغىنى تۈزۈك . بالا ئاتا - ئانىسىغا دوستلىرى بىلەن بولغان ئارازلىقنى سۆزلەپ بەرسە، ئاتا - ئانا ئەستايىدىل ئاڭلاپ، توغرا پىكىر بېرىپ، ياخشى تەرەپكە يېتەكلەپ، ئۆزىنىڭ ھەل قىلىشىغا قويۇپ بېرىش، ھەرگىزمۇ بالىنىڭ زىددىيىتىگە ئارىلىشىۋالماسلىق كېرەك. 6. دوستانە رىقابەتكە ئۈندەش كېرەك. جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بالىدا كىچىكىدىن باشلاپ ھەم ھەمكارلىشىدىغان، ھەم دوستانە رىقابەتلىشىدىغان ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆگىنىشتە ئۆز - ئارا دوستانە رىقابەتلىشىشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. 7. بالىغا تاللاش ھوقۇقى بېرىش كېرەك. شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى 1430-سان |