بانكا ئامانەت كارتىڭىزنىڭ ئالدامچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىدىن ھەزەر ئەيلەڭ ئادەتتە، كىشىلەر بانكا ئامانەت كارتىسىنى قولىغا ئالغاندا، كارتىدىكى ئىسىمنىڭ توغرا بولغان بولمىغانلىقىغىلا قاراپ، كارتا كەينىدىكى ئۇزۇن نومۇرغا دىققەت قىلمايدۇ. ئىككى ئالدامچى دەل مۇشۇ يوچۇقتىن پايدىلىنىپ، شياۋ ۋېن (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) نىڭ ئامانەت كارتىسى بىلەن يېرىم سائەتتە ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن 95مىڭ يۈەننى ئېلىۋالغان. شياۋ ۋېن ۋاقتىدا بۇ ئىشنى سېزىۋېلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلغان ھەم ئامانەت كارتىسىدا قېپقالغان 135 مىڭ يۈەننى توڭلىتىۋەتكەن. بىراق، ئۇ بانكا ئامانەت كارتىسىغا مەخپىي نومۇر سەپلىمىگەچكە، بۇ پۇلنى بانكىدىن ئالالمىغان، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىلا ئۇنىڭغا ئىسپات بولالىغان. 21 – دېكابىر، ئۈرۈمچى سايباغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم ئارقىلىق ئامانەت كارتىسىدا قېپقالغان 135مىڭ يۈەن ۋە ئۇنىڭ ئۆسۈمىنىڭ شياۋ ۋېننىڭ ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن. ئىككى يىل جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق شياۋۋېن ئاخىرى پۇلىنى بانكىدىن ئالالىغان. ئەسلىي ئىش مۇنداق بولغان: 2007 – يىلى 5 – ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى جياڭ فامىلىلىك بىر ئەر شياۋ ۋېننىڭ شىركىتىگە كېلىپ، شياۋ ۋېنغا بىر نەۋرە ئاكىسىنىڭ خەلق سوت مەھكىمىسىدە ئىشلەيدىغانلىقىنى، بۇ سوت مەھكىمىسى تۇتۇپ قالغان 100توننىدىن ئارتۇق تۆمۈر ماتېرىيالىنى نەۋرە ئاكىسى ۋاڭ x نىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا بەرگەنلىكىنى ئېيتقان. ئەينى چاغدا بازاردا تۆمۈر ماتېرىياللار بەكلا قىس ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قارشى تەرەپ قويغان باھامۇ بازار باھاسىدىن خېلىلا تۆۋەن بولغاچقا، شياۋ ۋېن دەرھال سېتىۋالماقچى بولغان ھەم ۋاڭ x نىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئەتىسى ئالايىتەن جياڭ فامىلىلىك بىلەن بىللە سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن. ئارقىدىن ئۈچەيلەن بىللە بىر چايخانىغا كىرگەن. ۋاڭ x سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆزىنى تۆمۈر ماتېرىياللارنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، بەلگىلىمە بويىچە نەق پۇل ئالمايدىغانلىقىنى، شۇڭا مەلۇم بىر بانكىغا بېرىپ ئامانەت كارتىسى بېجىرىپ، پۇلنى شۇ كارتىغا ئۇرۇۋېتىشنى، مالنى ئالغاندا پۇلنى ئاغدۇرۇپ بېرىشىنى ئېيتقان. بۇنداق پۇل تاپشۇرۇش ئۇسۇلى نورمال بولغاچقا، شياۋ ۋېن گۇمانلانمىغان. كېيىن، شياۋ ۋېن جياڭ فامىلىلىكنىڭ ھەمراھلىقىدا مەلۇم بانكىغا بېرىپ ئامانەت كارتىسى بېجىرگەن. بىراق ئويلىمىغان يەردىن جياڭ فامىلىلىك بىلەن ۋاڭ x شياۋ ۋېننىڭ نامىدا يالغان كىملىك ياساتقان ھەم بۇ كىملىك بىلەن مەلۇم بانكىنىڭ يەنە بىر تىجارەت زالىدا پۇل قويۇش دەپتىرى