| كىنو | MTV | MP3 | flash | رەسىملەر | تەنتەربىيە | تۇرمۇش | تىبابەت | ئەدەبىيات | ئۇنۋىرسال بەت | باش بەت |
| ئۇلىنىش | چايخانا | مۇنبەر | پىسخىكا | مەدەنىيەت | بىلىم كۆزنىكى | ئۇچۇرتورى | چولپانلار | مەشھۇرلار | چۈشۈرۈش | دەرىسخانا |
باش بەت  |   كومپىيوتىر بىلىملىرى   |   ساغلاملىق بىلىملىرى   |   تۇرمۇش بىلىملىرى   |   قانۇن بىلىملىرى   |   يېزا - ئىگىلىك بىلىملىرى  
    ھازىرقى ئورنىڭىز:باش بەت > بىلىم كۆزنىكى > تۇرمۇش بىلىملىرى

ئاچ قورساققا يېيىشكە بولمايدىغان يېمەكلىكلەر

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرتورى    يوللىغۇچى:     يوللانغان ۋاقتى : 2009-10-30    كۆرۈلگەن سانى : 

سۈت، قېتىق، پۇرچاق سۈتى: بۇ يېمەكلىكلەر تەركىبىدە ئاقسىل كۆپ بولغانلىقتىن، ئۇنى ئاچ قورساق ئىستېمال قىلغاندا، ئاقسىل خوراپ كېتىپ، ئوزۇقلۇق تولۇقلاش رولىنى ئوينىيالمايدۇ.

   ھاراق: ئاچ قورساققا ھاراق ئىچكەندە، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

   چاي: ئاچ قورساققا چاي ئىچكەندە، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى تېخىمۇ سۇيۇلدۇرۇۋېتىپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، يەنە يۈرەك ئېغىش، باش قېيىش، باش ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئىچى تىتىلداشتەك ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

   شېكەر: شېكەر ئاسان ھەزىم بولىدىغان ۋە سۈمۈرۈلىدىغان يېمەكلىك بولسىمۇ، ئاچ قورساققا شېكەر ئىستېمال قىلسا، كۆپ مىقداردا ئىنسۇلىن ئاجرىلىپ، قان قەنتىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ.

   بانان: تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ماگنىي بولۇپ، ئاچ قورساققا بانان يېگەندە، قاندىكى ماگنىي بىلەن كالتىسىينىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ، يۈرەك قان تومۇرلىرىغا زىيان يېتىدۇ.

   دولانا، ئاپېلسىن: دولانا، ئاپېلسىن تەركىبىدە كۆپ مىقداردا  مېۋە كىسلاتاسى بولۇپ، ئۇنى ئاچ قورساققا يېگەندە، ئاشقازاننىڭ كىسلاتالىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، قورساق كۆپۈش، سېرىق سۇ يېنىش، ھەتتا ئېغىر ئاشقازان ياللۇغى ۋە ئاشقازان يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

   سامساق: ئاچ قورساققا سامساق يېگەندە، ئاشقازان شىللىق پەردىسى، ئۈچەي دىۋارىنى قاتتىق غىدىقلاپ، قورساقنى ئاغرىتىدۇ .

 
نورمال ئېچىلىدىغان ئۇيغۇرچە توربىكەتلەر
ئالى كەسپى تېخنىكوم يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىروزى باقى ھاجىم تىبابىتى كارۋانلار تورىبىخلان ئۇيۇن تورىيەكەن مائارىپ تورى
ئۇلىنىش ناخشا قانىلىناخشا تورىباس باس تورىچولپانلار تورىئەلكۈيى تورىشىنجاڭ تور مەكتىپى
شىنجاڭ سودا تورىيارىپ ئامبولاتوريىسىخەلـق ھۆكىمەت تورىشىنجاڭ ئۇچۇر تورىئۇستاز توربىكىتىكوئېنلۇن تورى
شامال تورىئالىپ سوفت تورىمائارىپ ئۇلىنىش تورى ياخشى ئونۋىرسال تورىتوقسۇن مائارىپ تورىسەۋدا تورى
توربىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى سەھىپىلىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يىغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۈرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتتىن ئۆچۈرۋاتىمىز.

بۇ بىكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسىغا مەنسۇپ

 新ICP备05001356号      (0996)7102165