| كىنو | MTV | MP3 | flash | رەسىملەر | تەنتەربىيە | تۇرمۇش | تىبابەت | ئەدەبىيات | ئۇنۋىرسال بەت | باش بەت |
| ئۇلىنىش | چايخانا | مۇنبەر | پىسخىكا | مەدەنىيەت | بىلىم كۆزنىكى | ئۇچۇرتورى | چولپانلار | مەشھۇرلار | چۈشۈرۈش | دەرىسخانا |
باش بەت  |   كومپىيوتىر بىلىملىرى   |   ساغلاملىق بىلىملىرى   |   تۇرمۇش بىلىملىرى   |   قانۇن بىلىملىرى   |   يېزا - ئىگىلىك بىلىملىرى  
    ھازىرقى ئورنىڭىز:باش بەت > بىلىم كۆزنىكى > تۇرمۇش بىلىملىرى

ماشىنىدا ماي تېجەشنىڭ قانداق ياخشى ئۇسۇلى بار

مەنبەسى: تور دۇنياسى    يوللىغۇچى: تۇر دى غۇجائەھمەت     يوللانغان ۋاقتى : 2010-05-29    كۆرۈلگەن سانى : 

1- بالوننىڭ يەل بېسىمىنىڭ نورماللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش. چۈنكى بالوننىڭ يېلى ئاز بولۇپ قالسا ياكى ھەددىدىن زىيادە چىڭ بولۇپ كەتسە ماي سەرپىياتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا قەرەللىك ھالدا بالوننىڭ يەل بىسىمىنى تەكشۈرۈپ  تۇرۇش لازىم. ئۇندىن سىرت، خالىغانچە بالوننىڭ چوڭ كىچىكىنى ئالماشتۇرماسلىق لازىم.

كەڭ بالكونلارنى تاللىغاندا، گەرچە ماشىنىڭىزنى مۇسابىقە ماشىنىلىرىدەك ماڭغاندەك قىلسىمۇ، بىراق بالون كېڭەيگەن سىرى  قارشىلىقمۇ  ئېشىپ بارىدۇ، شۇڭا ماشىنىنىڭ يەرنى قاماللاش كۈچىگە بەك ئېھتىياجلىق بولمىسىڭىز، بالوننى ئالماشتۇرۇڭ، بولمىسا قاراپ تۇرۇپ بىكاردىن ماي پۇلىنى ئىسراپ قېلىۋاتىسىز.

2- قەرەللىك ھالدا رول تاختىسى ۋە بالوننىڭ توغرا تەڭشەلگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇڭ. ماشىنا كونىرىغانسىرى بالون ۋە رول تاختىسى تەڭشەكنى يوقىتىدۇ، بۇمۇ مەلۇم مىقداردا ماي سەرپىياتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. 

3- يېپىشىشچانلىقى تۆۋەن بولغان ماتور مېيىنى ئىشلىتىش لازىم. ئادەتتە ماشىنا قوللانمىسىدا ئېنىق قىلىپ ماشىنىغا ئىشلەتكەن ماتور مېيىنىڭ يېپىشىشچانلىقى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە بولۇشى كېرەك دەپ ئەسكەرتىلىش. ماتورمېيىنىڭ يېپىشىشچانلىقى قانچىكى تۆۋەن بولسا، ماتور شۇنچىكى كۈچىنى تېجەپ،  تەبئىي ھالدا ماي تېجەپ قالالايدۇ. 

4- ماتورنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئاسراپ، مەسىلە چىققان ھامان ۋاقتىدا ئوڭشاش لازىم. مەسىلىنىڭ چوڭ كىچىك بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ھەممىسى ماتورنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىپ، ماي سەرپىياتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. 

5- ماشىنا سىرتىنى ياخشى ئاسراش كېرەك. چۈنكى ماشىنا سىرتىدىكى كۆپۈپ چىققان نەرسىلەر ماشىنا ماڭغان ۋاقىتتىكى ئۇچرايدىغان ھاۋا ئېقىمىنىڭ قارشىلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، بۇنداق كۆركەم بىراق ئىشلەتكىلى بولمايدىغان زىننەت بۇيۇملىرىمۇ ئوخشاشلا قارشىلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، شۇڭا ئۇلارنى كەسكىنلىك بىلەن ئېلىۋەتكەن ياخشى.