ھەم كارتا بېجىرگەن. پۇل قويۇش دەپتىرىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، شياۋ ۋېن بىلەن جياڭ فامىلىلىك چايخانىغا كىرگەن ھەم جياڭ فامىلىلىك شياۋ ۋېنگە بېجىرگەن پۇل قويۇشدەپتىرىنى ۋاڭ x نىڭ كۆرۈپ بېقىشىنى ئېيتقان، شياۋ ۋېن كۆپ ئويلانمايلا دەپتەرنى ئۇنىڭغا بەرگەن. بۇ ۋاقىتتا ۋاڭx تېزلىكتە شياۋ ۋېن بېجىرگەن دەپتەر بىلەن ئۆزى بېجىرگەن دەپتەرنى ئالماشتۇرۇۋالغان. شياۋ ۋېن دەپتەرنى قولىغا ئېلىپ ئالايىتەن يەنە بىر قېتىم قارىۋەتكەن ھەم دەپتەردىكى ئىسىم ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن ئوخشاش بولغاچقا، گۇمانلانمىغان. كېيىن شياۋ ۋېن شىركىتىنىڭ مالىيە بۆلۈمىدىكىلەرگە تېزدىن 300مىڭ يۈەن تەييار قىلىشىنى ئۇقتۇرغان، ۋاقىت قىس بولغاچقا، مالىيە بۆلۈمىدىكىلەر 230 مىڭ يۈەننى تەييار قىلغان. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن شياۋ ۋېن بانكىغا بېرىپ 230 مىڭ يۈەننى بېجىرگەن ئامانەت دەپتىرىگە ئۇرۇۋەتكەن. يېرىم سائەتتىن كېيىن ئۇ جياڭ فامىلىلىككە تېلېفون ئۇرۇپ پۇلنى بانكىغا سېلىۋەتكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ مال ئالغىلى بارىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىراق جياڭ فامىلىلىك ئۇنىڭغا ۋاڭ x نىڭ يىغىندا ئىكەنلىكىنى، بىرئازدىن كېيىن مال ئالغىلى كەلسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. يېرىم سائەت ئۆتكەندىن كېيىن شياۋ ۋېن دەر گۇماندا بولۇپ دەرھال ئامانەت دەپتىرىدىكى پۇلنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بانكىغا كەلگەن، بىر نەچچە قېتىم تەكشۈرگەن بولسىمۇ، ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن ‹‹مەخپىي نومۇر خاتا››، دېگەن بۇيرۇق كەلگەن. بۇ ۋاقىتتا شياۋ ۋېن چۆچۈپ كەتكەن ھەم دەرھال پۇل قويغاندا بانكا چىقىرىپ بەرگەن تالوننى ئېلىپ، بانكا خادىمىدىن ئامانەت دەپتىرىدىكى ئېشىنچا پۇلنى سۈرۈشتۈرۈپ بېرىشىنى ئۆتۈنگەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق شياۋ ۋېن كارتىدىكى 95مىڭ يۈەننىڭ ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن باشقىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلگەن. ئۇ دەرھال بانكىغا ئېشىپ قالغان پۇلنى توڭلىتىشنى ئېيتقان ھەم ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلغان. ئۇ سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق قولىدىكى بانكا كارتا نومۇرى بىلەن ئۆزى بېجىرگەن كارتا نومۇرىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلگەن. ج خ ئورگانلىرى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن بولسىمۇ، شياۋ ۋېن قىممىتى بار يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىيەلمىگەچكە، دېلونى پاش قىلالمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە شياۋ ۋېن مەخپىي نومۇرنى بىلمىگەچكە، ئىككى يىلدىن بۇيان توڭلىتىلغان 135 مىڭ يۈەننى ئالالمىغان، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىلا ئۇنىڭ بانكىدىن پۇلىنى ئېلىشىغا ئىسپات بولالىغان.
|