ئاپتوموبىل يول يۈرۈۋاتقاندا قاتناش ھادىسىسى ياكى خاتا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش سەۋەبىدىن ئوت كەتسە ئوت ئۆچۈرۈش مەشغۇلاتى توغرا بولمىغاندا ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.ئادەتتە ئوت كەتكەن ماشىنىدىكى ئوتنى ئۆچۈرۈش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە: دەرھال ئاپتومۇبىلنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۈپ،توك مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىش ھەمدە ماي ساقلاش توكىنىڭ جۈمىكىنى ئېتىۋېتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا دەرھال ئاپتوموبىل كۇسپىدىن چىقىپ كېتىش، ئەگەر ئاپتوموبىل ئىشىكنى ئېچىشقا ئامال بولمىغاندا ئاپتوموبىل دېرىزىسىدىن ئايرىلىپ چىقىش. ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسلىرى ئاپتوموبىل ئىشىكىنى ۋاقتىدا ئېچىپ يولۇچىلارنى تەشكىللەپ تېز سۈرئەتتە ئاپتوبۇستىن ئايرىلىپ چىقىپ كېتىش. ناۋادا ئاپتوبۇسىنىڭ ئوت كېتىش دائىرىسى كىچىك دائىرىدە بولسا ئاپتوبۇستىكى ئىشلىتىشكە بولىدىغان بۇيۇملار ئارقىلىق ئوتنى ئۆچۈرۈش:ئەگەر ئوت كەتكەن دائىرە چوڭ بولسا،يەنە كېلىپ ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىسى بولمىغان ئەھۋالدا،يول ئەتراپىدىكى قۇم-شېغىل،قار -مۇز ئارقىلىق ئوتنى ئۆچۈرۈش ياكى ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئاپتوموبىللارنى توسۇپ ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىسى سوراپ ئېلىش؛ ئەگەر ئاپتۇمۇ بىلدىكى مال-مۈلۈكلەرمۇ ئوت كېتىش خەۋپىنى بولسا،ئوت ئۆچۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا تېز سۈرئەتتە ئاپتوموبىلدىكى ماللارنى ئاپتوموبىلدىن چۈشۈرۈۋېتىش. لېكىن ھەر قانداق ئەھۋالدا چوقۇم ماي بانكىغا ئوت كېتىش ھەم پارتلاشتىن ساقلىنىش لازىم. ئەگەر ئاپتوموبىلغا كەتكەن ئوت كونترول قىلىنماي ئەتراپتىكى ئاممىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىنسە ياكى تېخىمۇ چوڭ ئوت ئاپىتى كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولسا ئوت ئۆچۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاپتوموبىلنى ئامال قىلىپ ئوت كەتكەن جايدىن يۆتكىۋېتىش لازىم. |