6- ماينىڭ ئوكتان قىممىتى قانچە يوقىرى بولسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ دېگەن قاراشقا ئىشەنمەڭ. ئەگەر ماشىنىڭىزنى #93لىك ماينى يېسە، بىراق سىز مەجبۇرى #97لىك ماينى بەرسىڭىز، بۇ ئۈنۈمنى ۋاك قۇۋۋەتنى ئاشۇرالمايدۇ. شۇڭا ئاۋۋال ماشىنىغا كېتەرلىك ماي ئوكتان قىممىتىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ، ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭ بىكاردىن پۇلىڭىز ئېرىشىشىدىن ساقلىنىڭ.

7- ماشىنىنى ئۇزۇن ۋاقىت قىزىتماڭ. بىرقىسىم ماشىنا ئىگىلىرى ئەتمىگەنلىرى يولغا چىقىشتىن ئاۋۋال مەلۇم ۋاقىت ماشىنىنى قىزىتىشقا ئامراق، بۇ ياخشى ئادەت، بىراق ماشىنىنى قىزىتىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە يانچۇقىڭىزدا بىلەن ئۇرۇشۇپ قىلسىڭىز مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە ماشىنىنى ئاستا سۈرئەتتە بىر ئىككى كىلومېتىر ھەيدەش ئارقىغىمۇ ماشىنىنى قىزىتىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ. 

8- ئەگەردە ماشىنا ئىچىدە مەلۇم ۋاقىت تۇرۇپ قالىدىغان بولۇپ قالسىڭىز، ھەمدە ماشىنىنى قوزغاتمايدىغان ئىش بولسا، ئەڭ ياخشىسى ماتورنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۋىتىڭ.

9- ماي پىدالىغا كۈچەپ دەسسەپ سۈرئەتنى ئاشۇرماڭ، بۇ پەقەت ماي سەرپىياتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بىراق ھېچقانچىلىك ۋاقتىڭنى تېجەپ بېرەلمەيدۇ. ئۇندىن سىرت يەنە سۈرئەتنى ئاشۇرۇۋەتمەڭ، ئادەتىكى ماشىنىلارغا نىسبەتەن 80 كىلومېتىرلىق سۈرئەت ماي تېجەيدىغان ئەڭ ياخشى سۈرئەتتۇر. سائەتلىك سۈرئىتى ئاشقانسېرى ماي سەرپىياتى ئېشىپ بارىدۇ.

10- ماشىنىنىڭ كەينى ساندۇقىنى داۋاملىق تازىلاپ تۇرۇشنى ئەستىن چىقارماڭ. ئوشۇقچە نەرسىلەر، مەيلى بىرجۈپ ئاز كىيىدىغان توپ ئايىغى بولسۇن، ۋە ياكى ئېشىپ قالغان يىرىم تۇڭ ماشىنا مېيى بولسۇن، ھەممىسى ماشىنىغا ئوشۇقچە ئېغىرلىق چۈشۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يانچۇققا چۈشىدىغان بېسىمىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدۇ.

مەنبە :  تور دۇنياسى     رەتلەپ  يولىغۇچى ؛  تۇر دى غۇجائەھمەت


 
نورمال ئېچىلىدىغان ئۇيغۇرچە توربىكەتلەر
ئالى كەسپى تېخنىكوم يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىروزى باقى ھاجىم تىبابىتى كارۋانلار تورىبىخلان ئۇيۇن تورىيەكەن مائارىپ تورى
ئۇلىنىش ناخشا قانىلىناخشا تورىباس باس تورىچولپانلار تورىئەلكۈيى تورىشىنجاڭ تور مەكتىپى
شىنجاڭ سودا تورىيارىپ ئامبولاتوريىسىخەلـق ھۆكىمەت تورىشىنجاڭ ئۇچۇر تورىئۇستاز توربىكىتىكوئېنلۇن تورى
شامال تورىئالىپ سوفت تورىمائارىپ ئۇلىنىش تورى ياخشى ئونۋىرسال تورىتوقسۇن مائارىپ تورىسەۋدا تورى
توربىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى سەھىپىلىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يىغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۈرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتتىن ئۆچۈرۋاتىمىز.

بۇ بىكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسىغا مەنسۇپ

 新ICP备05001356号      (0996)7102165