| كىنو | MTV | MP3 | flash | رەسىملەر | تەنتەربىيە | تۇرمۇش | تىبابەت | ئەدەبىيات | ئۇنۋىرسال بەت | باش بەت |
| ئۇلىنىش | چايخانا | مۇنبەر | پىسخىكا | مەدەنىيەت | بىلىم كۆزنىكى | ئۇچۇرتورى | چولپانلار | مەشھۇرلار | چۈشۈرۈش | دەرىسخانا |
باش بەت  |   كومپىيوتىر بىلىملىرى   |   ساغلاملىق بىلىملىرى   |   تۇرمۇش بىلىملىرى   |   قانۇن بىلىملىرى   |   يېزا - ئىگىلىك بىلىملىرى  
    ھازىرقى ئورنىڭىز:باش بەت > بىلىم كۆزنىكى > تۇرمۇش بىلىملىرى

مۇھەببەتلەشكەن چاغلىرىڭىزنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ

مەنبەسى:     يوللىغۇچى: ئايجامال     يوللانغان ۋاقتى : 2010-01-19    كۆرۈلگەن سانى : 

مۇھەببەتلەشكەن چاغلىرىڭىز ئىسىڭىزدىمۇ؟ ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ چىرايلىق تەرىپىنى كۆرسىتىشكە تىرشىپ، ئەينەكنىڭ ئالدىدا سائەتلەپ ئولتۇراتتىڭىز، ئەڭ يارشىملىق كىيىملىرىڭىزنى كىيەتتىڭىز، چېچىڭىزنىڭ قانداق پوسۇندا بولۇشىنى ئارزۇ قىلسا شۇ پوسۇندا ياسىتاتتىڭىز، ئۇ نېمىنى ياخشى كۆرسە شۇنى يەيتىڭىز، تاكسىغا چىقايلى دېسە، ئەرزانراق ئاپتوبۇسقا ئولتۇرايلى دەپ تۇرۇۋالاتتىڭىز. بەتخەجلىك قىلىشنى خالىمايتىڭىز، ئاتا- ئانىسى، دوست – بۇرادەرلىرىنى ئىنتايىن ھۆرمەت قىلاتتىڭىز... توي قىلىش بىلەن مۇھەببەتلىشىش ئىككىسى ئىككى ئىش. ئۇمۇ، سىزمۇ زور دەرىجىدە ئۆزگىرىسىز، بۇرۇن بىر- بىرىڭلارغا رەڭلىك كۆزئەينەك ئاستىدىن قارىغان بولساڭلار، توي قىلغاندىن كىيىن لوپا ئەينەكتىن قارايدىغان بولىسىلەر، بۇرۇن ئەڭ چىرايلىق تەرەپنىلا كۆرسەتكەن بولسىڭىز، ئەمدى بۇ سەل تەسكە توختايدىغان بولىدۇ. لېكىن، شۇنداقتىمۇ ئۆزىڭىزنى يەنىلا ئېرىڭىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سۆيگىنى دەپ قاراپ، ئۇ ياخشى كۆرىدىغان چاچ پوسۇنىنى لاھىھلەڭ، ئۇ ياخشى كۆرىدىغان رەڭدىكى كىيىملەرنى كىيىڭ. نىكاھ- بىر جۈپ ئاياغقا ئوخشايدۇ، پۇتىڭىزغا كەيگەندىن كېيىنلا ئاندىن ماس كەلگەن – كەلمىگەنلىكىنى بىلىسىز. ئېرىڭىز ياخشى كۆرىدىغان «ئەندىزە» بويىچە بىر جۈپ نىكاھ ئايىغىنى تىكتۈرۈڭ، ئاياغ بوغقۇچىنىڭ چىڭ ياكى بوشلۇقى پۈتۈنلەي سىزنىڭ قولىڭىزدا. ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ پۇتى « تەرلەپ تۇرىدۇ»، « نىكاھ ئايىغى» تىكتۈرگەن چېغىڭىزدا يۈزلۈكىگە چوقۇم بىر نەچچە كىچىك تۆشۈكچە قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، شۇندىلا ئېرىڭىزنىڭ پۇتى تېخىمۇ راھەت، تېخىمۇ سالقىن تۇرىدۇ. چىن مۇھەببەتنىڭ ماھىيىتى شۇ يەردىكى، ئىنسان ئۆزىنى ئۇنتۇپ، باشقا بىر « مەن» گە سىڭىپ كېتىدۇ، ئۇنتۇلۇش ۋە سىڭىپ كېتىش جەريانىدا ئۇ ئۆزى تەبىئي ھالىتىنى بايقايدۇ ۋە ئۆز- ئۆزىنى تېپىۋالىدۇ. - گېگىل دىلۇ جان بىلەن ھەركىم بولسا ئاشىق، بولۇر مەشۇقىغە جاندەك مۇۋاپىق. -ئايجامال

 
نورمال ئېچىلىدىغان ئۇيغۇرچە توربىكەتلەر
ئالى كەسپى تېخنىكوم يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىروزى باقى ھاجىم تىبابىتى كارۋانلار تورىبىخلان ئۇيۇن تورىيەكەن مائارىپ تورى
ئۇلىنىش ناخشا قانىلىناخشا تورىباس باس تورىچولپانلار تورىئەلكۈيى تورىشىنجاڭ تور مەكتىپى
شىنجاڭ سودا تورىيارىپ ئامبولاتوريىسىخەلـق ھۆكىمەت تورىشىنجاڭ ئۇچۇر تورىئۇستاز توربىكىتىكوئېنلۇن تورى
شامال تورىئالىپ سوفت تورىمائارىپ ئۇلىنىش تورى ياخشى ئونۋىرسال تورىتوقسۇن مائارىپ تورىسەۋدا تورى
توربىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى سەھىپىلىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يىغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۈرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتتىن ئۆچۈرۋاتىمىز.

بۇ بىكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسىغا مەنسۇپ

 新ICP备05001356号      (0996)7102165